قەدىمكى دەۋر ئانادولۇسىنىڭ تۇز يولى: ۋىئا سەباستە ۋە ئىسائۇرىيا

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، قەدىمكى دەۋر ئانادولۇسىنىڭ تۇز يولى: ۋىئا سەباستە ۋە ئىسائۇرىيا (Isauria) تۇز يولى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1860463
قەدىمكى دەۋر ئانادولۇسىنىڭ تۇز يولى:  ۋىئا سەباستە ۋە ئىسائۇرىيا

قەدىمكى دەۋر ئانادولۇسىنىڭ تۇز يولى: ۋىئا سەباستە ۋە ئىسائۇرىيا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دادىسىنى تۇزدەك ياخشى كۆرىدىغان مەلىكە توغرىسىدىكى چۆچەكتە، پادىشاھ قىزلىرىدىن <مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسىلەر؟> دەپ  سورايدۇ. چوڭ مەلىكىلەر: «ئالماسقا، ئالتۇنغا ئوخشاش» دەپ، كىچىك مەلىكە بولسا «تۇزغا ئوخشاش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پادىشاھ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، قىزىنى ئوردىدىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. پادىشاھ ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن قىزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. بىرى سىزنى تۇزدەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتسا، سىزنىڭ ئىنكاس قانداق بولار؟ سىزمۇ ئۇنىڭغا چۆچەكتىكى پادىشاھقا ئوخشاش ئاچچىقلىنارمىدىڭىز ياكى ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەرمىدىڭىز؟ ساغلاملىق سەۋەبىدىن تۇز ئىستېمال قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنغانلار، كىچىك مەلىكەنىڭ دېمەكچى بولغىنى دەرھال چۈشىنىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ زىيىنى ھەممىگە ئايان. لېكىن، يېمەكلىككە تۇز سېلىنمىغاندا، تەمى بولمايدۇ. تۇز ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىز ئۈچۈن مۇھىم مىنېرال ماددا، يەنى ناترىي. بۇ مىنېرال ماددىنىڭ بەدەندىكى سۇنىڭ تارقىلىشى، نېرۋا ئىمپۇللىرىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىسىگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە مۇسكۇللارنىڭ تارىيىشىدا ناھايىتى چوڭ رولى بار. بۈگۈنكى كۈندە بىز تۇزغا ساغلاملىق نۇقتىسىدىن باھا بېرىپ، ئۇنى تائاملارنىڭ تەمىنى ئاشۇرىدىغان خۇرۇچ دەپ قارايمىز. ئەمما تۇز ئۆتمۈشتە ئىنتايىن مۇھىم تاۋار ئىدى، گوياكى يىپەك يولى ياكى تېتىتقۇ يوللىرىغا ئوخشاش تۇز يوللىرىمۇ بار ئىدى. تۆۋەندە ئانادولۇدىكى پادىشاھ يولى دەپمۇ ئاتىلىدىغان تۇز يولى ۋىئا  سەباستە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

* * * * *

ئانادولۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا نۇرغۇن مەدەنىيەتكە ساھىبخانلىق قىلىدۇ. ھىتىتلاردىن باشلاپ، ئانادولۇغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق دۆلەتلەر يوللارنى ياسايدۇ. بۇ يولار ئارقىلىق ھەم ئوخشىمىغان رايونلار بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. يول ياساشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگىنى بولسا، رىم ئىمپېرىيەسى بولىدۇ. يول قۇرۇلۇشى ئىمپېرىيە ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردا قىلىنىدىغان تۇنجى ئىش شەھەرلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان يوللارنى ياساش بولىدۇ. «رىم زېمىنى يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، پۈتكۈل ئىمپېرىيە يول تورلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ. رىملىقلار يول ياساپلا قالماي، ئۇ يوللارنىڭ بويلىرىغا قاراۋۇلخانا، كۆۋرۈك ۋە مېھمانخانىلارنى سالىدۇ. شۇنداق، ئانادولۇنىڭ ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان رىم يولى — ۋىئا  سەباستە  ياكى پادىشاھ يولى ئەڭ شۇ يوللارنىڭ بىرىدۇر. پادىشاھ يولى ۋىئا سەباستە ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى يول. پاتارا، ساگالاسسوس ۋە پەرگەگە ئوخشاش مۇھىم شەھەرلەر جايلاشقان لىكيا، پىسسىدىيە ۋە پامفىلىيە رايونلىرىنى ئانادولۇنىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يول ئىدى. بىر قىسمى چوڭ تاشنى ئويۇش ئارقىلىق ئېچىلغان، يەنە بىر قىسمى تاش ياتقۇزۇپ ياسالغان بۇ يولنىڭ كىلىكيا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغانلىقى مەلۇم.

كەڭ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋىئا  سەباستە  پادىشاھ يولىنىڭ بىر قىسمى، ئۇ دەۋر ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بىر بۇيۇمنى توشۇش ئۈچۈن ياسالغانىدى. ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ماددا تۇزدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى! چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان تۇز، قەدىمكى دەۋرلەردە ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددا ئىدى. تۇزى مول جايلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇھىم سودا مەركەزلىرىگە ئايلاندى. ئانادولۇدىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان ھىتىتلار، مىخ يېزىقلىق تاختايلىرىغا تۇز سودىسى قائىدىلىرىنى پۈتتى. بىر مەزگىل رىم ئەسكەرلىرىگە مائاش ئورنىدا تۇز بېرىلگەنىدى. مۇشۇنداق قىممەتلىك بىر ماددىنىڭ توشۇلۇشى ئۈچۈن، يېپەك يولى ياكى دورا – دەرمەك يولىغا ئوخشاشلا تۇز يولى تورىمۇ شەكىللەندۈرۈلدى. ۋىئا سەباستە  پادىشاھ يولىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان ئىسائۇرىيا يولى تۇز يولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يول ئانادولۇنىڭ بىردىنبىر تۇز مەنبەسى بولغان، رىملىقلار تەرىپىدىن «تاتتا لاجۇس»، يەنى تۇز كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان يەرگىچە سوزۇلاتتى. ئىككى مىڭ يىل بويىچە بۇ يول ئارقىلىق پەمفىلىيە قىرغاقلىرىدىن ئىسائۇرىياغا زەيتۇن يېغى توشۇلاتتى، قايتىشتا تۇز ئېلىپ كېلىنەتتى. ئۇ تۇز مائاشلارنىڭ تۆلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلاتتى، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى، يېمەكلىكلەرنى مۇھاپىزەت قىلاتتى، تائاملارغا تەم بېغىشلايتتى. قەدىمكى دەۋرلەردە تۇز ئىشلىتىلمەيدىغان يەر يوقتەكلا قىلاتتى.

بۈگۈنكى كونيا بىلەن ئانتاليانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىسائۇرىيا قەدىمكى تۇز يولى خەلقئارا يول ئىشارىتى قويۇش سىستېمىسىغا ئاساسەن ئىشارەتلىنىپ، يېڭى ساياھەت يولىغا ئايلاندۇرۇلدى. تۇز يولى چەشمىلەر، قۇدۇقلار، مېھمانساراي قالدۇقلىرى ۋە كۆۋرۈكلەرنى بېسىپ ئۆتىدىغان 175 كىلومېتىرلىق يولدۇر. ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمكى يولدا مېڭىۋېتىپ، تۇز كەمچىل چاغلارنى، تۇز كارۋانلىرىنى ئويلىماي تۇرالمايمىز.

* * * * *

گىرېكچىدىكى «تۇز ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىش»، پارسچىدىكى «تۇزكورلۇق قىلىش» ۋە تۈركچىدىكى «تۇز ھەققى» ئىبارىسى، دىنىي تېكىستلەردىكى تۇزغا مۇناسىۋەتلىك ئىبارىلەر، تۇزنىڭ ھەر مەدەنىيەتتە دېگۈدەك ئۆز ئورنىنى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇزنىڭ ھاياتىمىزدا ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باققانمىدىڭىز؟!

 مۇتەخەسسىسلەر، ئىنسانلارنىڭ تۇزنى بۇنىڭدىن 11 مىڭ يىل ئىلگىرى تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بېكىتتى. كىشىلەر تۇزدىن يېمەكلىكلەرنى قۇرۇتۇش ۋە ساقلاشتا، سېھىرگەرلىك ۋە ھەر خىل مۇراسىملاردا، مال ئالماشتۇرۇش ۋە مائاش تۆلەش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەر خىل مەنىلەرنى يۈكلىگەن. ئۇ تۇز كەمچىل جۇغراپىيەلىك رايونلاردا ئۇ نەچچە مىل يىراق جايلاردىن يۆتكىلىدىغان سودا مەھسۇلاتىغا ئايلانغان. تۇز يوللىرى مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. شۇڭلاشقا قەدىمكى دەۋرلەردە ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ئانادولۇدا تۇز يوللىرى شەكىللەندۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر