يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىدىكى تۈركىيە
«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىدىكى تۈركىيە» دېگەن تېمىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز

يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىدىكى تۈركىيە
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراس بايلىقلىرى»، «دۇنيا ئەسلىمىسى تىزىملىكى»، «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»… چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تارىخى، مەدەنىيەت بايلىقى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن تۈركىيە نۇرغۇن ساھەدە يۇنېسكونىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. تۈركىيەنىڭ يۇنېسكو تىزىملىكىدىكى ساھەلىرىنىڭ بىرى «ئىجادكار شەھەرلەر تورى».
يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورى 2004-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن 116 شەھەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، مەقسىتى ئوخشىمىغان رايونلاردىكى كىرىم سەۋىيەسى، ئىقتىدارى ۋە نوپۇسى ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئىجادىي كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
ئىجادكار شەھەرلەر تورى شەھەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تورغا ئەزا بولغان شەھەرلەر يەرلىك ئىجادىيلىقى ئىجادچانلىقى، تەشۋىقاتى ۋە كۆرۈنۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇنېسكونىڭ مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنى قوللاش يولىدا ئىلگىرىلەيدۇ.
ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا قول ھۈنەرۋەنچىلىك، خەلق سەنئىەتلىرى، لايىھە، كىنو، گاسترونومىيە، ئەدەبىيات، مۇزىكا ۋە كۆرۈنۈش سەنئىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئەزا بولۇشقا بولىدۇ.
* * * * *
نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى يەتتە شەھەر يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا كىردى. تۆۋەندە مەزكۇر شەھەرلەر ۋە ئۇلار لاياقەتلىك بولغان ساھەلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
غازىئانتەپ؛ يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا تۈركىيەدىن تۇنجى بولۇپ قېتىلغان شەھەر غازىئانتەپ بولۇپ، ئۇ بۇ تىزىملىككە 2015 – يىلى گاسترونومىيە ساھەسى بىلەن كىرگەن.
خاتاي؛ خاتاي تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچە تەملىرى 2017-يىلى دۇنيا مىقياسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ، يۇنېسكو ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا كىرگۈزۈلدى.
كۇتاھيا؛ كۇتاھيا 2017 - يىلى يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا ھۈنەر – سەنئەت ۋە خەلق سەنئەتلىرى ساھەسى بويىچە تۈركىيەدىن تۇنجى بولۇپ كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
ئىستانبۇل؛ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ، سەنئەت، ھۈنەرۋەنچىلىك، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان لايىھە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئىگە مەدەنىيەت بۆشۈكى ئىستانبۇل، 2017- يىلى يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا لايىھەلەش تۈرى بويىچە تۈركىيەدىن كىرگۈزۈلگەن تۇنجى شەھەر بولدى.
قىرشەھىر؛ قىرشەھىر 2019-يىلى يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورى تىزىملىكىگە تۈركىيەدىن ناخشا - مۇزىكا ساھەسى بويىچە كىرزۈلگەن تۇنجى شەھەر بولدى.
ئەنئەنىدىن سۈزۈلگەن تەملەر شەھىرى ئافيونقاراھىسار؛ ئافيونقاراھىسار 2019-يىلى يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا گاسترونومىيە ساھەسى بويىچە كىرگەن تۈركىيەدىكى ئۈچ شەھەرنىڭ بىرى.
بۇرسا؛ يۇنېسكونىڭ ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا ئاخىرقى قېتىم كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغىنى كاھىش ۋە يىپەك شەھىرى بۇرسادۇر. خانلار رايونى، سۇلتان كۈللىيەلىرى ۋە جۇمالىقىزىقلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ شەھەر، بۇ قېتىم ھۈنەر-سەنئەت ۋە خەلق سەنئىتى بىرىكمىلىرى بىلەن ئىجادكار شەھەرلەر تورىغا كىرگۈزۈلدى.