يەسەمەك تاش كېنى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى

«ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ھىتىتلارنىڭ سەنئەت مەركىزى يەسەمەك تاش كېنى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1857655
يەسەمەك تاش كېنى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى

يەسەمەك تاش كېنى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەنئەت سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا قانچىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىش مۇمكىن ئەمەس. رەسىم سىزىش، ھەيكەلتىراشلىق، شېئىر، مۇزىكا، بالېت، تىياتىر، كىنو… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشىمىزدا ئازدۇر – كۆپتۇر ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەمما سەنئەتنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئەزەلدىن بار بولۇپ كەلگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىرىق مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆڭكۈر تاملىرىغا سىزغان رەسىملىرى بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتى. ھەتتا سەنئەت تارىخچىلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل سىزىلغان بۇ رەسىملەر، يېزىق  يوق دەۋرلەردىمۇ ئىنسانلارنىڭ سەنئەت بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. گۆبەكلىتەپەدىكى ھايۋان رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن غايەت زور تاشلار؛ سېرىق، قىزىل ۋە قارا رەڭلەر بىلەن بېزەلگەن چاتالھۆيۈك ئۆيلىرى؛ ئانادولۇنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا بايقالغان قاچا- قۇچا ۋە زىبۇ-زىننەتلەر قاتارلىق ئېسىل قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ... ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزنى ھەيران قالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان سەنئەت ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن گېرمان پەيلاسوپ گېگېلنىڭ سەنئەتكارلارغا ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىلىرى دەپ ئېنىقلىما بېرىشى بىكار ئەمەس.

* * * * *

ھىتىتلار، ئانادولۇنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى مەدەنىيىتى... ئۇلار ئانادولۇنىڭلا ئەمەس، دۇنيا تارىخىنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەپسانىلىرى، تىلى، دىنى، سىياسىتى ۋە سودىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، قانۇن ۋە دۆلەت تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە باشلامچىسىغا ئايلىنىدۇ. ھىتىتلار تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن ئەسۋاپ ۋە جابدۇقلارنى ياسايدۇ، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ۋە قورال تېخنىكىسىدا ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ ھىتىتلار <تۇنجى>لارنىڭ مەدەنىيىتى بولۇپ، سەنئەتتىمۇ يېڭىلىقلارنى يارىتىدۇ. ئانادولۇدىكى يادىكارلىق بىناكارلىقىدا تۇنجى قېتىم چوڭ تاشلارنى ئىشلىتىپ، ھەيكەلتىراشلىق سېخى قۇرغان مەدەنىيەتمۇ ھىتىتلاردۇر.

بۈگۈن بىز توختىلىپ ئۆتىدىغان ھىتىتلارنىڭ يەسەمەك تاش كېنى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى، غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە ناھىيەسىدە بولۇپ، قەدىمكى يېقىن شەرقتە بايقالغان ئەڭ چوڭ ھەيكەلتىراشلىق سېخى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزگىچە ئارخولوگىيەلىك ئورۇن دەپ قارىلىدۇ. يەسەمەك تاش كېنى قەدىمكى زېئۇگما شەھىرىگە ئوخشاشلا ئالاھىدە ئالەمشۇمۇل قىممەتكە ئىگە بولغاچقا، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ ۋاقىتلىق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

* * * * *

يەسەمەككە دۇنيادىكى مىسلى تېپىلمايدىغان ئۆزگىچە ھەيكەلتىراشلىق مەكتىپى دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەرق ئۇسلۇبى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ غەربكە تارقىلىپ يۇنان سەنئىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇ يەردە كۆپىنچىسى يەرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ بەش يۈزدىن ئارتۇق تاش ھەيكەل بار بولۇپ، يەردىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدىغان ھەيكەللەر ھەقىقەتەنمۇ جەلپكار كۆرۈنۈشكە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە بىر ئۈستى ئوچۇق مۇزېي بولغان يەسەمەكتە زىيارەتچىلەرنى دەرۋازا شىرلىرى، سفېنكسلار (يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى شىر تەنلىك ئايال مەخلۇق) ۋە قاناتلىق شىرلارنىڭ لايىھە ھالىتىدىكى ھەيكەللىرى قارشى ئالىدۇ. ئامانوس تاغلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاغ ئىلاھى قاپارتما رەسىملىرى، جەڭ مەنزىرىسى رەسىملىرى ۋە باشقا بىناكارلىق يادىكارلىقلىرى نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. يەسەمەك بىزگە ۋاقىتنىڭ ئۇچۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەۋلادلارنىڭ ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، ئەمما سەنئەتنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 مۇتەخەسسىسلەر، دەسلىپىدە يەسەمەكتىكى ھەيكەللەرنىڭ ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايونلارغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ياسالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ سېختىكى ھەيكەللەرنىڭ شۇ رايوندا قۇرۇلۇشى باشلانغان شەھەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئويۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى يەسەمەكتە ھەيكەللەرنىڭلا ئەمەس، بىناكارلىققا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭمۇ ياسالغانلىقى ئېنىقلاندى.

يەسەمەك تاش كېنى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى تاش كېنىدىن تارتىپ تاشلارنىڭ قانداق كېسىلگەنلىكى، ھەيكەل لايىھەلىرىنىڭ قانداق تەييارلانغانلقى ۋە تاماملانغانلىقى توغرىسىدا بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر بىر نەرسىنى  ئايرىم – ئايرىم كۆرگىلى بولىدىغان، ئۆز دەۋرىدىكى ھەيكەلتىراشچلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان يەسەمەك، شۇ ۋەجىدىن دۇنيادىكى مىسلىسىز ماكان دەپ قارىلىدۇ.

* * * * *

يەسەمەك ھىتىتلارنىڭ سەنئەت بىلەن قانداق بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنداق كۆپ ساندىكى ھەيكەللەرنى ئويۇش ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن ھەيكەلتىراش بولۇشى كېرەك. بۇمۇ ھىتىتلارنىڭ سەنئەتكە قانداق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بېرىدۇ. يەسەمەك نۇرغۇنلىغان ھەيكەللىرى بىلەن كىشىلەرنى سىرلىق ۋە تەسىرلىك مۇھىتقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۆتمۈشكە شاھىت بولغان بۇ ھەيكەللەر، كەلگۈسىنىمۇ كۆزىتىۋاتقاندەكلا زىيارەتچىلەرنى كۈتمەكتە. ئەگەر ئۇلارنىڭ جىمجىتلىقىغا قۇلاق سالسىڭىز، ئۇلارنىڭ سىزگە قەدىمكى دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىچە ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايسىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر