مېتاۋېرس ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى

«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، «مېتاۋېرسنى كىملەر قۇرۇپ چىقىدۇ؟» دېگەن تېمىدا توختىلىپ ئۆتىمىز...

1846748
مېتاۋېرس ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى

مېتاۋېرس ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مېتاۋېرس ساھەلىرى ۋە مۇقىم مۈلۈكلىرى تۇرمۇشىمىزغا كىرگەندىن باشلاپلا زور ھاياجان پەيدا قىلدى. ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇشىغا قارىماي، يەر سېتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، قىممىتى نەچچە يۈز مىليون دوللارغا يەتتى. ئۇنداقتا، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، كىم بۇ يېڭى مەۋھۇم ئالەمنى بەرپا قىلىدۇ؟ مېتاۋېرس قانداق بەرپا قىلىنىدۇ؟

مېتاۋېرس بەرپا قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر قاتار تېخنىكىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تەرەققىي قىلىشى ۋە بىناكارلىق، ئالاقە، ئىقتىساد ۋە بازارغا سېلىش قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر - ئالاقە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركەن ساكا، «مېتاۋېرس ئەمەلىيەتتە كونكېرت شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر تېخنىكا ئەمەس، بەلكى بىر قاتار تېخنىكىلارنىڭ بىرىكىشىدۇر. ئۇنى سۈنئىي ئىدراكتىن مەۋھۇم رېئاللىققىچە ياكى كۈچەيتىلگەن رېئاللىققىچە بولغان مەۋجۇت تېخنىكىلارنىڭ يېڭى بىرىكمىسى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ». دەيدۇ.

مېتاۋېرس قۇرۇلۇشى باشلاندى، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ بىرەر نۇقتىسىدىن تۇتىدۇ؛ بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى بىناركارلىق كافېدراسى باشلىقى دوتسېنت دوكتور شەن يۈكسەلنىڭ قارىشىچە، Blockchain, NFT ۋە مەۋھۇم ۋە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «مېتاۋېرس قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان باشلانغان».

ئۇنداقتا، مېتاۋېرس قۇرۇلۇشىغا كىملەر قاتنىشىپ، قانداق روللارنى ئوينايدۇ؟ دوتسېنت دوكتور شەن يۈكسەل، بۇ قۇرۇلۇشتا بىناكارلىق ئۇستىلىرى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «كەلگۈسىدە كىم قۇرۇپ چىقىدۇ؟ دەپ قارايدىغان بولساق، ھەممە ئادەم (بۇ مۇساپىگە قاتنىشىدۇ). ئىستېمال قىلغۇچىلارمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە. بۈگۈنكى كۈندە ئويۇن، مودا، شىفىرلىق پۇللار مېتاۋېرسغا ناھايىتى تېز كىردى ۋە سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلماقتا. (شۇڭا بۇنى) ھەممە ئادەم قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە بۇ ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئىشقا ئايلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ مۇساپىدە بىناكارلارنىڭ يۈكى ئېغىر بولىدۇ؛ مېتاۋېرس قۇرۇلۇشىغا ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان بولىسمۇ،  بىناكارلارغا ئالاھىدە ۋەزىپە يۈكلىنىدۇ. چۈنكى بىز تەجرىبىنىڭ ئىمكانقەدەر رېئال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رېئال تەجرىبە ئۈچۈن رېئال ماكان لايىھەلىرى ۋە بىناكارلىق بىلىملىرىگە ئېھتىياج بار.

دوتسېنت دوكتور يۈكسەل، «بىز بىناكارلارنىڭ بۇ يەردىكى لايىھەدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك بولغان نۇقتا، كونتېكست. كونتېكست بىناكارلىقتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر سۆز. يەرگە ئائىت كونتېكست، مەدەنىيەت كونتېكستى، ئۆتمۈش كونتېكستى، ئىنسان كونتېكستى... ئەگەر بىز مېتاۋېرستىكى ماكانلارنى رېئال ماكانلاردىن پۈتۈنلەي يىراق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويساق، ئىنسانلاردا خاتىرە يوقۇلۇشى، مەدەنىيەت يوقۇلۇشى يۈز بېرىشى، بۇ تەبىئىي ھالدا ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دەيدۇ.

بۇ مەۋھۇمدىن رېئاللىققا، رېئاللىقتىن مەۋھۇمغا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۆتۈشۈش جەريانى. بىناكارلار يېڭىشكە تېگىشلىك يەنە بىر توسالغۇ، ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۆتۈشۈشنى روياپقا چىقىرىش بولۇپ، رېئال دۇنيادىن فىزىكانىڭ بارلىق قانۇنىيەتلىرى ۋە بوشلۇق تۇيغۇسى يوقىلىدىغان مەۋھۇم ئالەمگە ئۆتۈش تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. دوتسېنت دوكتور يۈكسەل، نۆۋەتتىكى مېتاۋېرس ئۈچۈن  لايىھەلەنگەن بارلىق ماكان لايىھەلىرىنىڭ ھەقىقىي ماكانلارغا ئاساسەن لايىھەلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ماركا ئاچقان دۇكان نورمال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي دۇكاندىن پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما كەلگۈسىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ماكان بار، تارتىش كۈچى يوق. كىشىلەر ئۇ يەرگە سۈنئىي كىملىك بىلەن كىرىدۇ، بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە ئۆتىدۇ، ئايلىنىدۇ. شۇڭا بىناكارلارنىڭ ۋەزىپىسى، ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۆتۈش جەريانىدا خاتىرە يوقىتىش ۋە ھوشسىزلىنىش قاتارلىق كىشىلەرگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارغا يول قويماسلىقتۇر».

مېتاۋېرس بىلەن ئويۇن ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟ دوتسېنت دوكتور يۈكسەل، «بىز ھازىر ئىشنىڭ باشلانغۇچىدا (تۇرۇۋاتىمىز). بۇ قارىماققا كىشىلەرگە ئىنتايىن خىيالىي بىر نەرسىدەك تۇيۇلسىمۇ، كۆپىنچە كىشىلەر كەلگۈسىدە، ناھايىتى يېقىن كەلگۈسىدە كۆپ ۋاقتىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يەردە ئىجتىمائىيلىشىدۇ، باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. مائارىپ، ساغلاملىق، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش… بۇلار ئاللىقاچان باشلاندى. كونسېرتلار قويۇلماقتا، مىڭلىغان كىشى ئۇلارغا قاتناشماقتا» دەيدۇ.

دوتسېنت دوكتور ساكا، ھازىر بىزنىڭ ئېكران مەركەزلىك ئىنتېرنېت ئىشلىتىش ئادىتىمىزنىڭ بارلىقىنى، مېتاۋېرس سايىسىدا ئۇ ئادەتنىڭ ئېكران سىرتىغا چىقىپ، ئىنتېرنېت ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ، مېتاۋېرس مۇھىتىدا كىشىلەرنى ئېكرانغا قاراشتىن يىراقلاشتۇرىدىغان بىر سىنارىيەنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تېخنىكا بار، ھېكايە يوق. بۇ يەردە، لايىھىلىگۈچىنىڭ ئىشى بىزنى  — ئابونتلارنى پائالىيەت ياكى ئۇ جەرياننىڭ ئىچىگە قانداق كىرگۈزىمىز دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىجادىي ھېكايىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ بىزنى ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئىتتىرىدۇ» دەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر