سۈرىيەگە يېڭى ھەربىي ھەرىكەت

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (39)

1833239
سۈرىيەگە يېڭى ھەربىي ھەرىكەت

سۈرىيەگە يېڭى ھەربىي ھەرىكەت

سۈرىيەگە يېڭى ھەرىبىي ھەرىكەت

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (39)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۈرىيەگە يېڭى ھەربىي ھەرىكەت» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىغا قىلغان ئەڭ يېڭى خىتابىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەتىڭ سىگنالىنى بەردى. ئەردوغان رايوندىن تۈركىيەگە قارىتا تېرورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە چېگرا لىنىيەسىدە 32 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن پ ك ك/ي پ گ تېرورلۇق تەشكىلاتىنى نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغان يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى گېئوپولىتىكىلىق تەڭلىمە تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىگە نىسبەتەن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتقان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.  

دەرۋەقە تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان سۈرىيە مەنبەلىك تېرورلۇققا قارشى كۆپ قېتىم چوڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. بىرىنچى قېتىم 2016-يىلى فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنى باشلاپ، دائېش ۋە پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ئاندىن ئافرىنغا زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنى ۋە ئاخىرىدا فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تىنچلىق باھارى ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى.  بۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بېرىش يولىنى كەستى ۋە تېرورلۇق دۆلىتى قۇرۇش ئۇرۇنىشىنى يوققا چىقاردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ھازىرمۇ سۈرىيەدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تېل رىفات ۋە مەنبىچتە رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ھەرىكەت قىلماقتا. فىراتنىڭ شەرقىدە بولسا، ئاساسەن دېگۈدەك ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىدا تۇرماقتا. پ ك ك/ي پ گ نىڭ «شىمالىي ۋە شەرقىي سۈرىيە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» نامىدا ئەمەلىي ئاپتونومىيىلىك رايون بەرپا قىلىپ ئامېرىكا شۇنداقلا ھەر قايسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن راققە ۋە دەيرېززورنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە سىياسىي ۋە قانۇنىي ئاساستا ئېتىراپ قىلىنغان ئاپتونومىيەلىك قۇرۇلمىغا ئايلىنىشقا ئۇرۇنماقتا. لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇنداق سەۋەنلىككە يول قويۇش نىيىتى يوق.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلققە قىلغان ئاخىرىقى باياناتىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى. ئەردوغان رايوندىن تۈركىيەگە قارىتا تېرورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە چېگرا لىنىيىسىدە 32 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن پ ك ك/ي پ گ تېرورلۇق تەشكىلاتىنى نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغان يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى گېئوپولىتىكىلىق تەڭلىمە تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىگە نىسبەتەن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتقان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

 بولۇپمۇ روسىيە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن تەدرىجى ھالدا چېكىنىشنى باشلىشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەركەزلىشىشى، تۈركىيەنىڭ ھەرىكەت ساھەسىنى كېڭەيتمەكتە. زۆرۈر بولغان ئەشيا ئوبوروتى تەييارلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى مەشىق قىلدۇرۇپ قوراللاندۇرغان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت تەشكىللىشى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر