ئانا سۈتىنى ئاشۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى - 38

1831703
ئانا سۈتىنى ئاشۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

ئانا سۈتىنى ئاشۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

سۇلۇ سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرىدىغان ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرىدۇ.

كۈنجۈت مەلھىمى، نوقۇت، لىمون، زەيتۇن يېغى ۋە سامساقنى ئىشلىتىپ تەييارلانغان تالقان، ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئومېگا - 3 نىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن دىققەت قوزغايدىغان  سالمون  بېلىقى، ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدۇ.

ئانىنىڭ سۇيۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يايلاق شورپىسى، كۆكتات شورپىسى، شورپا بىلەن تەييارلانغان شورپىلار ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان شورپىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

سۇ ئىستېمال قىلىش ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدۇ. كۈندە ئىستېمال قىلىنىدىغان سۇ 2-2.5 لىتىر بولۇشى كېرەك.

سۈت، ياڭاق، خاسىڭ ۋە كۈنجۈت مەلھىمى ئىشلىتىپ تەييارلانغان ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان تاتلىق - تۇرۇملارمۇ سۈتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئانا سۈتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئانىلارنىڭ ناشتا قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر ناشتا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلمىسە، ئانا سۈتى ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

ياۋروپا كەرەپشىسى، ئارپىبەدىيان، قېتىق پىشلاق ۋە ياڭاق بىلەن تەييارلانغان ئارىلاشمىلار ئانىلارنىڭ ناشتىلىقىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك.

تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلار كۆپ بولغانلىقتىن، ئانا سۈتىنى ئاشۇرۇشتا سۈت، ئايران ۋە كېفىر قاتارلىق ئىچىملىكلەر موھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۈتلۈك ئىچىملىكلەر ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدۇ.

بېھى، ئالما ۋە يەل – يېمىشلەر ئىشلىتىپ تەييارلانغان ۋە ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان تەركىبلەر، بولۇپمۇ شېكەرسىز تەييارلانغاندا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر.

روزېمارىيە، زىرە، بەدىيان، دارچىن، چۆل رەيھىنى، زەنجىۋىل ۋە زەرچىۋە قاتارلىق ئانا سۈتىنى  ئاشۇرىدىغان ماددىلارنى ئىشلىتىپ تەييارلانغان ئىچىملىكلەرنىمۇ كۈن بويى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، پېرسېيە نەشپۈتى ۋە ئاناناس ئىشلىتىپ تەييارلانغان كۆكتات ئىچىملىكلىرىدە ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان ۋىتامىنلارمۇ بار.

ئارپا، ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرىدىغان ھورموننى كۆپەيتىدۇ.

مىنېرال سۇمۇ ئانا ئۈچۈن مۇھىم ئىچىملىكتۇر. ماگنىينىڭ مەنبەسى بولغان تەبىئىي مىنېرال سۇنى مېۋە پارچىلىرى ۋە قېتىق بىلەن ئىچسىڭىز بولىدۇ. ئايران ياسىغاندا سۇنىڭ ئورنىغا مىنېرال سۇ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەسىل خاراكتېرلىك مېۋىلەرنى سىقىپ مىنېرال سۇ بىلەن ئارىلاش ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان چاينىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

بەدىيان، لىنا، ئارپىبەدىيان، زىرە ۋە بەلىزگۈل ئىشلىتىپ تەييارلانغان ئۆسۈملۈك چاي، ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكلەر بوۋاقلارنىڭ يەل مەسىلىسىگىمۇ پايدىلىقتۇر.

چاققاق ئوت ئۇرۇقى، شۇمبا، ئارپىبەدىيان، دارچىن ۋە لىمون ئىشلىتىپ تەييارلانغان چاي بولسا ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان چايلار ئارىسىدا تەمى ۋە ئۆزگىچە پۇرىقى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.

ئانا سۈتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چاي ئىچىشنى خالايدىغان ئانىلار، قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى قايناق سۇدا دەملەپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك، قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر ۋە قۇرۇتۇلغان ئۈجمە قاتارلىق مېۋە – چېۋىلەر سايىسىدا شېكەرسىز پۈتۈنلەي تەبىئىي چايغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ چاي ئانىنى راھەتلەندۈرىدۇ، بوۋاققا بېرىلىدىغان سۈتنىمۇ كۆپەيتىدۇ.

ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان مېۋە – چېۋىلەر تۆۋەندىكىچە:

 قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر، قۇرۇق ئۈزۈم، قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك، خورما قاتارلىق قۇرۇق مېۋە – چېۋىلەر كالتسىي ۋە ماگنىي مىقدارى سەۋەبىدىن ئانا سۈتىنى ئاشۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردە ياڭاق، خاسىڭ، بادام قاتارلىق مايلىق ئۇرۇقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدىغان قۇرۇتۇلغان مېۋە – چېۋىلەرمۇ بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

كاۋىمۇ ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرىدۇر.

تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىن، ماندارىن، ئالما، ئۆرۈك، يېڭى ئۈزۈم، بېھى، گىلاس، تاۋۇز، قوغۇن، شاپتۇل ۋە پېرسېيە نەشپۈتى قاتارلىق مېۋە – چېۋىلەردىمۇ ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر باردۇر.

ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرگە كەلسەك؛

سەۋزە ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان كۆكتاتلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلارغا سالات، تاماق ۋە شورپىلىرىغا سەۋزە قوشۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

تۆمۈر تەركىبى مول بولغان قۇرۇتۇلغان پۇرچاقمۇ ھەم ئاجرىتىپ چىقىرىلىدىغان سۈتنىڭ سۈپىتىنى ھەمدە مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.

كاللەكبەسەي، پالەك، ياۋروپا كەرەپشىسى، سېمىزئوت، ئوسۇڭ قاتارلىق ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان يېشىل كۆكتاتلار،  چوقۇم بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ ئوزۇقلۇق پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان سامساق ۋە پىياز قاتارلىق ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنى خام ياكى پىشۇرۇلغان يېمەكلەر ۋە سالاتلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

«ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان مۆجىزە» دەپ ئاتالغان ئارپىبەدىياننى ھەر ۋاق تاماقتا سالاتقا سېلىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان ئارىلاشمىلار تۆۋەندىكىچە:

قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر: سەككىز ياكى توققۇز قۇرۇتۇلغان ئەنجۈرنى يېرىم لىتىر خىلورسىز سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدۇ.

قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر ۋە سەۋزە ئىشلىتىپ تەييارلانغان ئارىلاشمنى ئۇدا 21 كۈن چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىچىپ بەرگەندە، ئانا سۈتنى ئاشۇرۇشتا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان ئۈجمە سۈيى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردە يېڭى ۋە قۇرۇق ھالەتتە قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر