19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى داھىي «مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» نى تەبرىكلىمەكتىمىز.

1829348
19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى داھىي «مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» نى تەبرىكلىمەكتىمىز. ئازادلىق ئۇرۇشىنى غەلبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئاتاتۈرك جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تۇنجى جۇمھۇر رەئىس بولدى. زامانىۋى خەلق بولۇش يولىدا ياشلارنىڭ ساغلام ۋە چېنىققان كىشىلەر بولۇپ يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۈن ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇپ، 19-ماي كۈنى دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە بېكىتىلدى.

بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملار بىلەن ئاتاتۈرك ئەسلىنىش بىلەن بىرگە، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر