يەل سانجىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 36

1826033
يەل سانجىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

يەل سانجىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى بەزى سەلبىيلىكلەر تۈپەيلىدىن، يەل سانجىقى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن پات-پات جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

 ئۇنداقتا، يەل سانجىقىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

• بەدەننىڭ بىر يېمەكلىكنى قوبۇل قىلماسلىقى، سەزگۈرلۈك،

• ئۇزۇن مۇددەت ھەرىكەت قىلماسلىق،

ھاۋانى يۇتۇش،

ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش،

• يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش،

• تاماقلارنى چوڭ لوقمىلار ھالىتىدە ئىستېمال قىلىش،

• يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك دەرىجىدە چاينىماي يۇتۇش،

• ئۈچەيدىكى ساغلاملىق مەسىلىلىرى،

• بەدەننىڭ بولۇپمۇ پۇت ۋە قورساق قىسىملىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سوغۇققا دۇچار بولۇشى،

• مايلىق ۋە دورا – دەرمانلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش،

• سۈتنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپ ئىستېمال قىلىش،

• كۆپ مىقداردا كاربوناتلىق ۋە قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىش،

• زىيانلىق ئادەتلەر يەل سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يەل سانجىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

• زەنجىۋىل

زەنجىۋىل يەل سانجىقلىرىنى ئازايتىدىغان، بولۇپمۇ يەل سەۋەبىدىن قورساق رايونىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان سانجىق ۋە ئاغرىقلارنى پەسەيتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر.  لېكىن، زەنجىۋىلنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان ئاغرىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.

     زەنجىۋىلنى پوستىنى سويغاندىن كېيىن، رەندىلەپ ياكى نېپىز توغراپ چەينەكتە خۇددى قارا چايغا ئوخشاش دەملەپ تەييارلاش مۇمكىن. لېكىن، زەنجىۋىل چېيى تەييارلىغاندا، چاي دەملىنىدىغان سۇنى قايناتماسلىق كېرەك. قايناقسۇ زەنجىۋىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان بولغاچقا، سۇنى قايناشتىن بۇرۇن زەنجىۋىلنىڭ ئۈستىگە قۇيۇش كېرەك. زەنجىۋىل چېيىنى فارفور چەينەكتە دەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. دەملەنگەن چاينى بەك ئۇزاق ساقلىماستىن ئىچىش كېرەك. زەنجىۋىل چېيى تەييارلىغاندا، چەينەككە لىمون پارچىلىرىنىمۇ ئىلاۋە قىلىشقا بولىدۇ.

• زىرە

1 تۇتام زىرىنى 1 ئىستاكان سۇغا سېلىپ، 10 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن، سۈزۈپ، تاماقتىن كېيىن ئىچسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر خالىسىڭىز ، 1 قوشۇق زىرىنى سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ.

• سىركە

بىر ئىستاكان ئىلمان سۇغا 1 قوشۇق ئالما سىركىسىنى ئىلاۋە قىلىپ ئىچىشكە بولىدۇ.

• بەدىيان ئۇرۇقى

ئاغزىڭىزغا بىر نەچچە تال بەدىيان ئۇرۇقى ئېلىپ، چايناش، ياكى چاي دەملەپ ئىچىش ئارقىلىق بەدىيان ئۇرقىنىڭ شىپالىق رولىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

• دارچىن

ئاغرىقلارنى ئازايتىش رولىغا ئىگە دارچىن، يەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سانجىقلارنىمۇ پەسەيتىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنى ئارام تاپقۇزىدۇ. دارچىننىمۇ زەنجىۋىلگە ئوخشاش دەملەپ، چېيىنى ئىچىشكە، قېتىققا قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

دارچىن چېيىنى قانداق دەملەش كېرەك؟

دارچىن چېيىنى دارچىننىڭ تالقىنى ۋە تاياقچىسىدىن تەييارلاشقا بولىدۇ. دارچىن تاياقچىسىدىن چاي دەملىگەندە، تاياقچىسىنى سۇدا يېنىك شەكىلدە يۇيۇش، بىر تاياقچىنى تۆت ياكى بەش پارچە قىلىپ كېسىش كېرەك. ئاندىن بۇ پارچىلارنى  قاينىتىلغان سۇغا سېلىپ، 10 مىنۇت دەملەش لازىم. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، دارچىن تاياقچىلىرىنى سۇ بىلەن قايناتماسلىق كېرەك. چۈنكى سۇ بىلەن بىرلىكتە قاينىتىلغان دارچىن تاياقچىلىرى ھەم ۋىتامىنىنى ھەم تەمىنى يوقىتىدۇ.

دارچىن چېيى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دارچىن تاياقچىسىنىڭ ئۆلچىمى، بىر ئىستاكان سۇغا ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى دارچىن تاياقچىسىدۇر. دارچىن تالقىنىدىن چاي تەييارلىغاندا، 1 ئىستاكان سۇغا 1.5 چاي قوشۇقى دارچىن تالقىنى ئىشلىتىش كېرەك. دارچىن چېيىنى ھەسەل قېتىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.

• كاربونات

1 ئىستاكان ئىلمان سۇغا 1 ياكى يېرىم چاي قوشۇقى كاربونات ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىڭىز بولىدۇ.

• قىزىق سۇ خالتىسى

سانجىق بار رايونغا قىزىق سۇ خالتىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قويۇپ، تەخمىنەن 5 مىنۇت ساقلىسىڭىز بولىدۇ.

• چېنىقىش

دۈمبىڭىزدە يېتىپ، يېرىم  ھالەتتە پۇتىڭىزنى تىزغا ئېگىپ، ياكى بۇ ھالەتتە پۇتىڭىزنى تىزدىن ئېگىپ، قورسىقىڭىز تەرەپكە تارتىپ چېنىقسىڭىز بولىدۇ.

• بەلىزگۈل، پىننە، ئارپىبەدىيان ۋە قاقىلە چايلىرىنىمۇ شىپالىق ئۆسۈملۈك چايلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يەل سانجىقى ۋە قورساق كۆپۈشنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:

پات – پات تېخىمۇ كىچىك ۋە ئاز تاماق يېيىش ناھايىتى پايدىلىق.

يېمەكلىكلەرنى ياخشى چايناش ئىنتايىن مۇھىم. يېمەكلىكلەرنى كىچىك پارچىلار ھالىتىدە ئوبدان چايناپ بېرىش، يۇتۇلىدىغان ھاۋا مىقدارىنى ئازايتىدۇ.

قايسى يېمەكلىكلەرنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ يەل سانجىقى ياكى قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،  «كۈندىلىك يېمەكلىكلەر خاتىرىسى» تۇتۇش كېرەك.

سېغىز چايناش، پاراڭلاشقاچ ياكى ئالدىراش تاماق يېيىشمۇ كۆپ مىقداردا ھاۋانىڭ يۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەل ساقچىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەل سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تاتلىق – تۇرۇملاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

قەۋزىيەت قورساق كۆپۈش ۋە يەل سانجىقىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. كۆپ سۇ ئىچىش ۋە جىسمانىي ھەرىكەتنى ئاشۇرۇشنىڭ قەۋزىيەتكە قارشى ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن يۇقىرىدۇر.

 ئۈچەيدىكى باكتېرىيە مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇمچە پىروبىيوتىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشمۇ يەل سانجىقى ۋە قورساق كۆپۈشنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر