پەنچە قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (13)

1910759
پەنچە قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى

پەنچە قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى

 پەنچە قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (13)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «پەنچە قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى تارماق تەشكىلاتى ي پ گ نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىستانبۇلدا ئېلىپ بارغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، تۈركىيە كۈتۈلگىنىدەك جازالاش ھەرىكىتىنى باشلىدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە قىسىملىرى پەنچە قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتىنى باشلاپ، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى پ ك ك/ ي پ گ   نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن نىشان پاچاقلاپ تاشلانغان ۋە 250 ئەتراپىدا تەشكىلات ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلغان. ھەرىكەت 1200 كىلومىتىرلىق چېگرا لىنىيەسى ۋە 150 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتىن تەشكىل تاپقان ئىنتايىن كەڭ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پ ك ك/ ي پ گ نىڭ قانچىلىق ئالاقزادىلىككە چۈشكەنلىكى مەلۇم.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراق ۋە سۈرىيىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىۋاسىتە تېررورلۇق كاتتىۋاشلىرىنى ھۇجۇم نىسانى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك كۈنسېرى بۇلۇڭغا قىستىلىشقا باشلىغان، بولۇپمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ئىنتايىن ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچراپ، ئۆزلىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئىستراتېگىيىلىك رايوندىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى ھەزىم قىلالمىغان تېرورلۇق تەشكىلاتى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە پائالىيەت قىلىشنىڭ كويىدا بولماقتا ئىدى. گەرچە نۇرغۇنلىغان تېرورلۇق ئۇرۇنۇشلىرى توسۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئىستانبۇل تاقسىمدا بومبا بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن پۇقرالانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تۈركىيە بۇ ھۇجۇمغا قاتتىق جاۋاپ قايتۇرۇپ، «پەنچە قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى» ناملىق جازالاش ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئىراق ۋە سۈرىيەدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت دائىرىسىدە، 1200 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسى ۋە 150 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇققا سوزۇلغان كەڭ رايونغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى 3 كۈندە جەمئىي 500 نىشان پاچاقلاپ تاشلىنىپ، تەخمىنەن 250 پ ك ك تېرورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى. تېل رىفات، مەنبىچ، ئاين ئەل ئەرەب، ئەين ئەيسا، كامىشلى ۋە مالىكىيە قاتارلىق رايونلاردىن تارتىپ، ئىراقتا ھاكۇرك، قاندىل ۋە ئاسوسقىچا بولغان رايونلار ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. پ ك ك/ي پ گ نىڭمۇ بۇنچە كەڭ كۆلەملىك جازالاش ھەرىكىتىنى مۆلچەرلىمىگەنلىكى، ئېغىر يوقۇتۇشلار ئاستىدا ۋەھىمىگە قاتتىق چۈشكەنلىكى مەلۇم.

ئونلىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىق مەركەزلىرى، ھەربىي بازىلىرى، مەشىق رايونلىرى، ئوق دورا ئىسكىلاتلىرى ۋە تونېل لىنىيەلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى. تۈركىيە قىسىملىرى تۇنجى قېتىم سۈرىيەدىكى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسىسەلىرىگە زەربە بېرىشنى باشلىدى. بولۇپمۇ مالىكىيە-كامىشلى لىنىيەسىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە تەبىئىي گاز ساھەلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.  75 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دەير ئەززور رايونى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پ ك ك/ي پ گ نىڭ <ي ئا ت> ناملىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تەربىيلىگەن ئېلېمېنتلىرىنىڭ باش قوماندانلىق مەركىزىمۇ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق بىتچىت قىلىندى.

 تۈركىيە ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن پ ك ك/ي پ گ غا ئومۇميۈزلۈك جازالاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئەمما تېرورلۇق تەشكىلاتىمۇ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ئەين ئەل-ئەرەب رايونىدىن كاركامىش رايونىدا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئازەز شەھىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. ھەربىي جەھەتتە تۈركىيە ئارمىيەسى ئالدىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولماقتا. لېكىن پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملار تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاخىرقى باياناتىدا قايتىدىن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭمۇ سىگنالىنى بەردى. ئەردوغان بىر مەزگىل ئىلگىرى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەمما پۇتىننىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ھەرىكەتنى توختىتىپ تۇرغان ئىدى. بۇ ئارىلىقتا سۇرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. شۇنىڭدەك بۇ قېتىملىق ھاۋا ھەرىكىتىدە پ ك ك تەرەپتە تۇرغان نۇرغۇنلىغان سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئاخىرىدا، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ھۇجۇملارنى پۈتۈنلەي توختىتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پ ك ك نى چېگرا لىنىيەسىدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاشقا مەجبۇر.

خەلقئارا شارائىت تۈركىيەگە پايدىلىق بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھەركەت باشلاش مۇمكىنلىكى ئىنتايىن يۇقىرى. بىرىنچى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدىغان رايونلار تېل رىفار، مانبىج ۋە ئەين ئەل ئەرەب بولغۇسى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر