ماگنىينىڭ تەبىئىي مەنبەلىرى

شىپا بۇلىقى - 42

1845863
ماگنىينىڭ تەبىئىي مەنبەلىرى

ماگنىينىڭ تەبىئىي مەنبەلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ماگنىي دېگەن نېمە؟

ماگنىي، بەدەننىڭ ئىقتىدارى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مىنېرال ماددا بولۇپ، بەدەندىكى تۆتىنچى مول مىنېرال ماددا ھېسابلىنىدۇ. بەدەن بۇ مىنېرال ماددىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالمىغانلىقى ئۈچۈن، يېمەكلىكلەر ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا قوشۇمچە ئۇزۇقلۇقلار بىلەن تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

كەم بولۇپ قالغىنىدا بۆرەككە تاش چۈشۈش، سپازما، ھەتتا چۈشكۈنلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماگنىي ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ماگنىينىڭ قانداق پايدىلىرى بار؟

• چوڭ مېڭىدىكى كورتىزولنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋىتامىن ماگنىيدۇر.

• بەدەننىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، قاننىڭ سەۋىيەسى نورمال بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە بەدەنگە ئېلىنغان بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار قان سەۋىيەسىنىڭ پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ماگنىينىڭ ۋەزىپىسى بولسا بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتۇر.

خۇشاللىق ھورمۇنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن،  ماگنىي ئېلېمېنتى ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بەدىنىڭىزدە يېتەرلىك ماگنىي بولسا، خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەيدۇ.

• بەدەندىكى ھارغىنلىق ۋە ھارغىنلىقنى ئازايتىشقا تۆھپە قوشىدۇ.

• ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىغا تۆھپە قوشىدۇ.

• ماگنىي چىش ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك ئېلېمېنتتۇر.

• ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىدە ماگنىينىڭ مۇھىم رولى بار.

• مۇسكۇل فۇنكسىيەلىرى ۋە ئېنېرگىيە شەكىللەندۈرۈش مېخانىزىملىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

• ھۈجەيرىلەرنى ئاليۇمىن، نىكېل، كادمىي، سىماب ۋە قوغۇشۇن قاتارلىق زىيانلىق ئېلېمېنتلاردىن قوغدايدۇ.

• ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي ۋە كالىينىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

ماگنىينىڭ تەبىئىي مەنبەلىرى قايسىلار؟

پالەككە ئوخشىغان يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار. ئورمان ياڭىقى، قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك، بادام، تاۋۇز، كۆكنار ئۇرۇقى، ئارگۇلا، چامغۇر شەربىتى، پېدىگەن، خورما، كۈدە، كەرەپشە، كۆك پۇرچاق،  سېرىق پۇرچاق، سۈت، قېتىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، بانان، پېرسېيە نەشپۈتى، شاكىلات Bitter ،   ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى، كۈنجۈت، كوسوروت بېلىقى، دانلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، قاتتىق سۇ قاتارلىقلار ماگنىينىڭ تەبىئىي مەنبەلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

 

قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار.

• شاكىلات Bitter ،

• پېرسېيە نەشپۈتى،

• يېشىل پۇرچاق،

• بانان،

• سۈت،

• پالەك،

• قۇرۇق پۇرچاق،

• دانلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان يېمەكلىكلەر،

• سېرىق پۇرچاق،

• قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار،

• قېتىق.

ئەلۋەتتە، پۈتۈن يېمەكلىكلەرنى يېيىش ۋە بەزىلىرىنى ئايرىماسلىق ھەمىشە ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسىدۇر. چۈنكى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ماگنىي يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

  • قارا شاكىلات

كەم دېگەندە% 70 كاكائونى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارا ياكى Bitter  شاكىلاتتا، 28 گىرامىدا 64 مىللىگىرام ماگنىي بار. بۇ بولسا كۈندىلىك ماگنىي ئېھتىياجىنىڭ% 16 گە تەڭ كېلىدۇ.

  • پېرسېيە نەشپۈتى

بىر پېرسېيە نەشپۈتىنىڭ تەركىبىدە سىزنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىڭىزنىڭ% 15 گە تەڭ كېلىدىغان 58 مىللىگىرام ماگنىي بار.

  • قاتتىق پوستلۇق يەل - يېمىشلەر

بادام، بىرازىلىيە ياڭىقى ۋە مۇقاتىل قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق يەل - يېمىشلەرنىڭ 82 گىرامىدا كۈندىلىك ماگنىي ئېھتىياجىنىڭ% 20  گە تەڭ كېلىدىغان 82 گىرام ماگنىي بار.

  • پۇرچاق تۈرىدىكىلەر

يېسسىمۇق، پۇرچاق، نوقۇت، كۆك پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ماگنىي ئىنتايىن مولدۇر.

  • ئۇرۇقلار

ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى، زىغىر، كاۋا ۋە چىيا ئۇرۇقى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ كاۋا ئۇرۇقىنىڭ 28 گىرامىدا 150 مىللىگىرام ماگنىي بار. بۇ كۈندىلىك ماگنىي ئېھتىياجىڭىزنىڭ% 37 گە تەڭ كېلىدۇ.

  • دانلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان يېمەكلىكلەر

بۇغداي، قارا بۇغداي، سۇلۇ، ئارپا، كوئىنوئا قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ماگنىي بار. 38 گىرام قارا بۇغدايدا 65 مىللىگىرام ماگنىي بار بولۇپ، بۇ كۈندىلىك ماگنىي ئېھتىياجىنىڭ% 16 گە توغرا كېلىدۇ.

  • بانان

گەرچە باناننىڭ تەركىبىدە كالىي مىقدارى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بىر چوڭ باناننىڭ تەركىبىدە 37 مىللىگىرام ماگنىي باردۇر. بۇ كۈندىلىك ئېھتىياجنىڭ% 9 ىگە تەڭ كېلىدۇ.

  • قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار

پالەك، يېسىۋىلەك، قىچا، تۇرۇپ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىل قىسىملىرىدا بار بولغان ماگنىي بولۇپمۇ 100 گىرام پىشۇرۇلغان پالەكتە ناھايىتى مول بولۇپ، كۈندىلىك ئېھتىياجنىڭ% 39 ى گە تەڭ كېلىدۇ. يەنى 100 گىرام پىشۇرۇلغان پالەكتە 157 مىللىگىرام ئەتراپىدا ماگنىي باردۇر.

  • سۈت
  • قېتىق ۋە مىنېرال سۇ

ماگنىي كەملىك ئۈچۈن قېتىق ۋە مىنېرال سۇ بىلەن داۋالاشنى تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ. بىر قاچا قېتىقنى بىر شېشە مىنېرال سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندۈزى خالىغان ۋاقىتتا ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

  • يېشىل پۇرچاق
  • سېرىق پۇرچاق

سېرىق پۇرچاق، كۈندىلىك ماگنىي ئېھتىياجىنىڭ% 70 ىنى قاندۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر