مېخانىكىلىق دەرەخلەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1825435
مېخانىكىلىق  دەرەخلەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

مېخانىكىلىق دەرەخلەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: شۇنداق، ھايات گۈزەل، يېڭى شەيئىلەردىن ۋاقىپ بولۇشمۇ... تەبىئىي دەرەخلەرنى تەقلىد قىلىش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، ھاۋادىن كاربون تۆت ئوكسىد سۈمۈرۈش جەھەتتىكى ئۈنۈمى يۈز ھەسسە كۈچلۈك بولغان مېخانىكىلىق  دەرەخلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ ئەگەر ئاڭلىمىغان بولسىڭىز، كېلەيلۇق تەپسىلاتلارغا...

* * * * *

«كاربۇن تۇتقۇچى (Carbon Capture)» ناملىق بىر تېخنولوگىيە شىركىتى تەبىئىي دەرەخلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھاۋادىن كاربون تۆت ئوكسىد سۈمۈرۈش جەھەتتە يۈز ھەسسە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە مېخانىكىلىق  دەرەخلەرنى ئىشلەپچىقارماقتا.

مەلۇمكى، دەۋرىمىزدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ كۆپىيىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. پارنىك گازى تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد يەر شارىدىن ئالەمگە قويۇپ بېرىلگەن ئىسسىقلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە تۆھپە قوشىدۇ.

يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشنىڭ يولى ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، بىزنىڭ ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىدىغان كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارىمىزنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر خىل ئۇسۇلى، ئاتموسفېرادىن كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرىدىغان تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە كاربون تۇتۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە جىددىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا. مېخانىكىلىق دەرەخلەرمۇ بۇ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدىغان بىر تېخنىكا مەھسۇلاتى. لېكىن، مېخانىكىلىق  دەرەخلەرنىڭ باشقا كاربون تۇتۇش تېخنىكىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بىر مۇھىم پەرقىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنماقتا؛ ئۇ بولسىمۇ، مېخانىكىلىق  دەرەخلەرنىڭ ھاۋادىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى تۇتۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدىغانلىقىدۇر.

* * * * *

مېخانىكىلىق دەرەخلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يوپۇرمىقى كۆپ. مېخانىكىلىق يوپۇرماقلار شامال ئېلىپ كەلگەن ھاۋادىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى  ئېنېرگىيە سەرپ قىلماستىنلا سۈمۈرۈۋالالايدۇ. يوپۇرماقلار بىر قېتىم تويۇنغاندىن كېيىن، يىغىلغان كاربون تۆت ئوكسىدنى پارچىلاش جەريانى باشلىنىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە، مېخانىكىلىق دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى پەس تەرەپتىكى كامېرغا چۈشىدۇ. ئاندىن كاربون تۆت ئوكسىد ئۆلچەملىك ئۇسۇللار ئارقىلىق سۈمۈرگۈچتىن ئايرىلىدۇ. بۇ جەريان تاماملانغاندىن كېيىن، يوپۇرماقلار قايتىدىن ئۆرلەپ، ھاۋادىن كاربون تۆت ئوكسىد تۇتۇۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەشغۇلات مۇشۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. يىغىۋېلىنغان كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاتموسفېراغا قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى يەر ئاستىغا كۆمۈشكە ياكى يېمەكلىك، ئىچىملىك​​، يېقىلغۇ ۋە ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشتا خام ئەشيا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

مەزكۇر دەرەخنى ئىشلەپچىقارغان شىركەتنىڭ باياناتىدا، 12 مېخانىكىلىق دەرەخنىڭ بىر كۈندە ئاتموسفېرادىن بىر توننا كاربون تۆت ئوكسىد ئالالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دېمەك، ھەر بىرى 1200 دەرەختىن تەركىب تاپقان ۋە 2-3 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە تارقالغان 250 ئەتراپىدا مېخانىكىلىق دەرەخزارلىق، بىر يىل ئىچىدە فوسېل يېقىلغۇ ئىستېمالى سەۋەبىدىن ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ تەخمىنەن %3 نى ئىگىلىيەلەيدۇ. 2020-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەر ھەمكارلىشىپ، كەڭ كۆلەمدە مېخانىكىلىق كۆچەت تىكىشنى پىلانلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

* * * * *

مەنبە: تۈبىتاك – تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر