تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (14)

1913595
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى

 

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (14)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ دەسلەپتە تاكسىمدا ئاندىن كاراكامىشتا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، تۈركىيە سۈرىيەدە يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ. تاكسىم ھۇجۇمى پ ك ك نىڭ يېڭى تىپتىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۇش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم. ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تېز سۈرئەتتە قولغا چۈشۈرۈلۈشى، پ ك ك نىڭ پىكىر بۇرمىلاش ھەرىكىتى ۋە تەتۇر تەشۋىقات ئارقىلىق ئاممىدا خاتا قاراش پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتىنى يوققا چىقاردى. تۈركىيە ھۇجۇمغا جاۋاب سۈپىتىدە پەنچە-قىلىچ ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى پ ك ك/ ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ھاۋا ھەرىكىتى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنغان بۇ ھەرىكەت نۇرغۇن جەھەتلەردىن يېڭىلىقلارغا ئىگە ئىدى. بىرىنچى بولۇپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى نۇقتىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى، تۈركىيەنىڭ كەڭ رايوندا بىرلا ۋاقىتتا شۇنچە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككىنچىدىن، سۇلايمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 70 كىلومىتىر كەڭلىكتىكى نۇقتىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىمۇ كۆزدە تۇتۇلغاندا، تۈركىيەنىڭ ي پ گ غا سۈرىيەنىڭ ھەرقانداق يېرىدە زەربە بېرەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ بەردى. ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ ئارقىدىن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئەمدىكى دىنامىكلىرى ئىنتايىن پەرقلىق ئەلۋەتتە.

دەرۋەقە، «قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە نېمە ئۈچۈن ئېھتىياجلىقمىز؟» دېگەن سوئال تولىمۇ مۇھىم. شۇنىسى ئېنىقكى، ي پ گ سۈرىيەنىڭ زېمن پۈتۈنلىكى نۇقتىسىدىن مۇقىمسىزلىقىنىڭ ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ي پ گ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق ئافرىن، جارابلۇس، ئازەز ۋە ئەل باب قاتارلىق كۆپ نوپۇسلۇق رايونلارغا قەرەللىك ھۇجۇملارنى قىلىپ، پۇقرالارنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە. ي پ گ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئاينەل ئەرەبتىن تۈركىيەگىمۇ ھۇجۇم قىلماقتا. ي پ گ نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا بولسا، ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىنمۇ تەرتىپلىك ھالدا دوكلات قىلىنماقتا. ي پ گ نىڭ يەنە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە نىسبەتەنمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك. چۈنكى ي پ گ نىڭ ئاپتونومىيەلىك ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.

تۈركىيە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، رايوننى تېررورلۇقتىن تازىلاش ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق پاناھلانغۇچىلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى زۆرۈر دەپ قارىماقتا. چۈنكى 2019 - يىلى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى تېخىچە ئىجرا قىلىنغىنى يوق. بۇ كېلىشىملەرگە بىنائەن ي پ گ تۈركىيە چېگراسىدىن 30 كىلومىتىر يىراقلىققا چېكىنىشى ۋە ئۇلاردىن بېكارلانغان جايلارغا سۈرىيە ھاكىمىيەت قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق، بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇڭا تۈركىيەگە نىسبەتەن ھەربىي ھەرىكەت بىردىنبىر تاللاشقا ئايلانغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئۇنداقتا، تۈركىيە قانداق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقچى؟

بۇ ھەقتە بىر قانچە خىل سېنارىيەدىن سۆز ئىچىشقا بولىدۇ. بىرىنچى سېنارىيەدە، تۈركىيە ئاساسلىقى تېل رىفات ۋە مۇنبىچتىكى ي پ گ نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ ئازاد قىلىنىشى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئاندىن تۈركىيە چېگراسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا جايلاشقان ئاينەلئەرەبنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ. ئاينەلئەرەب سۈرىيەنىڭ خەلقئارادا ئەڭ كۆپ تونۇلغان شەھەرلىرىنىڭ بىرسى. دائېش بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، رايوندىن كەلگەن مىڭلىغان پاناھلانغۇچى تۈركىيەدە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. كېيىنچە ي پ گ رايوننى ئىشغال قىلغان ئىدى. بۇ نۇقتىدا تۈركىيەنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارادا نارازىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، تۈركىيە ي پ گ نىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگىدەك قىلىدۇ.

ئىككىنچى خىل سېنارىيەگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي چېگرىسىدىكى رايونلىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەرىكەت رايونىنى كېڭەيتىدۇ. لېكىن بۇ نۇقتىلاردا ي پ گ بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيەت قىسىملىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ھەرىكەت ئانچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ئورنىغا بۇ رايوندا بەلكىم بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ۋە بۇ رايوننى بۇرۇنقىغا ئوخشاش سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىن.

ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر تەرىپى، چەت ئەللىك ئاكتىيورلارنىڭ تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەىسىدۇر. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالاۋاتقانلىقى ۋە شۇڭا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە پۈتۈنلەي قارشى ئەمەسلىكى مەلۇم. ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىمۇ ئىلگىرىكى ھەرىكەتلەرگە تۇتقاندەك ئۇنچە قاتتىق ئەمەس. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى رولىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا باغلاش مۇمكىن. ئىران بولسا، قارىماققا بۇ ھەرىكەتكە قارشى تۇرغاندەك قىلىسىمۇ، ئەمما ئىچكى مالىمانچىلىقلارئىراننىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرىنى ئۆرگەرتىۋەتكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

قىسقارتىپ ئېيتقاندا شارائىتلار تۈركىيەگە پايدىلىقتەك قىلىدۇ.

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر