سىنوپ

بىلىۋېلىڭ - 37

1828270
سىنوپ

سىنوپ

تۈركىيەنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان سىنوپنىڭ ئانادولۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

سىنوپنىڭ تارىخى شۇنداق ئۇزۇن قەدىمكى دەۋرلەرگىچە سوزۇلۇدىكى، ھەتتا ئىسمى ھەققىدە بىر قانچە ھېكايىنى ئاڭلاش مۇمكىن. بۇ ھېكايىلەرنىڭ بىرىگە قارىغاندا، بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى ئەپسانىلەردە دەريا ئىلاھى ئاسوپوسنىڭ سۇ پەرىسى بولغان قىزى سىنوپېدىن كەلگەن. ھېكايىگە قارىغاندا، سىنوپېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان زېئۇس، ئۇنىڭدىن قورققانلىقى ئۈچۈن، سۇ پەرىسىنى قارادېڭىزنىڭ جەننەتكە ئوخشايدىغان ياپيېشىل قىرغاقلىرىغا تاشلاپ قويىدۇ. ئاشۇ قىرغاقلار بۈگۈن «سىنوپ» دەپ ئاتىلىدۇ. سىنوپ ھەققىدىكى يەنە بىر ھېكايە شۇكى، بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى ئامازون خانىشى سىنوۋادىن كەلگەن. ئەپسانىلەردىنمۇ ئورۇن ئالغان بۇ گۈزەل شەھەر، «قەدىمكى دەۋر مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغان دىيوجېننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مىسلىسىز تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەنمۇ كۆرگەنلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان سىنوپ، قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان پورت شەھىرى بولغان، ھىتىت، فرىگ، لىدىيا، پارس، رىم، ۋىزانتىيە، سەلچۇقىيلار، جاندارئوغلۇ ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەلىرى قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان. تۇنجى ئولتۇراقلىشىش ۋاقتى مىس دەۋرىدىن باشلانغان بۇ شەھەر، جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا سودا مەركىزى بولۇپ كەلگەن. قارادېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولغان بارلىق قەۋملەر سىنوپتا ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مىراس قالدۇرغان. شەھەرنىڭ مول تارىخىنىڭ ئىزلىرىنى ھەممە يەردىن كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر