مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى — ماردىن

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، «مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى — ماردىن» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1883010
مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى — ماردىن

مەدەنىيەتلەر بۆشۈگى — ماردىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سىزنىڭ زامان ۋە ماكان ھەققىدىكى تونۇشىڭىزدا ئۆزگىرىش بولۇپ باقتىمۇ؟ بىر نەرسىلەر كۆزىڭىزگە ھەم تونۇشتەك ھەم ناتۇشتەك كۆرۈنگەن چاغلار بولدىمۇ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىڭىزنى ئۆتمۈشتىكىدەك ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى ئەتراپنى قاراڭغۇ قاپلىغان بىر پەيتتە، كۆزىڭىزگە باشقا بىر دۆلەتنىڭ چاقنىغان چىراغلىرى كۆرۈنۈپ باقتىمۇ؟ كوچىدا كېتىۋېتىپ بىرەر ئۆينىڭ ئاشخانىسى ياكى مېھمانخانىسىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەن چاغلىرىڭىز بولدىمۇ؟ بەلكىم بۇلار سىزگە كىنو كۆرۈنۈشلىرىدەكلا ئاڭلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئانادولۇدا «ئايدىن»دىن ئىبارەت سىزنى ئوخشىمىغان زامان ۋە پەرقلىق ماكانلارغا ئېلىپ بارىدىغان بىر شەھەر بار.

* * * * *

ماردىن، قەدىمكى مەدەنىيەتلەر گۈللەنگەن مېسوپوتامىييەگە يۇقىرىدىن قاراپ تۇرىدۇ. تارىخىي شەھەر مەركىزىگە قەدەم باسقاندىن باشلاپلا، ئۆزىڭىزنى باشقا بىر دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. ئۇ بىر تاش شەھەر؛ تاشلىرى گويا ھازىرلا زۇۋانغا كېلىپ، سىزگە ھەممىلا نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ. ماردىن، ئەگرى يەر تۈزۈلۈشىگە ماس ئۆيلىرى، پەلەمپەيلىك تار كوچىلىرى، بازارلىرى، بارلىق بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن ئۆتمۈشنىڭ ئىزلىرى كۆرۈنۈپلا تۇرىدىغان بىر شەھەر. ماردىن «مەسەل شەھىرى» دېگەن ئاتاققا ھەقىقەتەنمۇ لايىق.

ماردىن تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن مېسوپوتامىييە بىلەن ئانادولۇنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر بىر دەۋردە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شەھەرنىڭ بۇ ئۆزگىچە كەيپىياتى كىشىنى دەرھال ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. بىر مەسچىتنى يانداپ ئۆتۈپ، تار كوچىلارنىڭ بىرىدىن ئىلگىرىلەۋاتقىنىڭىزدا، ئالدىڭىزغا بىر ئاسسۇر چېركاۋى ئۇچراپ قالىدۇ. تاش ئۆيلەردىكى رەسىملەر، ئىشىك چەككۈچلەر، دېرىزىلەردىكى بېزەكلەر سىزنى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر مۇھىتقا باشلاپ بارىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ماردىن، قۇددۇس ۋە ۋېنىتسىيە بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈنلەي قوغداش ئاستىغا ئېلىنغان ئۈچ شەھەرنىڭ بىرى.

ماردىندا كىشى ئۆزىنى بۇ شەھەرنىڭ تونۇش ئوبرازىدىن باشقا بىر ساھەگە تەۋەدەك ھېس قىلىدۇ. شەھەرنىڭ يات ئادەملەر ناھايىتى تېزلا ئادىشىپ قالىدىغان تېپىشماق مىسالى كوچىلىرى، ئۇ كوچىلارنىڭ كۆۋرۈكلىرىنى ھاسىل قىلغان ئۆيلەرنىڭ خانىلىرى، سىز ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان ئېتىقادلار، يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ.

* * * * *

تاغ باغرىغا قۇرۇلغان ماردىن شەھىرى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ گۈللەنگەن جاي بولۇپ كەلدى. ئۇ يەردە تۈركلەر، ئاسسۇرلار، ئەرەبلەر، يەزىدىلەر بىرلىكتە ياشىدى. مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، قۇياش ياكى پەرىشتە تاۋۇسقا چوقۇنغۇچىلار ياشىدى… ماردىن ھەممىنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىز بىلىدىغان – بىلمەيدىغان بارلىق ئەقىدە ۋە قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، مەدەنىيەتلەر، دىنلار ۋە ماكانلار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن جاي.

ماردىننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەلئەسىمۇ، قەلئەنىڭ ئېتىكىدىكى زىنجىرى مەدرىسىسىمۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئارتۇقلۇ سۇلتانى تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان بۇ مەدرىسە، ھەم مەكتەپ ھەم رەسەتخانا قىلىپ ئىشلىتىلگەنىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىنىڭ بىرىگە سېلىنغانىدى. مەركەزدىن سەل يىراق بىر يەرگەن سېلىنغان يەنە بىر مەدرىسە بولسا، ماردىننىڭ ئەڭ چوڭ بىناسى بولغان «قاسىمىيە مەدرىسىسى»دۇر. 20 ئېغىزدىن ئارتۇق خانە، قەبرە، مەسچىت، چەشمە ۋە كۆلچەككە ئىگە يۈرۈشلۈك بىر بىنا سۈپىتىدە سېلىنغان بۇ مەدرىسە، تاش ئويمىچىلىقى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىن ئۆلۈمىگىچە بولغان جەريانىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان كۆلچەك، پەلسەپىنىڭ بىناكارلىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان شەكلىدۇر. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مېسسوپوتامىيە مەنزىرىسى قاسىمىييە مەدرىسسىىنىڭ دېرىزىسىدىن روشەن نامايان بولىدۇ.

شەھىدىيە جامەسى، مۇنارىدىكى ھەيران قالارلىق تاشلىرى ۋە بېزەكلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇلۇ جامە (چوڭ جامە) بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قەدىمكى ئىبادەتخانىسى. توققۇز ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بۇ جامە، ئانادولۇدىكى قوش مۇنارلىق مەسچىتلەرنىڭ تۇنجى مىساللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى ئاسسۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان دەيرۇلزافاران ياكى مور خانانيو موناستىرى شەھەر مەركىزىدىن سەل يىراققا جايلاشقان بولۇپ، بۇ موناستىرنىڭ 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە قۇياش بۇتخانىسى بىلەن ئەۋلىيالار ئۆيى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

ماردىننىڭ مىلادىدىن سەككىز مىڭ يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا سوزۇلغان تارىخى، سۇمېر، بابىلون، ئۇرارتىيان، پارس، رىم، ئۇمەييە، ​​ئارتۇقلۇ ۋە ئوسمانلى دەۋرلىرىگە شاھىت. ئۇ كىشىگە مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىنى ئەسلىتىدۇ… بەلكىم مېسوپوتامىييە تۈزلەڭلىكى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى تاش قۇرۇلمىلىرى، بەلكىم قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا دائىر پىچىرلاشلىرى كىشىنى مۇشۇنداق ئويغا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ماردىن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خىلمۇخىللىقى، ئەپۇچانلىقى، كەڭ قورساقلىق، بىناكارلىق قۇرۇلملىرى ۋە ئەنئەنىلىرى بىلەن ئىنساننى باغرىغا بېسىپ، خىياللار دۇنياسىغا غەرق قىلىدۇ.

سىزنى باشقا دۇنيالار بىلەن تونۇشتۇرىدىغان، كوچىلىرىنى ئادەمنى ئاداشتۇرۇپ قويىدىغان، تارىخنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدىغان ماردىن شەھىرى، ئۆز سىرلىرىنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر