تۈركىيە-گرېتسىيە جىددىيلىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (42)

1844897
تۈركىيە-گرېتسىيە جىددىيلىكى

تۈركىيە-گرېتسىيە جىددىيلىكى

تۈركىيە-گرېتسىيە جىددىيلىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (42)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە-گرېتسىيە جىددىيلىكى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان «ئەفەس 2022 مانېۋىرى» دىكى نۇتىقىدا بەرگەن سىگناللىرى ۋە گىرېتسىيەنى غەيرىي ھەربىي سالاھىيەتكە ئىگە ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشى، بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كونكېرت پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنىڭمۇ ئىپادىسى بولدى. بۇ ئىش تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر جىددىيلىكنىڭ كۆرىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلغانغا ئوخشاش، يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنىمۇ نامايان قىلىپ بەرمەكتە.

ئاراللارنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە ئايلىنىشىنىڭ بىرلا سەۋەبى يوق ، بۇ جەريان تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنسىز پوزىتسىيىسى ۋە ناچار سىياسەتلىرىنى شەرقىي ئاق دېڭىزغا ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇنىشى ئەسلىدە بۇ جىددىيچىلىككە قوزغاتقۇچ رول ئوينىدى. ئافىنانىڭ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر فرونت بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئارقىلىق شەرقىي ئاق دېڭىزدا يېڭى تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلەردە بولىشى ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ كەسكىن قارشىلىقىغا ئۇچرىدى ۋە 2020-يىلدىكى جىددىيلىك نەتىجىسىدە، گىرېتسىيە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ جەرياندا تۈركىيە شەرقىي ئاق دېڭىزدا «NAVTEXT»  ئارقىلىق باشلىغان سىگناللىرىنى ئەگە دېڭىزىغىچە يەتكۈزۈپ، ئاراللارنىڭ غەيرى ھەربىي سالاھىيىتىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىك سەۋىيەدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىشقا باشلىدى.

مەسىلە قىززىپ ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە ئايلىنىشىدا ئىككى ئامىل ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، گىرېتسىيەنىڭ يېقىندا تاشلىغان تاجاۋۇزچىلىق قەدەملىرى بولدى. گىرېتسىيە بىر تەرەپتىن  فىرانسىيە بىلەن مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزۇپ، ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي كېلىشىمنى مۇددەتسىز ھالغا كەلتۈردى ۋە  ئامېرىكىغا نۇرغۇن ھەربىي بازالارنى بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن  تاجاۋۇزچىلىق ۋە ھەددىدىن زىيادە قوراللىنىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ،  ئاراللارنىڭ غەيرىي ھەربىي سالاھىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاراللارنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مانېۋىرىغا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان مانېۋىرلارغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى. بۇ قەدەملەرنى بېسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بىلەن بولغان سىياسىي ۋە مەسلىھەت خاراكتېرلىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى. لېكىن مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيەگە قارشى قەدەملىرىنى سىياسىي جەھەتتىن يوشۇرۇشتىن چېكىنمەسلىكى سەۋر قاچىسىنى تاشۇرغان ئاخىرقى تامچە بولدى.

ئىككىنچى ئامىل بولسا، تۈركىيەنىڭ كۈنسىرى  ئېشىۋاتقان دىپلوماتىك ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان مەيدانلاردا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن تۈركىيە، بۇ خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇكرائىنا كرىزىسى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە خاس تاشلىغان قەدەملىرى ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكەت ساھەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.  

بۇ نۇقتىدىن گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرىدىن نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى تۈركىيەگە نىسبەتەن يېڭى خىرىس ئېلىپ كېلىش خەۋپىگە ئىگە. شۇڭلاشقا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە، ئاراللارنىڭ غەيرى ھەربىي سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە ئايلاندۇرغاندەك قىلىدۇ.

تۈركىيە-گىرېتسىيە جىددىيلىكىدىن ھەربىي توقۇنۇش ياكى ئۇرۇش سىنارىيەسى چىقىرىش تېخى بەكلا بالدۇردەك قىلىدۇ. لېكىن گرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى ۋە باشقا رايونلاردا، بولۇپمۇ ئاراللارنى قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن تاشلايدىغان قانۇنسىز قەدەملىرىگە تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش سەۋرچانلىق كۆرسەتمەيدىغانلىقى ئېنىق. بۇ جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ مەزكۇر قانۇنسىز قەدەملەرگە قارشى دىپلوماتىك، سىياسىي ۋە ھەربىي بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. تەرەققىيات مۇساپىسى ئاساسەن گىرېتسىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىگە كۆرە شەكىللىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر