ئەفەس قەدىمكى شەھىرى

بىلىۋېلىڭ - 50

1868564
ئەفەس قەدىمكى شەھىرى

ئەفەس قەدىمكى شەھىرى

دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزەنىڭ بىرى بولغان «ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى» نىڭ تۈركىيەنىڭ ئەفەس قەدىمكى شەھىرىگە جايلاشقانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ سەلچۇق ناھىيەسى چېگرالىرىغا جايلاشقان ئەفەس، دۇنيادا بىلىنىدىغان تۇنجى ئولتۇراق رايونلاردىن بىرى. تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى  8000-يىللارغا تۇتىشىدىغان ئەفەس قەدىمىي شەھىرى، مۇھىم سودا يوللىرىغا جايلاشقان ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى بىلەن تارىخ بويىچە نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان. ھېلېنىستىك دەۋر، رىم ئىمپېرىيەسى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قاتارلىق ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە شاھىت بولغان بۇ شەھەر، ئەسىرلەر بويى  ئۈزلۈكسىز داۋاملىق ئولتۇراق رايونى، سىياسىي ۋە سودا مەركىزى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن.

ھەيۋەتلىك لايىھىلىنىشى بىلەن تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ۋە دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزەدىن بىرى بولغان «ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى»  بولسا، ئەفەس قەدىمكى شەھىرىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550-يىلى پۈتكەن بۇ ئىباداەتخانا، مىلادىدىن كېيىنكى 400-يىلى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئىبادەتخانىنىڭ پەقەت مەرمەر تۈۋرۈكلىرىلا ساقلىنىپ قالغان.

يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم زىيارەت قىلىدىغان ئەفەس قەدىمكى شەھىرىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ تارىخى 125 يىل بۇرۇنقى دەۋرگىچە تۇتىشىدۇ. تېخى تولۇق ئاشكارىلانمىغان ۋە ئانادولۇ ئارخېئولوگىيەسىگە يېڭى ئۆلچەملەرنى قازاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەفەس قەدىمكى شەھىرى،  2015-يىلدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر