نەمرۇت تېغى دۆلەت باغچىسى
بىلىۋېلىڭ (9)
نەمرۇت تېغى دۆلەت باغچىسى
شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدىكى «نەمرۇت تېغى» نىڭ دۆلەت باغچىسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونىدا، ھەيۋەتلىك ھەيكەللىرى بىلەن تونۇلغان «نەمرۇت تېغى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «نەمرۇت تېغى دۆلەت باغچىسى» نىڭ كۆلىمى 13 مىڭ 827 گېكتار بولۇپ، 1988-يىلى دۆلەت باغچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
دۆلەت باغچىسى چېگرالىرى ئىچىدە زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن جايلار بار. «نەمرۇت تېغى» غا بارىدىغان تۇنجى جاي، تاغنىڭ زىيارەتچىلەر كۈننىڭ تۇغۇلۇشىنى كۆزىتىدىغان شەرقىي ئېگىزلىكىدۇر. بۇ جايغا بېرىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل بىلەن بىر يەرگىچە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەتتەك داۋاندىن پىيادە مېڭىپ ئېشىشقا توغرا كېلىدۇ. يول بويى كۆزگە چېلىقىدىغان مىسلىسىز مەنزىرە، شۇنداق مۇشەققەتلەرنى تارتىشقا ئەرزىيدۇ. شەرقىي ئېگىزلىكىدە، «نەمرۇت تېغى» نىڭ ھەيكەللىرى بىلەن قۇياشنى كۆرسىز. «نەمرۇت تېغى» نىڭ غەربىدىكى ئېھرام شەكىللىك مەقبەرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى شەرقىي ئېگىزلىكى بىلەن، ھەمدە تەڭرىلەر كارىدورىدىكى ھەيكەللەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاشتۇر. بۇ يەردە، كومماگېن پادىشاھى ئانتىئوكھۇسنىڭ تەڭرىلەر بىلەن سالاملىشىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە شىر فىگوراسىنى شەكىللەندۈرگەن بەش قاپارتما نەقىش بار. شىرنى شەكىللەندۈرگەن قاپارتما نەقىش، «شىر ئۇۋىسى» دەپ ئاتالغان ۋە ھەر 25 مىڭ يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان ئاسترونومىيەلىك ھادىسىسىگە سىمۋول قىلىنىدۇ، ھەمدە دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى گىرېك ئۇپۇق سىزىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. غەربىي ئېگىزلىكىدىكى رايوننىڭ ئەڭ ئېگىز تېغى بولغان «نەمرۇت تېغى» نىڭ باشقا تاغلار ۋە ئېگىزلىكلەرنىڭ ئۈستىدىكى سايىسىدىن شەكىللەنگەن مەنزىرىنىڭ گۈزەللىكىمۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
دۆلەت باغچىسىنىڭ ئىچىدە يەنە، «كونا قەلئە» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «ئارسامېيا خارابىسى» مۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «نەمرۇت تېغى» نىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «قاراقۇش ئېگىزلىكى» دىمۇ كومماگېن پادىشاھلىقىغا تەۋە ئابىدە بار. ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى كۆۋرۈكلەردىن بىرى بولغان « جەندەرە كۆۋرۈكى» مۇ «نەمرۇت تېغى دۆلەت باغچىسى» غا جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى 120 مېتىر، كەڭلىكى 7 مېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈك، ئۈستىدىكى لاتىن يېزىقىدىكى خەتكە ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردا، رىم ئىمپېراتورى سېپىمۇس سېۋىرۇس تەرىپىدىن ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ نامىدا سالدۇرۇلغان. كۆۋرۈكتىن پەقەت پىيادىلا مېڭىپ ئۆتۈش مۇمكىن. «جەندەرە كۆۋرۈكى»، تۈرك كىنوچىلىقىدا كۆپ قېتىم سورۇن سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر
قۇرئان كەرىم ۋە تەرجىمىسى (465) - شۇرا سۈرىسىنىڭ 44 دىن 53 گىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تەرجىمىسى.