15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق بايرىمى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن 2022 - يىلى 15-ئىيۇل...

1855479
15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق بايرىمى

 

15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق بايرىمى

بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 2016 - يىلى 15 -  ئىيۇلدا، تۈركىيە خائىنلارچە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا دۇچ كەلدى. فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە قوراللىق قىسملىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئۇنسۇرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، دۆلىتىمىزگە ۋە دۆلىتىمىز ۋەكىللىك قىلغان قىممەت قاراشلارغا خائىنلارچە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) بومباردىمان قىلىندى. تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىدارە، ئورگانلار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنماقچى بولدى.

ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلنىڭ ئاسمىنىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، كوچىلاردا تانكىلار بىلەن تەھدىتكە ئۇچرىدۇق. خەلقىمىز ئەلۋەتتە  بۇ ئەھۋالغا پەرۋاسىز تۇرالمايتتى.

مىڭلىغان پۇقرالىرىمىز جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەر مەيدانى ۋە كوچىلارغا چىقتى. ھاياتىنى تېكىپ، تانكىلارنىڭ ئالدىنى توستى. تىك ئۇچارلاردىن ئېتىلغان ئوقلارغا قارشى تۇردى. مىسلى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتىنىگە، دۆلىتىگە ۋە دېموكراتىيەسىگە ئىگە چىقتى.

خەلقنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەن دۆلىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ يولدا 251 كىشىمىز شېھىت بولدى ۋە يۈزلىگەن كىشى غازى بولدى.

15 – ئىيۇل كۈنى، دېموكراتىيەنىڭ غەلىبىسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. «دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى» ئېلان قىلىندى.

شەھىدلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر