ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ساراي مۇزىكىلىرى ئاكادېمىيەسى

بىلىۋېلىڭ - 42

1845859
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ساراي مۇزىكىلىرى ئاكادېمىيەسى

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ساراي مۇزىكىلىرى ئاكادېمىيەسى

ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا قۇرۇلغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ساراي مۇزىكىلىرى ئاكادېمىيەسى ئوركېستىرىنى بىلەمسىز؟

لوندون ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ساراي مۇزىكىلىرى ئاكادېمىيەسى ئوركېستىرى، كىلاسسىك مۇزىكىلار كومپوزىتورى، دىرىژور ۋە مۇزىكاشۇناس ئەمرە ئاراجى  تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئەمرە ئاراجى، سەنئەت، قەدىمكى بىناكارلىق، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە دىپلوماتىيەگە بولغان قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە خاس مۇزىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئەمرە ئاراجى، 1997-يىلى تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئېدىنبۇرگ كونسۇلخانىسىدىكى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك كونسېرت پىروگراممىسى تەييارلايدۇ. كونسېرتتا 19-ئەسىردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيىدىكى بەزى مارشلار ۋە ئۇسسۇللار تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىدۇ. پىروگراممىدا سۇلتان 5 - مۇراد، سۇلتان ئابدۇلئەزىز، دونىزەتتى پاشا ۋە گۇئاتەللى پاشا قاتارلىقنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئورۇندىلىدۇ. تاماشىبىنلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن كونسېرت ئالتە ئايدىن كېيىن لوندوندا كېڭەيتىلگەن رېپېرتور ئارقىلىق ئىككى قېتىم تەكرارلىنىدۇ. بۇ كونسېرتلار كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن،  ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى غەرب ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلەر ئورۇندىلىدىغان لوندون ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ساراي مۇزىكىلىرى ئاكادېمىيەسى ئوركېستىرى قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاكادېمىيەنىڭ پائالىيەتلىرى ئارىسىدا، ياۋروپا مۇزىكا ئەدەبىياتىدىكى تۈركلەرگە ئائىت باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئورۇندىلىشىغىمۇ ئورۇن بېرىلمەكتە.

ئەمرە ئاراجى، خەلقئارالىق پائالىيەتلىرى بىلەن، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ياۋروپا، شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇزىكا كۆۋرۈكى سالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر