ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى - 32

1810945
ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى - 32

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

بۈگۈن، ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

يېتەرلىك مىقداردا ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتە ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىدىغان ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشتىن باشلىنىدۇ. 4 ئۇزۇقلۇق گۇرۇپپىسىدىن يېتەرلىك مىقداردا ئۇزۇقلىنىش كېرەك. بۇلار; سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش گۇرۇپپىسى، كۆكتات-مېۋە گۇرۇپپىسى ۋە دانلىق زىرائەتلەر. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە تالا تەركىبى سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ رەڭگارەڭ، ھەر خىل كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ  قىممىتى يۈكسەكتۇر.

بولۇپمۇ پىياز، سامساق، يېسىۋىلەك، ئاچقۇچلۇق كۆكتات، بروككولى، ئانار، ئاپېلسىن، پېرسېيە نەشپۈتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆكتات - مېۋىلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىش پىروگراممىڭىزنى سەرخىللاشتۇرۇشىڭىز لازىم. پىروبىيوتىك دورىلارغا قېتىق، سىركە قاتارلىق ئېچىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتەلەيمىز.

ئۇخلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك

چوڭلار كۈنىگە كەم دېگەندە 7 سائەت ئۇخلىشى كېرەك. ئۇيقۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

دائىملىق چېنىقىش

ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، چېنىقىش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىكەن. دائىملىق چېنىقىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.

شېكەر ۋە سەۋزە ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

كاربون سۇ بىرىكمىلىرى سۈپىتىدە ئاددىي، يەنى شېكەر ۋە شېكەر بىلەن ياسالغان يېمەكلىكلەرگە ئېھتىياجىمىز يوقتۇر. چۈنكى بۇ  يېمەكلىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىمىزغىمۇ بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ساقلاش كېرەك

ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئانتىتېلا ئاقسىلدۇر. شۇڭا، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ساقلىشىڭىز كېرەك. گۆش، توخۇ، بېلىق، كۈركە توخۇ، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق تۈرلىرىدە ئاقسىل باردۇر.

ھەر ھەپتىدە 3 ۋاق بېلىق ئىستېمال قىلىش كېرەك

ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتالىرىمۇ ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بېلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېمىزئوت ۋە ياڭاقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتالىرى باردۇر. بېلىقنى كاۋاپ ياكى تونۇر كاۋىپى تەرىقىسىدە، ھەپتىدە 3 قېتىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.

زەرچىۋە ئىستېمال قىلىش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ

بەدەننى زەھەرلىك تەسىرلەردىن قوغدايدىغان بۇ «سېرىق مۆجىزە»، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى جانلاندۇرۇپ، ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كېسەللىكلەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلىرى بىلەن ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. زەرچىۋەنى ھەر كۈنى ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. بىر پارچە زەرچىۋە يىلتىزىنى بىر ئىستاكان سۇدا قاينىتىڭ، ئىچىگە لىمون سىقىڭ. زەرچىۋەنى قارىمۇچ بىلەن بىللە چوربىلىرىڭىزدا تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

خام مايلىق يېمەكلىكلەر ئۇزۇقلىنىش تەرتىپىگە ئىلاۋە قىلىنىشى كېرەك

خام مايلىق يېمەكلىكلەردىن خام ياڭاق، خام ئورمان ياڭىقى ۋە خام بادام ۋىتامىن E، ئۆسۈملۈك ياغ كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلار جەھەتتىن پايدىلىقتۇر. ماينىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بولۇپمۇ زەيتۇن يېغى، كوكۇس يېغى، پېرسېيە نەشپۈتى يېغى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر.

ۋىتامىن D غا دىققەت قىلىش كېرەك

ئاپتاپتىن پايدىلىنىپ ۋىتامىن D سەۋىيەڭىزنى ئۆستۈرۈڭ. زۆرۈر تېپىلغاندا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قوشۇمچە ماتېرىياللىرىڭىزنىمۇ ئىشلىتىڭ.

سۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك

سۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى يوقىتىش ۋە مېتابولىزمنى قوزغىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى پاكىزلاش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۈندە كەم دېگەندە 10-12 ئىستاكان سۇ ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

كېفىر:

تەركىبىدىكى جانلىق پايدىلىق باكتېرىيەلەر بىلەن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تەڭشەيدۇ. كېفىر ئىستېمال قىلىش ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىدۇ، زۇكام ۋە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كېفىرنى ياقتۇرمايدىغانلار، يېرىم بانان بىلەن بىر ئىستاكان سىركەنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە دارچىن سېپىش ئارقىلىق مەززىلىك قىلالايدۇ.

قىزىلمۇچ:

قىزىلمۇچ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ. ئۇ يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئامبىرى بولۇپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئۇنى قېتىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

سىترىس مېۋىلىرى:

ماندارىن، ئاپېلسىن، لىمون ۋە ئۈزۈم ئاپېلسىن قاتارلىق سىترىس مېۋىلىرى، تەركىبىدە ۋىتامىن C مول ئۇزۇقلۇقلاردۇر.

قېتىق:

تەبىئىي قېتىق ئۈچەيگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچەي سىستېمىسىنى تەڭشەيدىغان بۇ باكتېرىيەلەر، بەدەن سىرتىدىن ئۇچرايدىغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچىلاردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىدۇ.

سامساق:

ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان خام سامساق ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىممۇنىتېتنى قوللاش رولىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان چايلار:

يېشىل چاي

زەنجىۋىل چېيى

چۆل يالپۇزى چېيى

ئىممۇنىتېتنى قوللايدىغان قوشۇمچە ماتېرىياللار:

ۋىتامىن C:

ۋىتامىن D.

ۋىتامىن B6

قارا بۇزۇن

ئەسكەرتىش، ئىمكانقەدەر كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن ۋىتامىن ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇشىڭىز تولىمۇ مۇھىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر