ترابزوندىكى سۇمەلا موناستىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ترابزوندىكى سۇمەلا موناستىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1826020
ترابزوندىكى سۇمەلا موناستىرى

ترابزوندىكى سۇمەلا موناستىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يىراق جايلاردىن سەپەرگە ئاتلانغان بىر راھىب چۈشىدە، دېڭىزلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغ – داۋانلاردىن ئېشىپ، بىر ئۆڭكۈردە ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى مەريەم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ھەزرىتى مەريەمنىڭ، ئەۋلىيا لۇكاسنىڭ بىر سىنبەلگە ياسىغانلىقىنى، پەرىشتىلەرنىڭ ئۇ سىنبەلگىنى بۇ ئۆڭكۈرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئاتېنا (ئافىنا)دىن يولغا چىققان راھىب ترابزون پورتىدا يەنە بىر راھىب بىلەن كۆرۈشىدۇ. دەرۋەقە، ئىستانبۇلدىن كەلگەن راھىبنىڭمۇ ئوخشاش چۈشنى كۆرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ئۆڭكۈرنى ئىزدەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىر – بىرىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئوخشىمىغان ئىككى جايدىن يولغا چىققان ئىككى راھىب، ئۆڭكۈرنى ۋە ئۆڭكۈردىكى سىنبەلگەنى تاپىدۇ. ئۇلار ئۇ يەرنى دەرھال چېركاۋغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىدۇ. كېيىنچە خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان سۇمەلا موناستىرى مانا مۇشۇ شەكىلدە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە،  يۇقىرىقىلار بىر رىۋايەتتىن ئىبارەت؛ ۋەقەنىڭ راستتىنلا يۈز بەرگەن - يۈز بەرمىگەنلىكى نامەلۇم. چۈنكى، بۇ تېمىدا تارىخىي مەنبەلەردە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. شۇنداقتىمۇ، بۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ھېكايە. بەلكىم بۇ پەقەت دىنىي جەلپكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆزلەنگەن ھېكايە بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن سىلەر بىلەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى دۇنيادىكى باشقا مۇناستېرلاردىن پەرقلەنمەيدىغان، بېشى بۇلۇتلارغا تېگىدىغان سۇمەلا موناستىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىمىز.

* * * * *

تۇنجى موناستىرلار كىشىلەردىن يىراق، ياراتقۇچىغا يېقىن بولۇش ئۈچۈن تاغلارنىڭ چوققىلىرىغا، دۇنيانىڭ گىياھسىز چۆل – باياۋانلىرىغا سېلىنىدۇ. موناستىر دېگەن ئسىىم يالغۇز ياكى يىگانە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «مونوس» سۆزىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. موناستىر ھاياتى ئەڭ دەسلىپىدە ھىندىستان مەنبەلىك دىنلاردا پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ. ھاياتنى چۈشىنىش ۋە مۇكەممەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ماددىي ئامىللاردىن ۋاز كېچىش كېرەك دەپ قارىلىدۇ. دۇنيا ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن يىراقلىشىش جىسمانىي ۋە ماكاندىن ئايرىلىش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭلاشقا موناستىرلار چۆل- باياۋانلارغا، قىيالىقلارنىڭ چۇققىلىرىغا، كارۋان ئۆتمەيدىغان، قۇش ئۇچمايدىغان جايلارغا مىڭبىر مۇشەققەتتە ياسىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە ئوخشىمىغان دىنلاردا كۆرۈلىدۇ. لېكىن، موناستىرلار خىرىستىيان دىنىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. موناستىرلار كىچىك بالىلارنى دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن تەربىيەلەيدىغان ماكانلارغا ئايلىنىدۇ. يەنە، ئۇلار نورمال تۇرمۇش ئېقىمىدىن يىراق، كىشىلەر ئاسان بارالمايدىغان جايلارغا سېلىنىدۇ.

ترابزوندىكى سۇمەلا موناستىرىمۇ جۇغراپىيەلىك شارائىتقا جەڭ ئېلان قىلغاندەكلا سېلىنغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەيۋەتلىك بىر قۇرۇلۇش. بۇ موناستىر نامىنى «قارا» مەنىسىدىكى «مېلاس» دېگەن سۆزدىن ئالىدۇ. بەزىلەر بۇ موناستىرنىڭ نامىنى ئۇ سېلىنغان قارا رەڭلىك تاغدىن ئالغان دېسە، يەنە بەزىلەر بۇ يەردىكى مەريەم سىنبەلگىسى قارىغا بويالغان بولغاچقا، بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. موناستىر مۆجىزە خاراكتېرلىك سىنبەلگىگە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇقەددەس دەپ قارىلىدۇ. ئېتىقادچىلىرى، قارا مادوننا دەپمۇ ئاتىلىدىغان مەريەم ئانا سىنبەلگىسىنىڭ كېسەللىك، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى پەسەيتىدىغان بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.

دېڭىز يۈزىدىن 1150 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان سۇمەلا موناستىرى، مەريەم ئانا موناستىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەھەر سىرتىدىكى ئورمانلىقلارنىڭ باغرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تىك قىيالىقلارنىڭ بىر پارچىسىدەكلا تۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇش، ئورنى بىلەن موناستىرلارنىڭ ئورۇن تاللاش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان. بىر رىم - پىراۋوسلاۋىيە موناستىرى بولغان سۇمەلا، راھىبلارنى تەربىيەلەش مەكتىپى بولغاچقا، بۇ رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم موناستىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ دەسلىپىدە ئاساسىي قىيالىقتىكى ئۆڭكۈرنى چېركاۋغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسلىشقا باشلانغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ كاپادوكيادىكى مىساللىرىغا ئوخشاش تاشلارغا ئويۇلغان قۇرۇلمىلار ئارقىلىق كېڭەيتىلىدۇ. بۇ موناستىر مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ھازىرقى شەكلىگە كېلىدۇ.

* * * * *

سۇمەلا موناستىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلار بىر ئاز مۇشەققەتلىك يامىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. چۈنكى ئالاھىدە مىنىبۇس زىيارەتچىلەرنى موناستىرغا تۇتىشىدىغان پەلەمپەينىڭ بېشىدىلا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدىغان پەلەمپەيگە چىققاندا ئالدىرىماستىن گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. قارا دېڭىز رايونىغا خاس دەرەخزارلىق گۈللىرىنىڭ ئۆزگىچە ھىدى ۋە غايەت زور ئۆسۈملۈكلەر قورشاپ تۇرىدىغان بۇ يول سىزنى بالىلىقىڭىزدا ئوقۇغان ئاشۇ سېھىرلىك ھېكايىلەرگە باشلاپ بارىدۇ. تار پەلەمپەيلەرنى بېسىپ موناستىرنىڭ ھويلىسىغا بارغىنىڭىزدا، پۈتۈنلەي باشقىچە تۈسكە ئىگە بىر سېھىرلىك ماكان سىزنى قارشى ئالىدۇ. كىرىش ئېغىزىدا ناھايىتى چوڭ رايونغا يېيىلغان قۇرۇلۇشنىڭ قاراۋۇلخانىلىرى بار. چېركاۋغا ئۆزگەرتىلگەن ئۆڭكۈر بىلەن 72 ھۇجرىدىن تەركىب تاپقان موناستىر، راھىبلارنىڭ ھۇجرىسى، چېركاۋ، ئوقۇغۇچىلار ئۆيى، مېھمانخانا ۋە كۇتۇپخانىلار خۇددى چۆچەكتىن چىققاندەك بارلىق ھەيۋەتلىرى بىلەن كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ! موناستىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مۇقەددەس بۇلاق بار. ئۈستىدىكى تاشلاردىن چوڭ – چوڭ تامچىلار چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئېتىقادچىلىرى، ئەسىرلەردىن بۇيان توختاۋسىز تامچىلىۋاتقان بۇ بۇلاق سۈيىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ يەر بۈگۈنكى كۈندە خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن دائىم زىيارەت قىلىنماقتا.

* * * * *

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سۇمەلا موناستىرىنىڭ كۆركەم كۆرۈنۈشى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. جۇغراپىيەلىك ئورنىغا قارىماي، بۇنداق چوڭ بىر قۇرۇلۇشنىڭ ياسالغان بولۇشى، ئىنساننىڭ ئۆزى ئىشىنىدىغان ئىشلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. سۇمەلانىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىناكارلىقىدىن باشقا، تام رەسىملىرىمۇ ئادەمنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. موناستىردىكى تام رەسىملىرى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ساۋادى بولغان ئەينى دەۋردە، كىشىلەرگە ئىنجىلنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سىزىلىدۇ. بۇ رەڭلىك رەسمىلەردە دۇنيانىڭ يارىتىلىشى، ئىنجىلدىكى كۆرۈنۈشلەر، بەزى مۆجىزىلەر، ھەزرىتى مەريەم ۋە ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا دائىر ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ تام رەسىملىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۆكۈلۈپ ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، ئېشىپ قالغانلىرىغا قاراپ ئۇلارنىڭ نەقەدەر ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا، بىر نامەلۇم مەخپىي يول بايقىلىپ، ئۇ يەردىن «جەننەت ۋە دوزاخ» ۋە «ئۆلۈم ۋە ھايات» تەسۋىرلەنگەن يېڭى رەسىملەر تېپىلدى.

* * * * *

موناستىرلار، ئېھتىياجغا ئاساسەن يېڭى خانە ۋە ئىمارەتلەر ئىلاۋە قىلىنىدىغان مۇرەككەپ قۇرۇلمىلار بولۇپ،  ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان ئېتىقادلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىشىلەردىن يىراق جايلارغا سېلىنىدۇ. ھەيۋەتلىك دەرەخزارلىقلار، تىك قىيالىقلار، تىك ۋە خەتەرلىك تاغلارغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان قارا دېڭىز رايونىدا نۇرغۇن موناستىرلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە شاھىت بولۇش ئارقىلىق تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بۇ قۇرۇلمىلار، جايلاشقان جايلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ھەيۋەتلىك بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

يۇقىرىدا گويا تىك قىيالىقلارغا چاپلىشىپ قالغاندەكلا كۆرۈنىدىغان، ئېتىقادچىلىرى مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان سىنبەلگىسى، شىپالىق سۇلارنى تامچىلايدىغان مۇقەددەس بۇلىقى، بىر – بىرىدىن جەلپكار تام رەسىملىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ئېتىقاد مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەيۋەتلىك سۇمەلا موناستىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر