ئىستانبۇلنىڭ يوشۇرۇن گۈزەللىكى بالات

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 36

1821964
ئىستانبۇلنىڭ يوشۇرۇن گۈزەللىكى بالات

 

 

ئىستانبۇلنىڭ يوشۇرۇن گۈزەللىكى بالات

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 36

غامزە دەمەچ

***********

ھۆرمەتلىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ قەلب دوستلىرى! يازنىڭ بۇ گۈزەل كۈنىدە پايتەخت ئەنقەرەدىن ھەممىڭلارغا سالام. ھايات گۈزەلدۇر، ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق… پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ھەيۋەتلىك رايونلىرىدىن بىرى بولغان بالاتنى تونۇشتۇرىمىز.

ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان  ۋە نەچچە يۈز يىللىق تارىخىي ئىمارەتلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان بالات، بۈگۈنكى كۈندە ئىستانبۇلنىڭ چوقۇم زىيارەت قىلىشقا تېگېشلىك رايونلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ.

مەدەنىيەت، تارىخ، قۇرۇلما… ئىستانبۇلدىكى خالىچ قولتۇقى ساھىلىدا ۋىزانتىيە دېڭىز سېپىلىنى بويلىغان بىر يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى سۈپىتىدە قۇرۇلغان بالات،  بۈگۈنكى كۈندە  ئىستانبۇلدا زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم رايونلارنىڭ بىرىدۇر.

بالات ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ھەيۋەتلىك رايونلىرىدىن بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ تار كوچىلىرى ۋە تارىخى ئىمارەتلىرىنى بويلاپ قەدەممۇ-قەدەم ماڭغىنڭىزدا، ئۆزىڭىزنى ئىستانبۇلنىڭ ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا تاپقىلى بولمايدىغان بىر مۇھىتتا ھېس قىلىسىز.

بالاتنىڭ ئىسمى گرېت تىلىدىكى ئوردا دېگەن مەنىدىكى «پالاشىن» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، 15-ئەسىردىن ئېتىبارەن ئىستانبۇلدىكى ھەر خىل كۈلتۈرلەرنىڭ ئورتاق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

بالات ئەمىنئۆنۈ قىرغاقلىرىدىن ئۆتۈپ  بارغىلى بولىدىغان يوشۇرۇن بىر جاي ۋە خالىچ مېترو بېكىتىگە ئىنتايىن يېقىن. خالىچنىڭ ئاخىرىدىن پىئېر لوتىغا تۇتىشىدىغان ساھىل يولىدا غايەت زور باغچىلارنى ۋە سەيلە قىلىۋاتقان ئائىلىلەرنى كۆرۈش تولىمۇ يېقىملىق تۇيىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنى ئۆتمۈشكە سەپەر قىلدۇرىدۇ.

بالاتنىڭ رەڭگارەڭ ئۆيلىرى

بالاتنىڭ بەلكى ئەڭ سىمۋوللۇق قىسمى بۇ رايوننىڭ ئەگىمە كوچىلىرىنى بويلىغان رەڭگارەڭ ئۆيلىرىدۇر. بۇ ئۆيلەر كۆپىنچە 50 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، بەزىلىرى 200 يىللىق.

بۇ تارىخى ياغاچ ئۆيلەر شەھەردىكى ئەڭ كۆپ سۈرەتكە تارتىلغان بىنالار قاتارىدا سانىلىدۇ. بۇنچە داڭلىق بولىشىدىمۇ كوچىلىرىنىڭ چوڭ رولى بار.  كوچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدىكى قەھۋەخانىلاردا ۋە رېستورانلاردا ئولتۇرۇپ ئەتراپنى تاماشا قىلالايسىز، ياكى ئەسىرلەردىن بۇيان  ئارام ئالماقچى بولغان كىشىلەرگە ئوخشاش بۇ ئۆيلەرنىڭ پەلەمپەيلىرىدە ئولتۇرۇپ  ئارام ئالالايسىز.

بۇ يەردىكى ھەرخىل كۈلتۈرلۈك كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتايىن مېھماندوست. ئەتراپ سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى خالايدىغان كىشىلەر بىلەن تولغان.

بالاتنىڭ كۆپ كۈلتۈرلۈك تارىخى

رايۇندا ئايا نىكولا رۇم پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋى، سۋىتى ستېفان بۇلغارىيە چېركاۋى، فەنەر رۇم پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋى، گۈل جامەسى، يانبول سىناگوگى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي ئىبادەتخانىلار بار.

بالات كۆپلىگەن يەھۇدىي ۋە رۇم پراۋۇسلاۋىيە ئائىلىلىرى ياشايدىغان بىر جاي بولۇپ، تولىمۇ كۆركەم بىناسى بولغان فەنەر رۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، رايوندىكى ئالاھىدە ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەكتەپ ھازىرمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ماڭغىنىڭىزدا، رايوننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىككىنچى بىناسى، سۋىتى ستېفان چېركاۋىنى كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭ تۆمۈر پارچىلىرى ۋيېنادا ۋە قوڭغۇرىقى رۇسىيەدە ياسالغان بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى «تۆمۈر چېركاۋ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1898-يىلى سېلىنغان بۇ چېركاۋ تارىخى بويىچە نۇرغۇن قېتىم ئوت ئاپەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان.

ئەتراپتا بۇلغارىيەلىك كۆچمەنلەر قۇرغان كۆپ ساندا چېركاۋ ۋە يەنبول سىناگوگنى كۆرەلەيسىز. قىسقىسى بۇ رايون تارىخى ئىمارەتلىرى ۋە ئاھالىلىرى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، سىز تاشلىغان ھەر بىر قەدەمدە سىزگە بۇنى  ھېس قىلدۇرىدۇ.

تۆمۈردىن ياسالغان سۋىتى ستېفان بۇلغار چېركاۋى پۈتۈنلەي بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيادىكى بىردىنبىر چېركاۋ ھېسابلىنىدۇ. بالاتنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن يەرلىك ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ سىرلىق مۇھىتىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ.

2009 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۆمۈر چېركاۋ 2018-يىلى 7-يانۋاردا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوفنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن قايتا ئېچىلغان ئىدى.  

بالاتقا جايلاشقان گۈل جامىسىمۇ رايوننىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. تارىخى 11-ئەسىرگە تۇتىشىدىغان گۈل جامىسى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئايا تېئودوسىيا ناملىق چېركاۋ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئىدى. بىر رىۋاتكە ئاساسلانغاندا، چېركاۋ ئەزىزە قېتىقى كۈنى خاتىرلىنىدىغان چاغدا گۈل بىلەن بېزىلىدىغان بولغاچقا تۈركلەر جامىغا ئۆزگەرتىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا گۈل جامىسى دەپ ئىسىم قويغان.

ساياھەتچىلەر بالاتتا كۆرۈشنى قولدىن بېرىپ قويمايدىغان يەنە بىر بىنا فەنەر رۇم پاترىكخانىسى ئىچىگە جايلاشقان ئايا يورگى پاترىكخانە چېركاۋىدۇر. ئىلگىرى بۇرچ چېركاۋى ناملىق باشقا بىر  چېركاۋ  جايلاشقان بۇ يەردىكى ئايا يورگى پاترىكخانە چېركاۋى 1614-يىلدىن بۇيان ماۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە يەرلىك ۋە چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

يېمەكلىك ۋە سودا سېتىق

ئاخىرىدا شۇنىمۇ بىلىۋىلىش كېرەككى، رايوندىكى كۈلتۈر كۆپ خىللىقى يېمەكلىك تۈرلىرىدىمۇ ئەكس ئىتىدۇ. قەھۋەخانا ۋە رېستورانلار ھەقىقەتەن ھەشەمەتلىك. بالات يېمەكلىك مەسىلىسىدە خاتا تاللاشقا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان بىر رايون. ھەر قانداق بۇلۇڭغا قارىسىڭىز، شەھەردىكى ئەڭ قەدىمىي قەھۋەخانىلاردىن بىرنى ئۇچرىتىسىز. يەنە بىر بۇلۇڭغا قارىغىنىڭىزدا، ئەنئەنىۋى تاماقخانىلار بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغان شەھەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئاشخانىلىرىنى كۆرەلەيسىز.

بالاتنىڭ ئەگرى-توقاي تاش كوچىلىرىنى بويلىغان ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ۋە يېڭى مەھسۇلات بازارلىرىمۇ داڭلىق.

شۇڭا ھەتتا رايوننىڭ ھاۋاسىنى ئېلىش ۋە رايوننى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئۈچۈن بۇ بازارلارنى ئايلىنىشمۇ  يېتەرلىك بولىدۇ. دىنىي ئىمارەتلەردىن باشقا يەنە، نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئىمارەتلەرمۇ بار.

بالاتنىڭ ھەممە كوچىلىرىدا دېگۈدەك تارىخى تۇرالغۇلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. جانلىق قەھۋەخانىلار، رەڭگارەڭ بىنالار تارىخنى ھەر ۋاقىت جانلىق تۇتىدۇ.  بالات ئۇزۇن يىللارغىچە ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلدىغانلارنىڭ دىققەت مەركىزى بولۇپ قالغۇسى

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر