تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرولان ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (43)

1847730
تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرولان ھەرىكىتى

تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرولان ھەرىكىتى

 

تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرولان ھەرىكىتى  

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (43)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرولان ھەرىكىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە دۆلەت ساھەلىرىدىن ئىراق ۋە سۈرىيەگىچە كېڭەيگەن چوڭقۇرلۇقلاردا قوراللىق ئۇچقۇچىسىزى ئايرولانلار بىلەن ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاخىرىقى قېتىم سىنجار ۋە سۇلايمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نۇرغۇن ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى. تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماستىن، تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنىمۇ نامايان قىلىپ بەرگەنلىكى ناھايىتى مۇھىم ئىدى.

7 - ئىيۇندا ئىراقنىڭ كۇرد رايونىغا قاراشلىق سۇلايمانىيەنىڭ كەلار يېزىسىدا بىر ئاپتوموبىل قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرولان تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلاندى. يەرلىك مەنبەلەر ئاپتوموبىلدىكى 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەرنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇلاردىن بىرىنىڭ فەرھاد دەرىك ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.  

دەرىك تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قۇرۇلمىسى شۇنداقلا شىمالىي ۋە شەرقىي سۈرىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئاتالمىش تەڭ دەرىجىلىك باشلىقى ئىدى. دەرىكنىڭ يېنىدىكى باشقا 4 نەپەر پ ك ك تېررورچىسى بىلەن بىرلىكتە سۇلايمانىيە يېزىلىرىدا تەشكىلىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 دەرىكنىڭ سۈرىيەدىن شۇنچە يىراقتا سۇلايمانىيە يېزىلىرىدىكى مەۋجۇتلىقىنىڭ قانداق بايقالغانلىقى ۋە قانداق ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان تېما بولدى. بولۇپمۇ تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلغان ئىقتىدارىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىدى.  مەزكۇر تېررورلۇق ئۇنسۇرىنىڭ سۈرىيەدىن ئىراقىچە تەقىپ قىلىنغانلىقى ھەم ئادەم كۈچى، ھەم تېخنىكىلىق ئىقتىدار جەھەتتىن مۇمكىن بولىدىغان سەۋىيەگە كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ چېگرا لىنىيەسىدە تەخمىنەن 300 كىلومىتىر يىراقلىقتا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى.  

دەرۋەقە، تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا ھەقىقەتەن كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى خەلقئارادا ئىقتىدارى يۇقىرى مۇھىم تەشكىلاتقا ئايلاندۇردى. چوڭ خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن ئىستىخبارات تەشكىلاتى يېڭى رېئاللىقلارغا ماسلىشالايدىغانلىقىنى، ھەم ئادەم كۈچى، ھەم تېخنىكىلىق ئىمكانىيەت جەھەتتىن ئۆزىنى نەقەدەر تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەلۋەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئىستىخبارات تەشكىلاتىنى كۈچلەندۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرسى بولدى. بولۇپمۇ قوراللىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان ساھەسىدە تۈركىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشى،  ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭمۇ مۇناسىۋەتلىك كۆزىتىش، ئىستىخبارات ۋە نىشانغا ئېلىش ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ تەسىرنى يېقىنقى ئايلاردا ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئونلارچە قېتىملىق قوراللىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان ھەرىكەتلىرى ۋە  ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  نىڭ ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر