رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولماقتا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (03)

1880505
رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولماقتا

رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولماقتا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (03)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولماقتا» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

پۇتىننىڭ 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي پو كۆتۈككە ئايلانغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. رۇسىيە قوماندانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەقلى، بىر نەچچە كۈندە كىيېۋنى «چاقماق ھەرىكىتى» بىلەن ئېلىپ، زېلېنسكىي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇكرائىنانى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە قوشىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكەن ئىدى. لېكىن 8 – ئېيىغا قەدەم قويغان ئۇرۇشتا رۇسىيە ئارمىيەسى ھەقىقىي مەنىدىن پاتقاققا پېتىپ، دەسلەپتە كىيېۋدىن، چېرنىخىۋ ۋە سۇمىدىن، ئەملىكتە بولسا خاركىۋ لىنىيىسىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ھازىرقى باسقۇچتا، ھەربىي ھەرىكەت نۇقتىسىدىن ئۇكرائىنا ئارمىيىسى پايدىلىق ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. رۇسىيەنىڭ پەقەت ئىككى خىللا تاللاش يولى بار. يا ئۇكرائىنادىن چېكىنىش ياكى تولۇق بىر سەپەرۋەرلىك خىتابنامىسى بىلەن بارلىق ھەربىي كۈچىنى ئىشلىتىپ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا تىرىشىش.

رۇسىيە يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان 4 ئايدا ئاران ئالقىنىغا ئالالىغان خاركوۋ لىنىيىسىنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى سېپىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىستراتېگىيەلىك شەھەرلەر ۋە يېزىلارنى قايتۇرىۋىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. زېلېنسكىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەخمىنەن 6000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جاينى رۇسىيەدىن قايتۇرۇۋالغان. رۇسىيەنىڭ (كۆرۈنۈش بىلەن دەلىللەنگەن) ئاپتوموبىل، ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ۋە ئەسكەرلەر نۇقتىسىن ئىنتايىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ ئەھۋالنى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنىڭ ئەكسىچە، پىلانلىق چېكىنىش ئەمەس، بەلكى خاركوۋدىكى ئېغىر مەغلۇبىيەتنىڭ نامايەندىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تۇنجى كۈندىن باشلاپلا رۇسىيەگە نىسبەتەن ناچار داۋاملاشقان بولۇپ، يېقىنقى تالاپەتلەر بىزگە ئۇرۇشنىڭ ئەمدىلىكتە خاراكتېرى ئۆزگەرگەنلىكىنى، ھازىر ئۇكرائىنا مۇداپىئەدە ئەمەس، بەلكى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ مۇداپىئەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

دەرۋەقە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ دۆلىتى نامىدىن غايەت زور قىمار ئوينىدى ۋە ئۇتتۇرۇپ قويدى. پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىگە «چاقماق ھەرىكىتى» بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندە، «كىيېۋ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالقانغا ئۆتىدۇ، زېلېسنىسكى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلىدۇ، قوماندانلىق ۋە كونترول قۇرۇلمىسى گۇمران بولۇپ، ئۇكرائىنا ئامىيەسىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى قارشىلىق كۈچى تۈگەيدۇ» دېگەن خىيال بىلەن ھەرىكەت قىلدى. ئەمما ئۇرۇشنىڭ بېشىدىلا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ «چاقماق ھەرىكىتى» مەغلۇپ بولدى. كىيېۋنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە قىسىم ھەرىكىتى سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن ھەربىي ئۇرۇنۇش، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما ھەرىكەتلىرى بىلەن مەغلۇپ بولدى. ئارقىدىنلا ئىشغالىيەت ئۇرۇنۇشىغا ئايلانغان رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتى خاتا پىلانلاش، ناچار قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش شۇنداقلا تىرانسپورتتىكى يېتەرتسىزلىك سەۋەبىدىن ئاقسىغان ھالدا ئىلگىرىلىدى. بولۇپمۇ كىيېۋ، چېرنىخېۋ ۋە سۇمىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ بۇ رايونلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ يەردە، تۈركىيە تەمىنلىگەنTB2  قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە غەربنىڭ تانكا سوقارلىرى بىلەن مانپادلىرىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. ئاندىن رۇسىيە قىسىملىرى بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان جەڭ ۋە ئېغىر زىيانلاردىن كېيىن، قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. خېرسون ۋە دونباستا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى.  ئەمما كېيىنكى ئايلاردا بۇ رايونلاردىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ سۇسلاپ، قەدەممۇ-قەدەم ئۇكرائىنا ئارمىيىەسى دەسلەپتە تەڭپۇڭلۇقنى، ئاندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ھاۋا ئۈستۈنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقى، غەربتىن بولۇپمۇ HIMARS قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ كېلىشى، ئەلۋەتتە رۇسىيە ئەسكەرلىرىدىكى رۇھى ئاجىزلىقلار ئۇرۇش جەريانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولدى. خۇددى ئۇپرىتىش جىڭىغا ئايلانغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى داۋاملىق يېڭى قورال ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەپ كەلدى. رۇسىيە قىسىملىرى بولسا تارتقان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلىيالمىدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تېز ۋە يېتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ بولماسلىقى، بولۇپمۇ مۇرەككەپ قورال سىستېمىسىدا، غەرب دۆلەتلىرىگە تايىنىشى رۇسىيە ئارمىيەسىنى قېيىن ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قويغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغانلىقى بىر ھەقىقەت.

شۇڭلاشقا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھازىرقى شارائىتتا رۇسىيە ئۈچۈن ياخشى ماڭمايۋاتىدۇ، خاركوۋدىكى مەغلۇبىيەت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە پايدىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇتىننىڭ ئالدىدا ئىككىلا تاللاش قالغاندەك قىلىدۇ. رۇسىيە ياكى تەدرىجىي ھالدا ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنى چېكىندۈرىدۇ، ياكى تولۇق سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق بارلىق ئىنسان ۋە سانائەت كۈچىنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ. ۋەيران قىلغۇچ بىر ھەربىي كۈچ بىلەن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا ئۇرىنىدۇ.  ھەر ئىككى تاللاشنىڭ ئۆزىگە خاس خەۋىپى ۋە ئېنىقسىزلىقى بار، ئەلۋەتتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر