رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كۈچەيمەكتە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (05)

1886664
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كۈچەيمەكتە

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كۈچەيمەكتە

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كۈچەيمەكتە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (05)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كۈچەيمەكتە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ «قىسمەن سەپەرۋەرلىك» خىتابنامىسى بىلەن يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئىشغال قىلىنغان رايونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىن كېيىن ئۇرۇش تېخىمۇ كەسكىنلىشىش باسقۇچىدا كىردى. رۇسىيە خاركوۋ رايونىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، مەيداندا قايتىدىن ھەربىي تەڭپۇڭلۇق بەرپا قىلىش ئۈچۈن باشلانغان قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئارقىلىق 300 مىڭ كىشىنى قوراللاندۇرۇپ، ئالدىنقى سەپكە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن بۇ قەدەمنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەمەلىي ۋەزىيەتنى رۇسلارغا نىسبەتەن زادى قانچىلىك پايدىلىق ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقى نامەلۇم. ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تىركىشىشمۇ داۋاملاشماقتا. رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇتىشىدىغان تۇرۇبا يولىنى تاقاپ، پەقەت تۈرك ئېقىمى ئارقىلىىقلا گاز توشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇكرائىنادا مەيدانىدىكى ئۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى ھالقىلىق ئۆزگىرىش بولدى. بىرىنچىسى؛ رۇسىيە ئىشغال قىلغان دونباس، خېرسون ۋە زاپورىجيا قاتارلىق رايونلاردا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش قارارىدۇر. دەل كۈتۈلگىنىدەك بۇ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە %100 گە يېقىن نەتىجە بىلەن رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش قارارى چىققان بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق رېفېراندۇم نەتىجىسى ھېچقانداق قانۇني كۈچكە ئىگە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ رۇسىيە بۇ نەتىجىنى ئاساس قىلىپ، رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلسا، ئاندىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىمۇ بۇ رايونلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلسا، ئۇ چاغدا روسىيە، «ئۆز تېرروتورىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ قاراپ، يادرو قورالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەربىي ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.

رېفېراندۇمنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى؛ بارلىق تىنچلىق مۇزاكىرە ئېھتىمالىنىڭ پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.  چۈنكى زېلېنسكى ئوچۇق قىلىپ، «ئەگەر بۇ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسا، رۇسسىيە بىلەن ھەرگىزمۇ مۇزاكىرە  ئۈستىلىدە ئولتۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يەنە بىر مۇھىم ئۆزگىرىش بولسا، پۇتىننىڭ نۇتۇقىدىكى ئىنتايىن قوپاللىق، ئاندىن قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىكنى ئېلان قىلىشى بولدى.

چۈنكى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇنىڭ باياناتىدا 300 مىڭ كىشىنىڭ ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغانلىقى ۋە بۇلاردىن 250 مىڭ كىشىنىڭ زاپاس ئەسكەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. لېكىن سەپەرۋەرلىك ئېلانىدىن كېيىن، مەملىكەت مىقياسىدا تۈمەنلىگەن كىشى مەجبۇرلاپ ئەسكەرلىككە  ئېلىندى.  مىڭلىغان رۇسىيەلىك دۆلەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان كۆرۈنۈشلەر تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى. يەنە كېلىپ داغىستانغا ئوخشاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردە خەلق بۇ سەۋەپەرلىككە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. پۇتىنغا نىسبەتەن ئۇرۇشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چىقىمى تېخىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى.

پۇتىننىڭ قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك قارارى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپتە ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قارشى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى يارىتىشقا تىرىشماقتا. بولۇپمۇ خاركوۋدىكى ئېغىر مەغلۇبىيەت پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. غەرب دۆلەتلىرىدىن كېلىۋاتقان چەكسىز ھەربىي ياردەملەر ۋە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ئۈستۈنلىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قولغا كەلتۈرۈپ، رۇسىيەگە قارشى ئۈستۈنلۈك تىكلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئەمدىلىكتە بولسا، پۇتىن قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك  ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا ئالدىنقى سەپتە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا ئېرىشىشنى خالىماقتا. ئەمما رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تارتقان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىقتىدارى يوقلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇ ئۇپرىتىش ئۇرۇشىىدا رۇسىيەنىڭ غەلىبە قىلالىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ قىسمەن سەپەرۋەرلىكنى تولۇق سەپەرۋەرلىككە ئۆزگەرتىپ، بارلىق سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئادەم كۈچىنى ئۇرۇشقا يۆتكەش ئارقىلىقلا ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى بار، ئۇنداق بولمىغاندا  تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى قوللىنىشى ياكى ئىشغال قىلغان جايلاردىن تەدرىجىي چېكىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى نەزەردە تۇتقاندا، رۇسىيەنىڭ بۇ قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئارقىلىق ئۇرۇش مەيداندا غەلىبە قازىنالىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر