باش كېپىكى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 37

1828279
باش كېپىكى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

باش كېپىكى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

كېپەك؛ باش تېرىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىرىنىڭ تۆكۈلۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر.

كېپەكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، تېرىنى مايلىق ۋە قىزىل قىلىدىغان تېرە ياللۇغىدۇر.

كېپەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

• چاچنى دائىم ۋە ياخشى يۇيماسلىق،

• ياخشى ئۇزۇقلانماسلىق، ۋىتامىن كەملىك،

• كۆكرەك پەردە ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرى،

گېلى ۋە چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى دائىم ئىشلىتىش،

• سوغۇق ۋە قۇرغاق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچراش،

• چاچ سوپۇنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، چاچنى يېتەرلىك دەرىجىدە قۇرۇتماسلىق،

• پەسىل ئالمىشىش،

• چاچ سوپۇنىنى ئالماشتۇرۇش،

• چاچنى ئاز ياكى كۆپ يۇيۇش،

• ناچار سۈپەتلىك چاچ مايلىرى،

• قۇرغاق مۇھىتلار، سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق مۇھىتلار،

• بالاغەتكە يېتىش، بېسىم، كىلىماكتېرىيە دەۋرى قاتارلىق ھورمون مەسىلىلىرى،

• باش تېرىسىدە باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغنىڭ شەكىللىنىشى.

كېپەكنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

لىمون سۈيى:

باش تېرىڭىزگە لىمون سۈيى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چاچ سوپۇنى بىلەن چېچىڭىزنى يۇيۇڭ. ھۆل ھالەتتە باش بارمىقىڭىز بىلەن باش تېرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ، لىمون سۈيى سۈرۈڭ. يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، چاچ سوپۇنى بىلەن چېچىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ، ياخشى قۇرۇتۇڭ. ياخشى قۇرۇتۇش ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى لىمون سۈيى قالغان چاچلار بىلەن ئاپتاپقا چىقسىڭىز، چاچلىرىڭىزنىڭ تېگى ئېچىلىپ قالىدۇ. لىمون باش تېرىسىنى تازىلايدۇ، ئارتۇق ماينى چىقىرىپ تاشلاپ، يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

گۈل مېيى: باش تېرىسىنى نەمدەش ئۈچۈن گۈل مېيى بىلەن ئۇۋۇلاشمۇ پايدىلىقتۇر.

ئالما سىركىسى:

سىركە باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن باش تېرىسىدىكى غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆلۈك تېرىنى تازىلاپ، چاچنىڭ يىلتىزىنىڭ ھاۋا ئېلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 1 ئىستاكان سۇنى 1 قوشۇق سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى چاچ سوپۇنىغا ئوخشاش ئىشلىتىڭ. ئارىلاشمىنىڭ چاچنىڭ يىلتىزىغا سىڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.

يەنە بىر ئۇسۇل مۇنداق: بىر قاچا سۇغا بىر قوشۇق تەبىئىي ئالما سىركىسى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. مۇنبىچىدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چاچ مۇشۇ سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ.

تەبىئىي مايلار:

سىز دائىم ئىشلىتىدىغان چاچ سوپۇنىغا 20 تامچە پىننە ئۇچۇشچان مېيىنى تېمىتىپ، چېچىڭىزنى يۇسىڭىز بولىدۇ.

زەيتۇن يېغى:

چېچىڭىزنى يۇغاندا زەيتۇن يېغى بىلەن بېشىڭىزنى ئۇۋۇلىسىڭىز بولىدۇ.

چاققاق ئوت:

بىر چىمدىم چاققاق ئوت 750 مىللىلېتىر قايناق سۇغا تاشلىنىپ ، 2-3 مىنۇت قاينىتىلىدۇ.

ئىللىغاندىن كېيىن سۈزۈلىدۇ. ئەگەر چاچ پاكىز بولسا، چاچ بۇ ئارىلاشما بىلەن يۇيۇلۇپ ، يېرىم سائەت قويۇلغاندىن كېيىن، قۇرۇتۇلىدۇ.

ئەگەر چاچ پاسكىنا بولسا ، ئالدى بىلەن چاچ سوپۇنى ياكى سوپۇن بىلەن يۇيۇلىدۇ. ئاندىن بۇ ئارىلاشما بىلەن يۇيۇلغاندىن كېيىن، قۇرۇتىلىدۇ.

ئۇستىقۇددۇس:

بىر تۇتام ئۇستىقۇددۇس قايناق سۇغا تاشلىنىپ، 2-3 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن، ئۇستىقۇددۇس سۈيى بىلەن چاچ يۇيۇلىدۇ. يېرىم سائەتتىن كېيىن قۇرۇتۇلىدۇ.

كوكۇس مېيى:

يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن، كوكۇس مېيىنى باش تېرىڭىزگە ئۇۋۇلاپ سۈرۈڭ. لۆڭگىنى ئوراپ، يېرىم سائەت قويۇپ، چوتكا بىلەن چېچىڭىزنى چوتكىلاڭ. ئاندىن ئىسسىق سۇ ۋە چاچ سوپۇنى بىلەن چېچىڭىزدىكى ماينى چىقىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كېپەك ۋە ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

چاي دەرىخى مېيى:

چاي دەرىخى مېيى سەزگۈر تېرىدە غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى كوكۇس يېغى قاتارلىق مايلار بىلەن سۇيۇلدۇرۇش كېرەك.

مىنېرال سۇ:

  چاچ يۇيۇلغاندىن كېيىن، چاچ مىنېرال سۇ بىلەن ئۇۋۇلىنىدۇ. 5 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن، چاچ يۇيۇلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆۋەندىكىدەك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى نۇقتىلارمۇ بار.

• ۋىتامىن D ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىڭىزنى تەڭشەش باش كېپىڭىزنى ئازايتىدۇ. مەسىلەن، چاي، قەھۋە، كوففېئىن ۋە كاربونلانغان ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىڭ.

• يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە يېڭى مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ.

• كۈندە 2.5-3 لىتىر سۇ ئىچىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.

• قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ.

• بوياق قاتارلىق ئېغىر خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرۋىش ۋە گىرىم بۇيۇملىرىدىن ساقلىنىڭ.

• ئېغىر چاچ سوپۇنلىرى، گېلى، چاچ قۇرۇتقۇچ ۋە چاچ تۈزلەش ئەسۋابى قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەڭ، ياكى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىڭ.

• بولۇپمۇ باش كېپىكى كۆپىيىپ كەتكەن مەزگىلدە، چاچ قۇرۇتقۇچ ۋە چاچ تۈزلەش ئەسۋابى قاتارلىقلار باش تېرىسىنى بەك قۇرۇتۇۋېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر