دىئونىزوس ۋە تېئوس قەدىمكى شەھىرى

«ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئانادولۇنىڭ تۇنجى سەنئەتچىلەر ئۇيۇشمىسى، ئانادولۇدىكى ئەڭ چوڭ بۇتخانا دىئونىزوس ۋە ئۇنىڭغا ساھىبخانلىق قىلغان تېئوس قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1866392
دىئونىزوس ۋە تېئوس قەدىمكى شەھىرى

دىئونىزوس ۋە تېئوس قەدىمكى شەھىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇ يەردە، شامال ئۇنتۇلغان بىر شېئىرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مىسرالىرىنى پىچىرلايدۇ… ئەسىرلەردىن بۇيان زەيتۇن دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدىن مېلودىيە ئاڭلانماقتا… ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىياتىرخانىنىڭ سەھنىسىدىن بىر تىياتىر ئويۇنىنىڭ پەردە ئارقىسى ئەسكەرتىشلىرى ئەكس ئېتىدۇ.

بۇ يەردە ۋاقىتنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتەمدۇ ياكى كىشى بۇ سۈكۈناتقا غەرق بولۇپ كەتكەچكە، مۇشۇنداق تۇيغۇغا كېلىپ قالامدۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما، بۇ يەردە كىشىنى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر زاماننىڭ ماتىمىگە چۈمگەن تاشلار، دەل – دەرەخلەر ۋە تەبىئەت قوينىغا ئالىدۇ. ئۇ ئەفەس ياكى ئاسپېندوسچىلىك داڭلىق بولمىسىمۇ، سىزنى باشقا زامانلارغا ئېلىپ بارىدىغان بۇ جاي – تېئوستۇر.

بۈگۈن ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان تېئوس قەدىمىي شەھىرىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە ئىئونىيە رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ كونا شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. جۇغراپىيەلىك ئورنى زور ئەۋزەللىك ئاتا قىلغان تېئوس، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سودا ئەھمىيىتى يۇقىرى چوڭ شەھەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇ بىر پورت شەھىرى بولۇپ، ئىككى پورتى بار ئىدى. جەنۇبتىكى پورت پىرىستانلىرى ئانادولۇ دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى قەدىمكى دەۋرلەردىن زامانىمىزغىچە ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان پىرىستانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، تېئوس پورتىغا ئەللىك پاراخوتنىڭ لەڭگەر تاشلىيالايدىغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇ دەۋرگە نىسبەتەن بۇ ھەرگىزمۇ ئاز سان ئەمەس. ئۇ بىر پورت شەھىرى بولغاچقا، دېڭىز سودىسىدا ئاكتىپ رول ئويناپ، تېز تەرەققىي قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېنېقلىشىچە، ئۇلارنىڭ سودا مۇناسىۋىتى قەدىمكى مىسىرغىچە تۇتىشىدىكەن.

تېئوس قەدىمكى دەۋردىكى داڭلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ سودا مۇۋەپپەقىيىتى بىلەنلا ئەمەس، مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئىلاھ دىئونىزوس ئۈچۈن ئانادولۇدا سېلىنغان ئەڭ چوڭ بۇتخانىمۇ بۇ يەردە. ئېتىقادچىلىرى، دىئونىزوسنىڭ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، بەرىكەت ۋە تەبىئەتنىڭ، قىسقىسى، كىشىلىك ھاياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ ئىلاھى، ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. دىئونىزوس يۇنان ئەپسانىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلاھلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان بۇتخانىلارنىڭ ئەڭ چوڭى تېئوسقا سېلىنىدۇ.

قەدىمكى دەۋرلەردە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بۇتخانا بىناكارلىقى بولۇپ، بىناكارلار مۇكەممەل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. يۇنان دەۋرىنىڭ داڭلىق بىناكارى ئانادولۇلۇق ھېرموگېنېسمۇ  دىئونىزوس بۇتخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۆزگىچە لايىھە ئۇسلۇبىنى قوللىنىدۇ. قۇرۇلۇش ئەشيالىرىنى قويۇشتىن بۇرۇن بۇتخانا سېلىنىدىغان جاينى شاخمات تاختىسىغا ئوخشاش كاتەكچىلەرگە بۆلۈپ، ئاندىن بىر – بىرلەپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

* * * * *

تەڭرى دىئونىزوسقا بېغىشلاپ سېلىنغان تېئوستىكى بۇ ئىبادەتخانا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، دىئونىزوس  بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق ئىلاھى بولۇپ، ئۇ  ھەم تېئوسنىڭ، ھەمدە ئۈزۈم ۋە تەبىئەتنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر. بۇتخانا پوپلىرى يىلنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ئىلاھ دىئونىزوسقا بېغىشلاپ بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. كىلاسسىك دەۋر يۇنان تىياتىرىنىڭ باشلانغۇچى ھېسابلىنىدىغان بۇ خىل پائالىيەتلەردە بىر ئاكتيور ھېسابلىنىدىغان پوپلارمۇ رول ئوينايدۇ. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، سەنئەتنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدىكى سەنئەتكارلار بىلەن پەيلاسوپلار ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن تېئوسنى تاللايدۇ. تېئوس سەنئەت شەھىرى دەپ تونۇلۇشقا باشلايدۇ ۋە بۇ شەھەردە ئانادولۇنىڭ تۇنجى سەنئەتچىلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ.

شائىرلار، مۇزىكانتلار ۋە تىياتىر ئارتىسلىرىدىن تەركىب تاپقان دىئونىزوس سەنئەتكارلار ئۇيۇشمىسى، قەدىمكى دەۋرنىڭ مۇھىم سەنئەتكارلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. تېئوس ئۇزۇن يىللار بويىچە سەنئەت شەھىرى دېگەن نامىنى ساقلاپ قالىدۇ ۋە كېيىنكى چاغلاردا بۇ ئۇيۇشما باشقا شەھەرلەردىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

* * * * *

تېئوس قەدىمكى شەھىرىنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىغان دىئونىزوس بۇتخانىسى، ئەپسۇسكى، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يىللار ۋە ۋەيران قىلغۇچ يەر تەۋرەشلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. قەدىمىي شەھەردىكى پارلامېنت بىناسى، تىياتىرخانا، ئاكروپولىس ۋە چېنىقىش ئۆيى قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلار، تېئوسنىڭ بىر چاغلاردا قانچىلىك مۇھىم ۋە كۈچلۈك بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، نۇرغۇنلىغان ئارخېئولوگىيەلىك ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ قېزىش ئارقىلىق يورۇق كۆرۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، قېزىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، تېئوسنىڭ ئەفەس ياكى ئاسپېندوسقا ئوخشاش ھەيۋەتلىك بىر شەھەر ئىكەنلىكىنىڭ نامايان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

تېئوس قەدىمكى شەھىرى بىناكارلىق قالدۇقلىرى بىلەنلا ئەمەس، پۈتۈكلىرى بىلەنمۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. چۈنكى پۈتۈكلەر مۇتەخەسسىسلەرنى تۇپراققا كۆمۈلۈپ ياتقان تارىخنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، قېزىش جەريانىدا تېپىلغان پۈتۈكلەردىن بىرى ئانادولۇدىكى ئەڭ كونا ئىجارە توختاملىرىنىڭ بىرى. يەنە بىر پۈتۈكتە، مەكتەپ دەرسلىكى ئۈچۈن بىر ۋەخپە قۇرۇلغانلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا قانچىلىك مائاش بېرىلىدىغانلىقى يېزىلغان. يەنە بىرىدە بولسا، ئىمتىھانلارنىڭ پارلامېنت بىناسىدا ئېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بۇ تېپىلمىلار «سۆز ئۇچۇپ كېتىدۇ، يېزىق قالىدۇ» دېگەن ماقالنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ.

بەزى تەتقىقاتچىلار ئانادولۇغا «مەدەنىيەتنىڭ يادرولۇق رايونى» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. بۇ قەدىم بىرىكمە ۋە بايلىق بىر مەدەنىيەتتىن يەنە بىر مەدەنىيەتكە ئۆتۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. مەدەنىيەت يۆتكەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى، شۈبھىسىزكى، سەنئەتكارلاردۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك «سەنئەتسىز قالغان بىر مىللەتنىڭ جان تومۇرلىرىدىن بىرى ئۈزۈلۈپ قالغان بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق سەنئەت ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر