ئىستانبۇلدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار

بىلىۋېلىڭ - 39

1835430
ئىستانبۇلدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار

ئىستانبۇلدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار

ئىستانبۇلدا قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن باشلانغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا شەھەرنىڭ 8500 يىللىق ئۆتمۈشىگە ئائىت ئىزلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكى سەۋەبىدىن قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا مۇھىم شەھەر بولۇپ كەلگەن ئىستانبۇل، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلدى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىنمۇ پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ شەھەر، «ئۈچ ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۈچ چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن يوغۇرۇلغان ئىستانبۇلنىڭ تارىختىن بۇيانقى مول مىراسلىرى، 2004-2013-يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان تونېل ئۈچۈن 2004-يىلى باشلانغان قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى جەريانىدا، شەھەرنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى يەنىكاپى رايونىدا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار تېپىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى توختىتىلىپ، ناھايىتى كۆپ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئەترەتلىرى بىلەن تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى باشلاندى، ھەمدە ئىستانبۇلنىڭ قەدىمكى ئۆتمۈشىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك  ۋە تارىخىي مەلۇماتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەۋىتىدىن بۇنىڭدىن 8000-8200 - يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت يېڭى تاش قوراللار ئولتۇراق رايونى تېپىلدى. بۇ دەل ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونى ئىدى. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولنىڭ ئەڭ مۇھىم پورتلىرىدىن بىرى بولغان تېئودوسىئۇس پورتىنىڭ قالدۇقلىرىمۇ تېپىلدى.

چۆكۈپ كەتكەن 37 پاراخوتنىڭ قالدۇقلىرىمۇ  ئوتتۇرىغا چىققان قېزىلمىلار، مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن بىرى دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر