ئارتېمىسنىڭ قەدىمكى يۇناندىن ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىغىچە بولغان سەپىرى

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، نامىنى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىن ئالغان ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى — ئارتېمىس توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز!

1888142
ئارتېمىسنىڭ قەدىمكى يۇناندىن ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىغىچە  بولغان سەپىرى

ئارتېمىسنىڭ قەدىمكى يۇناندىن ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىغىچە بولغان سەپىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسا، يېقىنقى 10 يىلنىڭ مابەينىدە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان ئالەم كېمىسىنى پۈتكۈزدى؛ ناسا ئەڭ كۈچلۈك ئالەم كېمىسى «ئارتېمىس»نى ئايغا ئەۋەتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا، كېمىنىڭ موتورىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، پىلان كېچىكتۈرۈلدى...

ناسا ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايغا شارىغا «ئارتېمىس» ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن قەدەم بېسىشقا تەييارلىق قىلماقتا. يېقىلغۇ ئېقىپ كېتىش كاشىلىسى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، پىلانلانغان ۋاقىتى بولغان 29 – ئاۋغۇستتا ئىشقا ئاشۇرۇلالمىغان ئاي شارى سەپىرىنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرى كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىماقتا؛ بۇلارنىڭ بىرى ئالەم كېمىسىنىڭ ئىسمىنىڭ «ئارتېمىس» بولۇشىدۇر.

ئىنسانىيەتنىڭ بۇنىڭدىن 53 يىل ئىلگىرىكى ئايغا قەدەم بېسىشى، تارىخ سەھىپىلىرىگە ئاپوللو 11 دەپ يېزىلغانىدى. ناسا ئەڭ ئاخىرقى ئاپوللو ۋەزىپىسىنى 1972- يىلى ئىشقا ئاشۇرغانىدى. ناسا بۇ سەپەرنى نۆۋەتتە ئارتېمىس دېگەن نام ئاستىدا داۋاملاشتۇرماقتا. ناسانىڭ ئارتېمىس دېگەن نامنى ئىشلىتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئارتېمىس كىم؟

ئارتېمىس يۇنان ئەپسانىلىرىدە لېتو بىلەن زېۋۇسنىڭ قىزى، ئاپوللونىڭ قوشكېزىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئارتېمىس گىرېتسىيە تاقىم ئاراللىرىدىن مىكونوسنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئاراللارنىڭ بىرى بولغان دېلوستا دۇنياغا كەلگەن ئەپسانىۋى ئىلاھە. ھەر بىر توپلۇق بۇ ئىلاھەگە ئوخشىمىغان ئىسىملارنى قويدى. ئارتېمىس پۈتۈن ئاقدېڭىز ئويمانلىقى (مېسوپوتامىيە، سۈرىيە، مىسىر، گىرىت ۋە باشقا ئاقدېڭىز ئاراللىرى، گىرېتسىيە، ئىتالىيە، گاليا)دا نەچچە مىڭ يىل بويىچە دېگۈدەك مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.

ناسانىڭ بۇ تۈرى بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم بىر ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ئايغا قەدەم باسىدۇ. تۈرنىڭ نامىمۇ ئەپسانىلەردىكى ئىلاھەلەر ئارىسىدىن تاللاندى. ئارتېمىس يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئاپوللونىڭ قوشكېزەك سىڭلىسى دەپ قارىلىدۇ. ئارتېمىس ئەپسانىلەردە رەھىمسىز تەبىئەت، ئوۋچىلىق، ئوقياچىلىق ۋە ئاي ئىلاھى، دەپ قارىلىدۇ.

يۇنان ئەپسانىلىرىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئارتېمىسقا بېغىشلانغان ئەڭ ھەيۋەتلىك بۇتخانا بۈگۈن ئىزمىرنىڭ سەلچۇق ناھىيەسىدىكى ئەفەس قەدىمكى شەھىرىگە جايلاشقان. پۈتۈنلەي مەرمەر تاشتىن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550-يىلى تاماملانغان. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى لىديا پادىشاھى كىروسوس باشلىغان بولۇپ، 120 يىللىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلىدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان بۇتخانىدىن پەقەت بىر نەچچە مەرمەر تاشلا قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر