ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نورماللىشىش مۇساپىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (36)

1822934
ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نورماللىشىش مۇساپىسى

ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نورماللىشىش مۇساپىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (36)

(مۇرات يېشىلتاش)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ چوڭ كۈچۈش دولقۇنى كۈرىشى ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋاشىنگىتوننى خېلىلا ئاۋارە قىلماقتا. شۇڭا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە ئامېرىكا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەي كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيە ۋە پارىس قولتۇقىدىكى بەزى دۆلەتلەر بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىيېننادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاسىتىلىق مۇزاكىرىلەردە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى سەۋەبىدىن تېھرانغا چوڭ يول قويۇشلاردا بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

ئەگەر ئىران 2015-يىلدىكى يادرو كېلىشىمىگە بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلسا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ھەم ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى چەكلەش تەلىپىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەمدە ئىراننىڭ يەرلىك خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىكى تەسىرى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرمەسكە سالىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە يادرو كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىسىملىرىنى ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا مۇنازىرە قىلىنغانلىقىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىش تەس بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قارالماقتا.

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە. ۋاشىنگتوننىڭ ئاسىياغا يۈزلىنىش سىياسىتى رايوننىڭ ئەھمىيەت دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭدەك سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارنىڭ راكېتا ھۇجۇملىرىغا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلاشمىغانلىقى ئالاھىدە دىققەتكە ئېلىنماقتا. بۇ ۋەجىدىن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە يېڭى سودا مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىش ئۈچۈن ئامېرىكادىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن (يەنى خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن) بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا يۈزلەنمەكتە.

ئامېرىكا بولسا، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇش سىياسىتىدىن بىئارام بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئانچە پەرۋا قىلماي كەلمەكتە. لېكىن كەلگۈسىدە ئويلىمىغان يەردىن ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش مۇساپىسىگە قاتنىشىشى مۇمكىن. ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بۇرۇقتۇملۇقنى چوڭ رىقابەتتە كوزىرغا ئايلاندۇرۇشنى خالىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولغاندا مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان رايون ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر ئاساس بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، ماراكەش، بەھرەيىن، ئىراق ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەر خىل ئۇچرىشىشلار بىلەن يېڭى ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيەنىڭ ئۆز نىشانىغا ماس كېلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك تەشەببۇسلارغا ماسلىشىشى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئەنقەرە ئوخشىمىغان مەسىلىلەردە بۇ كۆپ خىل ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا قاتناشسا، كەلگۈسىدە مۇزاكىرە ئاخىرلاشقاندا ئىراننىڭ ياكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىكى ئاشقان تەسىرى ۋاستىلىق ھالدا تەڭپۇڭلاشقان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە پارىس قولتۇقى رايونىدا سودىدا ئورتاق پايدا ئېلىش لوگىكىسى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر تەشەببۇسلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئەنقەرەنىڭ رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئېنېرگىيە ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئەگەر ئامېرىكا بىر كۈنى يېڭى سوغۇق ئۇرۇش سەۋەبىدىن شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ۋاشىنگىتون مەركەزلىك ئىتتىپاق لايىھىسى بىلەن قايتىپ كەلگەندە، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەردە تەرەققىي قىلدۈرغان ھەمكارلىقى ئارقىلىق رايوندىكى تەڭلىمىلەردە سەپنىڭ سىرتىدا قىلىش ئېھتىماللىقى يوق قىلىنغان بولىدۇ.

تۈركىيە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئوتتۇرا شەرقنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىشى مۇمكىن، بۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەزگىلىدە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر