كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يېرىگە 4 سائەت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا « دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يېرىگە 4 سائەت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ» دېگەن تېمىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز!

1882154
كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يېرىگە 4 سائەت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يېرىگە 4 سائەت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كەلگۈسى تەسەۋۋۇر قىلىنغان ھەممىلا يەردە، قاتناش ئىنتايىن مۇھىم. بەلكىم بۇ تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە بىزنىڭ ئۇچار ئاپتوموبىل ياكى نۇرغا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش تېخنىكىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما قاتناش تېخنىكىسى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلماقتا.

يېقىن كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان يېڭى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى سىزنى 2 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىستانبۇلدىن نىيۇيوركقا ئېلىپ بارالايدۇ. ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار بىلەن باشلىنىپ توختاپ قالغان بۇ سەرگۈزەشتە، قايتىدىن باشلىنىدۇ.

ئەنگلىيە قانۇنلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ياسالغان تېز سۈرئەتلىك ئايروپىلان — كونكوردنىڭ مىراسى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلان ياساش پىكرى 1960 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولۇپ،  70- يىللاردىن  2003 -يىلىغىچە داۋاملاشتى؛ 2003 - يىلى فىرانسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى كونكوردىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىشى بىلەن بىرلىكتە تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇش مۇلازىمىتى توختاپ قالدى.

ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش بىر ئايروپىلاننىڭ ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تېز ھەرىكەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. سۇپېرسونىك ئايروپىلانلار 18 مىڭ 300 مېتىر ئېگىزلىكتە سائىتىگە 1060 كىلومېتىردىن تېز ئۇچالايتتى. نۆۋەتتە يولۇچىلارنى توشۇش ئۈچۈن لايىھەلىنىۋاتقان ھىپەرسونىك ئايروپىلانلارنىڭ سۈرئىتى ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سائىتىگە 8 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇچالايدۇ.

نورمال يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن ئىستانبۇلدىن نيۇيوركقا بېرىش ئۈچۈن 10 سائەت 40 مىنۇت ۋاقىت كەتسە، بىر پەۋقۇلئاددە تېز سۈرئەتلىك ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇش مۇددىتىنى 1 سائەت 40 مىنۇتقا قىسقارتقىلى بولىدۇ.

تېز سۈرئەتلىك ئايروپىلان قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى – ناسا، ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى لوكھىد مارتىن بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلماقتا.

مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، «Boom Overture» ناملىق ئاۋازدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك ئايروپىلانى ئارقىلىق كونكوردنىڭ مىراسىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. شىركەتنىڭ مەقسىتى 100 دوللارغا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە تۆت سائەت ئىچىدە يېتىپ بېرىپ بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولسىمۇ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولىدا ئېغىر توسالغۇلار بار.

ئاۋازدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار ساياھىتىگە مۇناسىۋەتلىك شاۋقۇن ۋە بۇلغىنىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئەندىشە بار؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك ساياھەتلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان يېقىلغۇ مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، بۇ ئۇچۇشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كاربون ئىزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوزون قەۋىتىمۇ بۇ ئۇچۇشلارنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا بۇ ئايروپىلانلارنىڭ چىدامچانلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تېز ساياھەت قىلىش يەر يۈزىدە كۈچلۈك گۈلدۈرمامادەك ئاڭلىنىدىغان ئاۋاز شاۋقۇنى پەيدا قىلىدۇ. «بۇم» شىركىتىنىڭ نامى دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

ناسا نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا X-59  تىپلىق ئاۋازدىنمۇ تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلانىنىڭ ئاۋاز شاۋقۇنىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاۋازدىنمۇ تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلان 2023- يىلى تۇنجى قېتىم ئۇچۇپ، ئۆزىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن ئاۋازدا ئۇچالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، 2030-يىلىدىن بۇرۇن بۇ ئايروپىلانلار دۇنيانىڭ ئىككى تەرىپىنى بىر – بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر