يۆتەلنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (12)

1909475
يۆتەلنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

يۆتەلنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى يۆتەلنى ئاسان بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

  • ئىچىدىغان سۇنى كۆپەيتىڭ

ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن ئېقىش، كېكىردەكنى غىدىقلاپ، يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇن ئېقىشنى شالاڭلىتىش ئارقىلىق كېكىردەك غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىغىلى ياكى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىشمۇ كېكىردەكنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق يۆتەلنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. كۈنىگە ئاز دېگەندە 2 لىتىر سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

  • پىياز سۈيى

1 پىيازنى 4 گە بۆلۈپ، 1 ئىستاكان سۇ ئىلاۋە قىلىپ قاينىتىڭ. 5 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئازراق سوۋۇشىنى كۈتۈڭ. ئىللىغان چاغدا، سۈيىنى سۈزۈپ، ئۇنىڭغا 1 قوشۇق ھەسەل ئىلاۋە قىلىپ، ئىچىڭ.

 

  • تۇرۇپ سۈيى

تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ، ئاستىنى تېشىڭ. ئاندىن تۇرۇپنى ئىستاكانغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ھەسەل ئىلاۋە قىلىڭ. تۇرۇپنى ئەتىسىگىچە قويۇپ، ئىستاكانغا چۈشكەن ھەسەلنى ئىستېمال قىلىڭ.

  • سامساق ۋە دارچىن

بىر ئىستاكان قايناق سۇغا بىر تال سامساق ۋە 2 تال قوۋزاق دارچىننى سېلىپ، 5 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن، ئىچىڭ.

  • سۈت

بىر ئىستاكان سۈتنى قاينىتىڭ. قايناق سۈتكە بىر قوشۇق قارىمۇچ چېچىپ، ئىستېمال قىلىڭ. ئارىلاشمىنى تاتلىق قىلىش ئۈچۈن ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

  • زەنجىۋىل ۋە كۇمىلاچ ھەسەل

تالقان زەنجىۋىل بىلەن بىر بال قوشۇقى ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، كۇمىلاچقا ئايلاندۇرۇڭ. تاماقتىن كېيىن، بۇ كۇمىلاچنى ئىستېمال قىلىڭ.

  • لىمون، قارىمۇچ، تۇز

لىموننى تۆتكە بۆلۈڭ. ئاندىن بۇ پارچىلاردىن بىرىگە قارىمۇچ ۋە تۇز چېچىڭ. ساقىيىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن لىمون ئىستېمال قىلىڭ.

  • باداملىق ئاپېلسىن سۈيى

خام بادامنى چېقىڭ. 2-3 قوشۇق ئېزىلگەن بادام بىلەن بىر ئىستاكان ئاپېلسىن سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇڭ. ئۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

  • يۆتەل ئۈچۈن ئۆسۈملۈك چايغا ھەسەل قوشۇڭ، پىننە بىلەن لىموننى قاينىتىڭ

لىپا، گۈلسۇرۇخ، چۆل يالپۇزى، زەنجىۋىل، پىننە ۋە لىمون قاتارلىق چاي ياكى ئىچىملىكلەر يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چايغا ھەسەل قوشۇپ ئىچىشمۇ يۆتەلگە پايدىلىق. ھەسەل; سۇنى ساقلاش ئىقتىدارى بىلەن يۇتقۇنچاق قۇرغاقلىقىنى پەسەيتىپ، كېكىردەكنى يۇمشىتىدۇ، يۆتەلنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى قىسقارتىشقىمۇ پايدىسى بار.

  • قارىمۇچ ۋە ھەسەل

بىر ئىستاكان قارىمۇچ 2 ئىستاكان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.  ئۈستىگە قاينىغان ۋە بىرئاز دەملەنگەن قايناق سۇ قويۇلىدۇ. 15 مىنۇت دەملەنگەندىن كېيىن، سۈزۈلۈپ ئىچىلىدۇ. بۇ بەلغەملىك يۆتەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئارىلاشمىدۇر.

  • تەركىبىدە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ

ئەگەر يۆتەل يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۈزۈم ئاپېلسىن، ماندارىن، ئاپېلسىن ۋە لىمون قاتارلىق  تەمى ئاچچىق- چۈچۈك مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلاردىن سىرت يەنە، ۋۇتا يېسىۋىلەك، مالىنا، پەمىدۇر، پالەك، يېشىل پۇرچاق، نۇقۇت ۋە ۋىتامىن C مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىڭ.

  • تاماكا چېكىشتىن قەتئىي ۋاز كېچىڭ

تاماكا چېكىشمۇ يۇقىرى ۋە تۆۋەن نەپەس يولىنى غىدىقلايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نەپەس يولىنى قوغدايدىغان مېخانىزملارغا زىيان سالىدۇ. بۇ زىيانلىق ئادەتنى بالدۇرراق توختىتىڭ.

  • ئۆيىڭىزنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى تەڭشەڭ

ئۆيدىكى قۇرغاق ھاۋا نەپەس يولىنى قۇرۇتۇش ئارقىلىق يۆتەلنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. نەملىك ساقلاش دورىسى ئىشلىتىپ، ئۆينىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ئەلالاشتۇرالايسىز. قول لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ، رادىياتور كۆزنەكلىرىگە قويسىڭىز بولىدۇ. نەملىك دەرىجىسىنىڭ 30-50 ئارىلىقىدا بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. لېكىن، نەملىك ساقلاش ئۈسكۈنىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. شۇنداقلا، ھەر كۈنى ئۆيىڭىزنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

  • ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ

ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش بۇرۇندىكى ئاجرالمىلارنى پەسەيتىش ئارقىلىق يۆتەلنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغان چاغدىكى ھور سەزگۈرلۈك ۋە زىققا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۆتەلگىمۇ پايدىلىقتۇر.

ئەتىر ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىغا دىققەت قىلىڭ

ئەتىر، ئائىلە تازىلىق بۇيۇملىرى (ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى) كېكىردەكنى غىدىقلاپ، يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  • سائەت 19:00 دىن كېيىن بىر نەرسە يېمەڭ

ئەگەر سىزدە قايتا قوزغىلىش مەسىلىسى بولسا، سائەت 19: 00 دىن كېيىن يېيىشنى توختىتىڭ. ئىمكانقەدەر چاي، قەھۋە ۋە شاكىلات قاتارلىق قايتا قوزغىلىشنى كۈچەيتىدىغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەردىن ساقلىنىڭ. ئۇخلىغان چاغدا بېشىڭىزغا ئېگىز ياستۇق قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

  • يوتقان ياپقۇچلىرىڭىزنى كەم دېگەندە 55 گىرادۇستا يۇيۇڭ

ئۆيدىكى چاڭ-توزان، قۇش، مۈشۈك ۋە ئىتلارنىڭ ئۆلۈك تېرىسىمۇ سەزگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا يۆتەل پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ. يۇڭ ئىچ كىيىم، يوتقان، ياستۇق ۋە گىلەم ئىشلەتمەڭ. يوتقان ۋە ياستۇق ياپقۇچلىرىڭىزنى كەم دېگەندە 55 گرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يۇيۇڭ. يوتقان ياپقۇچ ۋە پەردىلەردىن دائىم يۇيۇشقا بولىدىغان سۈپەتلىك پاختا ئالاھىدىلىكلىرىنى تاللاڭ.

 

  • سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىققان يۆتەل ئۈچۈن چاڭ-توزاندىن ساقلىنىڭ

ئەگەر سىزدە سەزگۈرلۈك بولسا، ئۆيىڭىزدە ئىمكانقەدەر ئاز بۇيۇم ساقلاڭ. رەخت بىلەن قاپلانغان بۇيۇملارنىڭ ئورنىغا خۇرۇم، سىنتېتىك ياكى ياغاچ بۇيۇملارنى تاللاڭ. كۆپ چاڭ-توزان تۇتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشكاپلاردا ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر