تۈرك قەھۋەسى

بىلىۋېلىڭ - 36

1826046
تۈرك قەھۋەسى

تۈرك قەھۋەسى

تۈرك قەھۋەسى ئەنئەنىلىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرمەستىن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تەخمىنەن 500 يىل ئىلگىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىگە كىرگەن ۋە تېز تارقالغان قەھۋە، تارىخى، ئىسمى بېرىلگەن ئىمارەتلەر، ئىچىش ​​ۋە تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ۋاسىتىلەر، ھەمدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى رولى بىلەن تۈرك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە مىسىر ۋە ھىجازنىڭ پەتھى قىلىنىشىدىن كېيىن، قەھۋە يەمەن ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كىرىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيىنىڭلا ئەمەس، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ، ھەمدە بۇ ئىچىملىكنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان قەھۋەخانالار پۈتۈن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىگە تارقىلىدۇ. كىتاب ۋە شېئىرلار ئوقۇلىدىغان، ئەدەبىي سۆھبەتلەر بولىدىغان، شاھمات قاتارلىقلار ئوينىلىدىغان جايلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم سورۇنلىرىغا ئايلىنىدۇ.

بۇ دەۋردە يەنە، تۈركىيەگە كەلگەن ۋەنەدىكلىك سودىگەرلەر، قەھۋە بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەھۋە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىدىن ياۋروپاغا، ئۇ يەردىن پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىدۇ.  لېكىن، تەييارلىنىشى ۋە ئىكرام قىلىىش شەكلى جەھەتتىن تۈرك قەھۋەسى دۇنيادىكى بارلىق قەھۋەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. تۈركىيەدە قەھۋە كۆپىنچە ئۇۋاقچە ھالىتىدە قورۇش ۋە سوقۇپ ئۇنغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق شېكەرلىك، ئوتتۇراھال شېكەرلىىك، ئاز شېكەرلىك ياكى شېكەرسىز شەكىلدە تەييارلىنىدۇ. بۇ، دۇنيادىكى ھېچ ئۆزگەرمەستىن  دەۋرىمىزگىچە يېتپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى قەھۋە تەييارلاش ئۇسۇلىدۇر. تۈرك قەھۋەسى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا سۇ ۋە لوقۇم بىلەن بىرلىكتە ئىكرام قىلىنىدۇ. قەھۋەنىڭ ئاستىدا قالغان ۋە ئىچىلمەيدىغان قىسمى، تۈرك قەھۋەسىگە خاس بولغان پال سېلىش ئەنئەنىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قەھۋەنىڭ ئىچىلمەيدىغان قىسمىدىكى شەكىللەر ۋە ئىستاكاندا قالدۇرغان ئىزلارغا قاراپ، قەھۋە ئىچكەن كىشىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئالدىن پەرەز قىلىنىدۇ.

قەھۋە ئىكرام قىلىش تۈركلەرنىڭ ۋاز  كېچىلمەس ئۆرپ ئادەتلىرىدىن بىرىدۇر. تۈرك قەھۋەسى، تويدىن بۇرۇنقى مۇراسىملارنىڭ ئۆزگەرمەس بىر قىسمى، ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا چوقۇم ئىكرام قىلىنىدىغان، سۆھبەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئىچىملىكتۇر. مول مەدەنىيەت ئاساسىغا تاينىدىغان تۈرك قەھۋەسى، 2013-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر