رەقەملىك دەۋرنىڭ كېسەللىكى — فۇببىڭ

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، «رەقەملىك دەۋرنىڭ كېسەللىكى — فۇببىڭ (Phubbing)» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز!

1885168
رەقەملىك دەۋرنىڭ كېسەللىكى — فۇببىڭ

رەقەملىك دەۋرنىڭ كېسەللىكى — فۇببىڭ (Phubbing)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «فۇببىڭ»… ھازىرچە كۈندىلىك ئىستېمالىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالمىغان بولسىمۇ، مەيلى ھېس قىلغان بولايلى ياكى بولمايلى، ئۇ ئاللىقاچان كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولدى. كېلەيلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون خۇمارىنىڭ ھاياتىمىزغا كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى مەسىلىسىگە...

* * * * *

يېقىندىن بۇيان تېخنىكىغا خۇمار بولۇش ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر مەسىلىلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلماقتا. دەسلىپىدە ئاساسلىقى ئىنتېرنېت ۋە ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قېلىش بىلەن باش كۆتۈرگەن بۇ ھادىسە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن يېڭىچە تۈسكە ئىگە بولدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون خۇمارىغا  ئىنگلىزچىدىكى «Phone (تېلېفون)» ۋە «snubbing (نەزەردىن ساقىت قىلىش، سۇيىئېستېمال قىلىش)» دېگەن سۆزلەردىن قىسقارتىپ ياسالغان «Phubbingفۇببىڭ» دېگەن سۆز بىلەن ئېنىقلىما بېرىلدى.

فوببىڭ ئىبارىسى ئاساسەن، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىۋېتىپ تېلېفونلىرىنى ئويناشنى تاشلىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتقا ئاۋاز قاتناشتۇرغانلارنىڭ %98 ى ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. دېمەك، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى بۇ كېمىدە يالغۇز دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، خاتالاشقان بولىسىز.

فۇببىڭ جەريانىدا ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىك توك بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا، نۆۋىتى بىلەن ئىستاگرام، تۋىتتېر ۋە ئەڭ ئاخىرىدا فەيسبۇك كېلىدىكەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى، قولىمىزنىڭ دائىم تېلېفون تەرەپكە كېتىپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا، تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقانلارنىڭ 99% نىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا تېلېفون بىلەنمۇ مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە؛ كىشىلەرنىڭ %90 ى مۇنتىزم ھالدا ھاجەتخانىدا تېلېفون ئىشلىتىدىكەن، بۇلارنىڭ %75 ى تېلېفون دىققىتىنى چېچىۋەتكە، ھاجەتخانىدا ئادەتتىكىدىن كۆپ ئولتۇرىدىكەن. ئويغانغىنىمىزدىن تارتىپ ئۇخلىغۇچە بولغان پۈتۈن ۋاقتىمىز، باشقىچە ئېيتقاندا، تۇرمۇشىمىز يانفونىمىز بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، تەكشۈرۈشكە ئاۋاز قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ %86 ى ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلېفونىنى تەكشۈرىدىكەن، %82 ئادەم ئويغىنىپلا دەرھال تېلېفونغا قارايدىكەن.

تەكشۈرۈش فۇببىڭ ھادىسىسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلىرىنى، مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ تېلېفونغا كەلگەن ئۇچۇرغا قارىماي تۇرالايدىغان ئوتتۇرىچە ۋاقتىنىڭ  64 مىنۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر