تۈركىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا...

ئالەم بوشلۇقىدا 10 كۈن تۇرۇپ قايتىدىغان ئالەم قاتنىشى ئۇچقۇچىسىنى نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟ «گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز...

1843466
تۈركىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا...

تۈركىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى پىروگراممىسى دائىرىسىدە بىر تۈركىيە پۇقراسىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىش مۇساپىسى باشلاندى. ئىلتىماسلار ئىچىدىن تاللىنىدىغان ئىككى نامزات ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش جەريانىدىكى بارلىق زۆرۈر مەشىقلەرنى قىلىدۇ. بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇنۋانىغا ئېرىشىش جەريانى تولىمۇ مۈشكۈل باسقۇچىلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ.

تەپسىلىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يېقىندا ئالەم ئۇچقۇچىلىقىغا ئىلتىماس قىلىش تەلىپىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن:

-  بىر تۈرك ئالەم ساياھەتچىسىگە قويۇلىدىغان بىرىنچى تەلەپ 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇش.

ئىنژېنېرلىق، ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە تېببىي فاكۇلتېتلارنىڭ ئاساسىي پەنلىرى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئىنگلىز تىلىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلار ئىلتىماس قىلالايدۇ.

- نامزاتلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 149.5 بىلەن 190.5 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 43 كىلوگىرام بىلەن 110 كىلوگىرامغىچە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

- ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۆزئەينەك ۋە لېنس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

- قان بېسىمىدىن تارتىپ پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگىچە بولغان بارلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتۈشى قىلىنىدۇ.

كەم دېگەندە 2 يىل تەربىيەلىنىشى شەرت

پىروگراممىغا تاللىنىدىغان كاندىدات كەم دېگەندە ئىككى يىل مەشىق قىلدۇرۇلىدۇ. پەقەت سۇدا قىلىنىدىغان مەشىقلەر ئۈچۈن ئالتە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. ئالەم پونكىتىغا بارىدىغان كىشىنىڭ بېكەتتە 10 كۈن تۇرۇپ ئىلمىي تەتقىقاتقا قاتنىشىشى پىلانلانماقتا.

* * * * *

ئۇنداقتا ئالەم پونكىتىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى نېمىلەر كۈتىدۇ؟

بوشلۇقتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئوزۇقلىنىش. يېمەكلىكلەرنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە ئورالمىسى دۇنيادىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بوشلۇقنى تېجەش ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاكۇئۇملىنىپ قاچىلىنىدۇ. تەركىبىدە سۇيۇقلۇق بولغان يېمەكلىكلەر ۋاكۇئۇملاشتۇرۇشتىن باشقا، قۇرۇتۇش جەريانىنىمۇ باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق يېمەكلىك ئورالمىلىرىنى تېخىمۇ يېنىكلىتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئالەم پونكىتى ئىنژېنېرلىرى ئىجاد قىلغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ياردىمىدە سۇنى  %80 ۋە ھاۋانى %40 ئەتراپىدا قايتىدىن پايدىلانغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرىدۇ؟

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قۇرۇتۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان ئالاھىدە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە ناھايىتى ئاز سۇ بىلەن چاچلىرىنى يۇيىدۇ. ئەتراپقا تۆكۈلگەن سۇلار پارغا ئايلانغاندىن كېيىن نەم شۇرىغۇچى ئاپپاراتلار تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، قايتىدىن سۇغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ھاجەتخانا ئېھتىياجى سېرىق ئۇچلۇق بىر ۋاكۇئۇم ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. چوڭ تاھارەتلىرىنىمۇ ئوخشاش بىر ۋاكۇئۇم سىستېمىسىغا ئىگە بىر كىچىك ھاجەتخانىدا ئۆزلىرىنى تەۋرەنمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەندىن قىلىدۇ. ئاندىن كېرەكسىز قاتتىق ماددىلار خالتىسىغا يىغىلىدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى كابىنكىغا باغلىۋالىدۇ

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالاھىدە ئۇخلاش ئۆيىدە ئۇخلايدۇ. ئۇ يەردە تارتىش كۈچى بولمىغاچقا، يېتىپ ئۇخلاشقا كېرەك يوق. پەقەت قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى كابىنىكىغا باغلىۋالىدۇ.

دائىم چېنىقىپ، مۇسكۇللارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

يەرشارىدا، مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلىرىمىز يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە قارشى توختىماي كۈرەش قىلىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ مۇسكۇل ۋە سۆڭەك زىچلىقىمىز ھەمىشە مەلۇم سەۋىيەدە تۇرىدۇ. ئەمما، بوشلۇقتا تارتىش كۈچى بولمىغاچقا، مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلىرىمىز ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى مۇنتىزم چېنىقىدۇ.

تارتىش كۈچى يوق مۇھىتتا تازىلىق قانداق قىلىنىدۇ؟

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھاۋا سۈزگۈچنى پات – پاتلا ئالاھىدە سۇيۇقلۇق بىلەن تازىلاپ، باكتېرىيەلەرنى يوقىتىدۇ. ئەخلەتلىرىنى سۇ ۋە ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان ئالاھىدە ماتېرىياللاردىن ياسالغان خالتىلارغا سالىدۇ؛ ئەخلەتلەر كېيىنكى ئالەم كېمىسىگە قاچىلىنىپ يەر شارىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ.

خەلقئارا ئالەم پونكىتى 2020 - يىلى  11 - ئايغىچە 18 ئوخشىمىغان دۆلەتتىن 241 كىشى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىندى. ئۇنداقتا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زورىيىپ تەرەققىي قىلغان خەلقئارا ئالەم پونكىتى ھازىرغىچە قايسى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى؟

تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە ئىلىم-پەن ئۆمىكى تۈرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى پىلانى دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانلارنىڭ پەقەتلا بىرى. تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە ئىلىم-پەن ئۆمىكى تۈرى جەمئىي ئون نىشاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

- جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 – قۇرۇلۇش يىلىدا، خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھالدا يەر شارى ئوربىتىسىدا قويۇپ بېرىلىدىغان مىللىي ھىبرىت ماتورلۇق راكېتا بىلەن ئاي شارىغا قاتتىق قونۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

- يېڭى ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھ تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە دۇنيا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىر سودا ماركىسى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.

- تۈركىيەگە خاس رايونلۇق ئورۇن ۋە ۋاقىت سىستېمىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

بوشلۇققا چىقىش ئۈچۈن ئالەم كېمىسى پورتى مەشغۇلات مەركىزى قۇرۇلىدۇ.

- ئالەم مېتېئورولوگىيەسى دەپ ئاتىلىۋاتقان ساھەگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بوشلۇقتىكى سالاھىيەت دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

رادىيو تېلېسكوپى ئارقىلىق ئالىملار ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن رادىيو دولقۇنىنى تەتقىق قىلالايدۇ.

- بوشلۇق ساھەسىدە سانائەت ساھەسى بىلەن ماس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۇقىرى ساپالىق ئادەم كۈچى بايلىقى ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ.

ئوتتۇرا شەرق پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بىر ئالەم تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى قۇرۇلىدۇ.

ئالەم بوشلۇقىدا سالاھىيەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقى ئېڭى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر