زاۋاھىرى ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەلقائىدە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (50)

1866973
زاۋاھىرى ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەلقائىدە

زاۋاھىرى ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەلقائىدە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (50)

(مۇرات يېشىل تاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «زاۋاھىرى ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەلقائىدە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئەلقائىدە رەھبىرى زاۋاھىرىنى بىتەرەپ قىلغانلىقى ئالدىنقى ھەپتەنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى بولدى. بۇ مەسىلە 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇم ۋە ئامېرىكا ئېلان قىلغان يەر شارى خاراكتېرلىق تېرورلۇققا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك ھالدا مۇنازىرە قىلىندى. ئەمما بۇ تېمىنى ئوخشىمىغان جەھەتلەردىن ئانالىز قىلىش ۋە زاۋاھىرى دائىرىسىدە كونكرېتلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئابستراكت تەرىپى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

ئەلقائىدەنىڭ ھازىرمۇ ئاكتىپ ياكى ئەمەسلىكى دائىرىسىدە، زاۋاھىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ تەشكىلاتقا زەربە بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىش خاتا بولۇشى مۇمكىن. دىننى مەنبە قىلغان ھالدا ئىناۋەتلىك ھالغا كەلگەن ئىدىئولوگىيەلەرنى شەخسلەردىنمۇ بەك، پىكرىي ئاساسلىرى بىلەن چۈشۈنۈش لازىم. ئىلگىرى دىندىن ئوزۇقلانغان تېررورلۇقنى زارقاۋى، بىنلادىن، باغدادى ياكى قۈرەيشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىلى بولمىدى. ئۇنداقتا زاۋاھىرىنىڭ يوق قىلىنىشىمۇ باشقىچە بىر ئەھۋال پەيدا قىلمىسا كېرەك.

11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ئەلقائىدەنىڭ ئۆزىنى ئارقا پىلانغا چېكىشى، ئىجرائىيە تەشكىلاتى بولۇشتىنمۇ بەكرەك پىكرىي كېڭىيىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ دائىرىدە قوللىغۇچى، يېتەكلىگۇچى ۋە باشقۇرغۇچى بىر ئاڭ بىلەن ئوخشاش بولمىغان رادىكال يۈزلىنىشلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. ئەلقائىدە تەشكىلاتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن قولغا كەلتۈرگەن پسىخولوگىيىلىك ئورنى بىلەن باشقا رادىكال تەشكىلاتلارغا ئىلھام بەرگەن بولۇپ، ئۆزىنى پىكرى مەنبە سالاھىيىتىگە ئىگە قىلماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆز-ئارا پىكرى توقۇنۇشى بولغان ۋە ئاسان ئايرىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە ئاساسلىق مەقسىتىنى ئەسلىتىدىغان تۈسكە كىرمەكتە.

ئەلقائىدەنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئوخشىمىغان ئامىل بار. بۇلاردىن بىرسى؛ ئەمدىكى رەھبەر بولغۇچىنىڭ قوللىنىدىغان ئۇسۇلىدۇر. مىسىرنىڭ سابىق ئالاھىدە قىسىم خادىمى ۋە تەشكىلاتنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان سەيف ئەل ئادل تەتقىقاتچىلار، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ دوكلاتىدىمۇ كېيىنكى رەھبەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىگە زاۋاھىرىنىڭ ئورنىغا ئادلنى قويىشىغا قارىتا ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق قوللىغۇچىلىرىنىڭ تېلېگرامما قانىاللىرىدا، سەيف ئەل ئادلنىڭ ھازىر ئىراندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى باشقا بىر رەھبەرنىڭ نەزەردە تۇتۇلىشى كېرەكلىكىنى تەقەززا قىلماقتا.

يەنە بىر ئىسم بولسا، ب د ت دوكلاتىدا ئۈچىنچى رەتتتە ئورۇن ئالغان زاۋاھىرىنىڭ كۈيئوغلى شۇنداقلا ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان-پاكىستان ئەمىرى ۋە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراخمان ئەل مەغرىبى دەپمۇ بىلىنىدىغان مۇھەممەد ئابباتايدۇر.

ئىككىنچى ئامىل بولسا تالىباندۇر. تالىبان ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى باشقا گۇرۇپپىلارنى كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەيمەن ئەز زاۋاھىرىنىڭ ئەكسىچە، يېڭى رەھبەرنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى جۇغراپىيىلىك ئورنلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە. بۇ ئېھتىمالنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بولسا، يېڭى رەھبەرنىڭ ئەيمەن ئەززەۋاھىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلارغا قارشى شىددەتلىك ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ھەربىي سىياسەتنى يولغا قويۇش ياكى مۇسۇلمانلار ياشايدىغان جۇغراپىيەدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ۋە مەۋجۇتلۇقلىرىنى ئافغانىستان-پاكىستان رايونىدا بىخەتەر شارائىتقا ئىگە قىلىش ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر