ئىستانبۇل ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (48)

1861307
ئىستانبۇل ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى
Erdoğan Ukrayna Rusya Tahıl.jpg
rusya ukrayna türkiye tahıl.jpg

ئىستانبۇل ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى

تۈركىيە، ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى بىلەن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى. 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى تولۇق ئېكسپورت قىلالمىغان ئۇكرائىنانىڭ ئامبارلىرىدا 20 مىليون توننادىن ئارتۇق ئاشلىق بار. ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، بوش ئامبارلارنىڭ بولماسلىقى، يېمەك-ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. دېڭىز يولىدا سۇ مېنالىرىنىڭ بولۇشى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى، ئۇكرائىنانى ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشتا يېڭى يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى. ئەمما، زۆرۈر ئاستىقۇرۇلمىلارنىڭ بولماسلىقى ۋە ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى، ئوخشىمىغان يوللاردىن پايدىلىنشنى قىيىنلاشتۇردى.

تۆۋەندە، «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

يېقىنقى ئىككى يىلدا ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسىدا پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ۋە بۇ ساننىڭ %60 كە چىقىشىنى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدا كۆرۈش مۇمكىن. ئاشلىق ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق قامداپ كەلگەن دۆلەتلەر ئارىسدىن ئورۇن ئالغان ئېرىترېيە، سومالى، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۇممان، ئىسىرائىلىيە، تۇنىس، يەمەن، ئېفىيوپىيە ۋە كېنىيە ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇكرائىنانىڭ ئۈلۈشىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتتىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىپ، ئېھتىياجىنى قامدىشى ناھايىتى تەس. چۈنكى ۋۇخەن ۋىرۇسى، ئېنېرگىيە ۋە يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسلىرى تۈپەيلىدىن باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، ئۇكرائىنا ئاشلىق كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كارىدورنىڭ ئېچىلىشى بىلەن دۇنيادا ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىغا بولغان بېسىم يەڭگىللىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن، غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى كۆپ پايدىلانغان دۆلەتلەر بولۇپ قالىدۇ.

ئۇرۇش سەۋەب بولغان ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج ۋە تەلەپ تەڭپۇڭلۇقىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە-رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ب د ت بىرلىكتە تەسىس قىلماقچى بولغان ئاشلىق كارىدورى، ئامبارلاردىكى ئاشلىقلارنىڭ دۇنيا بازىرىغا چىقىرىلىشىنى نىشان قىلىدۇ.  دۇنيا ئاشلىق ئېھتىياجىنى تەمىنلەشتە مۇھىم ئاكتىيورلارنىڭ بىرى بولغان ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىقىنىڭ دۇنيا بازىرىغا سېلىنىشى، ئاشلىق باھاسىدىكى داۋالغۇشنى ھەل قىلىشى مۇمكىن.

ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش ئۇرۇش ھالىتىدىكى ئىككى دۆلەت بىلەن دىيالوگ يوللىرىنى ئوچۇق تۇتقان تۈركىيە بولسا، دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى. رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگو ۋە يالغۇزلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەمدە ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دىپلوماتىيە ئۈستىلى تەشكىللىيەلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى چەكلىك. تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش باشلانغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا تەڭپۇڭ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشى ۋە تەرەپلەر ئارىسىدا ئىشنى ئاسانلاشتۇرغۇچى بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. تۈركىيە پاراخوتلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاشلىق پاراخوتلىرىنىڭ ئىستانبۇل ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا چىقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال، ھەم دۇنيادىكى ھەمدە تۈركىيەدىكى ئاشلىق باھالىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەر شارى ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يوللىرىدىن بىرى بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئېھتىمالى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشتى.

ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىدە كۈتۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ كېلىشىم بويىچە ھەرىكەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، كېلىشىم ۋە ئاشلىق كىرىزىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا بەزى خەتەرلەر مەۋجۇت. شۇڭا، كېلىشىمنى ئەينەن ئىجرا قىلىش ۋە رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرى ھەمدە ئاشلىق ئاستىقۇرۇلمىلىرىغا ھۇجۇم قىلماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم. رۇسىيە ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرغان ياكى ئۇكرائىنا دېھقانلىرىنىڭ ئاشلىقىنى مۇسادىرە قىلغان ئەھۋالدا، ھەممىدىن مۇھىمى، ئالدىمىزدىكى يىل ئۇكرائىنادا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ زور مىقداردا تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر