ئالاخان موناستىرى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، «ئالاخان موناستىرى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1910425
ئالاخان موناستىرى

ئالاخان موناستىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ دۇنيا دىنلار تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولغان جاي. خىرىستىيان دىنى يېڭى دىن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا، يېڭى دىننىڭ ئېتىقادچىلىرى قۇددۇس ۋە رىمدا زۇلۇمغا ئۇچرايدۇ. ئانادولۇ بولسا، زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكتىن قاچقانلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن باغرىغا باسىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تۇنجى خىرىستىيانلار ھايات قېلىش، ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىندا ئەركىن ياشاش ۋە دىننى تارقىتىش ئۈچۈن ئانادولۇغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىدۇ. خىرىستىيان دىنىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ساينىت پاۋلو بىلەن خىرىستىيان دىنىنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك زاتلىرىنىڭ بىرى بولغان ساينىت بارناباس خىرىستىيانلارنىڭ ئانادولۇغا كىرگەن تۇنجى رەھبەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.

* * * * *

ساينىت پاۋل ۋە ساينىت بارناباس ئانادولۇدا ئايلىنىپ يۈرۈپ خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىش جەريانىدا، نۇرغۇن جايلاردا تۇرۇپ قالىدۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇلار تۇرغان جايلاردا ئۇلارنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلىنىپ چېركاۋلار سېلىنىدۇ. مەرسىننىڭ مۇت ناھىيەسىدىكى ئالاخان موناستىرىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. گۆكسۇ ۋادىسىنىڭ تىك ئېتىكىگە سېلىنغان ئالاخان موناستىرى، بىرى يىقىلىپ چۈشكەن ئىككى چېركاۋ، قىيالىقلارغا ئويۇپ ياسالغان راھىبلار ھۇجرىلىرى، چۆمۈلدۈرۈش ئۆيى ۋە قەبرىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. دۇنياغا داڭلىق سەيياھىمىز ئەۋلىيا چەلەبى سېھرىي كۈچكە ئىگە بۇ موناستىر ھەققىدە: «قارىماققا ئۇ ئۇستىسىنىڭ قولىدىنن يېڭىلا چىققاندەك تۇرىدۇ» دەيدۇ.

ئالاخان موناستىرى كاپادوكيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ كاپادوكيادىكىگە ئوخشاش بەزىلىرى تەبىئىي، بەزىلىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن تاشقا ئويۇپ ياسالغان ئۆڭكۈرلەر بار. بۇ رايوندا زاھىدلىق ھاياتى ساقلىنىپ قالغان باشقا موناستىرلارمۇ بار. ئەمما ئالاخان موناستىرى مۇھىم ۋە كۆزگە كۆرۈنەرلىك قۇرۇلمىلىرى بىلەن باشقا موناستىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ خىرىستىيانلارنىڭ ھەج يولىغا جايلاشقان، يەنە كېلىپ، موناستىرنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھەج مەركىزى دەپ قارىلىدۇ. دىنىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ موناستىر، كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى، راھىب ھۈجرىلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

* * * * *

ئالاخان موناستىرى خىرىستىيان ئېتىقادىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە نۇقسانسىز گۈزەل ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىزلىككە سېلىنغان بۇ موناستىرنىڭ بىرى شەرق، يەنە بىرى غەرب تەرەپتە بولۇپ، ئىككى پەرقلىق چېركاۋى بار؛ ئۇلارنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى ئايا سوفيانىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئوخشايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ «مەرسىننىڭ ئاياسوفىياسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار، قۇرۇلۇشلاردىكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېگىز جايغا سېلىنغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، موناستىرنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بېغىشلانغانلىقى قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جەلپ قىلارلىق تاش ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئالاخان موناستىرىنىڭ تاملىرى ھۆركىرەۋاتقان شىر، بۈركۈت، بېلىق، ساپاق ئۈزۈم، پوپۇرماق ۋە ئىنجىلدىكى ئىلاھىي بايانلارغا ئاساسەن بېزەلگەن. موناستىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قۇرۇلۇشى شەرق چېركاۋى بولۇپ، ئۇ يەنە «گۈمبەز چېركاۋى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چېركاۋ تىك تۆت بۇلۇڭلۇق ئۇل ئۈستىدە قەد كۆتۈرگەن بولۇپ،  گۈمبىزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاملىرىنىڭ ھەممىسى پۇختا ساقلىنىپ قالغان، تاملىرى قاپارتمىلار بىلەن بېزەلگەن. تەخمىنەن 1500 يىل ئىلگىرى سېلىنغان موناستىرنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك ئىشىك رامكىسى تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ قاپارتما نەقىشلىرى شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن ئىشلەنگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئالاخان موناستىرىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك قۇرۇلمىسى قەبرىلەر بولۇپ، تاشقا ئويۇپ ياسالغان قەبرىلەر موناستىرنىڭ مۇھىم دىنىي خادىملىرىغا تەۋە.

بۇ موناستىر دەسلەپكى دەۋر خىرىستىيان سەنئىتى ۋە ۋىزانتىيە بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئوخشىمىغان لايىھەلەش تېخنىكىسى، ئۇستا تاش بېزەكچىلىكى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قاپارتما بېزەكلىرى بىلەن نۆۋەتتە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ئالاخان موناستىرى بىر دەۋر باشتىن كەچۈرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ گۇۋاھچىسى. نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى خىرىستىيان ھاجىلارغا ئىشىكىنى ئاچقان بۇ موناستىر، ھازىرمۇ زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تورۇس تاغلرىنىڭ ئېتىكىدىكى ئورنى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىسى بىلەن كۆرگەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر