بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 31

1807265
بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى  تۆۋەندىكىچە:

ئالدى بىلەن، كۆپ سۇ ئىچىڭ:

قەرەللىك ئارىلىقتا كۈنىگە 2.5 لىتىر سۇ ئىچىڭ. سۇدىن باشقا، لىمون، ئاپېلسىن شەربىتى ۋە ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C بار مېۋە شەربەتلىرىمۇ  بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېڭى سىقىلغان مېۋە شەربىتىنى تاللاڭ. قويۇق مېۋە شەربىتىنىڭ تاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

تۇز ئىشلىتىشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىڭ:

تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئۈچەيدىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىڭ:

تەركىبىدە ھايۋانات ئاقسىلى بار يېمەكلىكلەر، سۈيدۈكتە بار بولغان ۋە بۆرەككە تاش چۈشۈشنى شەكىللەندۈرىدىغان سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، قىزىل گۆش، تۇخۇم ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بولغان ھايۋانات ئاقسىلىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

سۈيدۈك كىسلاتاسى تاشلىرى ئۈچۈن، تەركىبىدە پۇرىن بار، ئاقسىل قىممىتى يۇقىرى ساردىنا بېلىقى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يەر مەدىكى، پالەك، يېسىۋىلەك، گۆش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن چەكلىنىش لازىم.

كالتسىي ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇڭ:

ئەگەر سىز ئۇزۇقلۇقلاردىن سىز ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىيغا ئېرىشەلمىسىڭىز، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەۋىپى ئاشىدۇ.

بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋىپىنى تۇغدۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىڭ:

قارا چاي، قەھۋە، قىزىلچا، پۇرچاق، شاكىلات، كاكائو، قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر، قارىمۇچ، خاسىڭ، ياۋروپا كەرەپشىسى، كۆكنار ئۇرۇقى، پالەك، بۆلجۈرگەن، قارىئۆرۈك قاتارلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ مىقداردا ئوكسالات بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كولا ۋە كاربوناتلانغان ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە فوسفات بولغاچقا، بۇلارمۇ تاشنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

لىمون بىلەن زەيتۇن يېغىنىڭ ئارىلاشمىسى ئۈنۈملۈك.

ئالما سىركىسى ۋە ھەسەل بىلەن تەييارلانغان ئارىلاشمىلار ئۈنۈملۈك.

چاققان ئوت ۋە ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ بىلەن تەييارلانغان ئارىلاشمىلار ئۈنۈملۈك.

بۇ ئارىلاشمىلار سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆرەككە تاش چۈشۈشنى ئازايتىپ، بەدەندىن چىقىرىۋېتىلىشىنى قولاشتۇرىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى:

بۆرەككە تاش چۈشۈشنى داۋالاشتا، كۈنىگە 10-30 گرام ئېزىلگەن كاۋا ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

چاققان ئوت يوپۇرمىقى:

زەھەرلىك ماددىلارنى يوقىتىش ۋە بەدەندىكى ئىششىقنى يوقىتىشتا موھىم رول ئوينايدىغان چاققان ئوت، بۆرەكتىكى تاشنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

1.5 گرام ئىنچىكە توغرالغان چاققان ئوت يوپۇرمىقى 150 مىللىلېتىر سۇغا سېلىنىپ قاينىتىلىدۇ. ئاغزىنى يېپىپ، 10 مىنۇت دەملىنىپ، سۈزۈلىدۇ. ئۇ بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

لېكىن، كۈنىگە 8-10 گرامدىن ئارتۇق چاققان ئوت يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىش ۋە 2 ئايدىن كۆپرەك ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس.

گۈلسۇرۇخ:

2 گىرام قېلىن توغرالغان مېۋە بىر ئىستاكان قايناق سۇغا سېلىنىدۇ، 10-15 مىنۇت دەملەنگەندىن كېيىن، سۈزۈلىدۇ. ئۇنى تاماقتىن يېرىم سائەتتىن كېيىن كۈندە 3 قېتىم ئىچىپ بەرگەندە، سۈيدۈكنى كۆپەيتىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈشنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ياۋروپا كەرەپشىسى:

بۆرەكتىكى تاشلارنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا، بۆرەكتىكى ئۆسمىنىڭ يېتىلىشىنى توختىتىدۇ.

پېرسىيە نەشپۈتى يوپۇرمىقى:

1 ئىستاكان خىلورسىز سۇ قاينىتىلىدۇ. بۇ قايناق سۇغا بىر ھەسەل قوشۇقى تەخمىنەن 2-3 گىرام قۇرۇتۇلغان پېرسىيە نەشپۈتى يوپۇرمىقى ئىلاۋە قىلىنىدۇ. تۆۋەن ئوتتا سەككىز مىنۇت قاينىتىلغاندىن كېيىن، دەملىنىپ، سۈزۈلىدۇ. ئىللىق ھالغا كەلگەندە، كەچلىك تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىن ئىچىلىدۇ.

ھەر بەش كۈندە بىر قېتىم ئىچكەندىن كېيىن، ئۈچ كۈن توختىتىلىدۇ. تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە قوشماسلىق كېرەك. بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنى 20 كۈندىن ئارتۇق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قايتا ئىشلىتىش ئۈچۈن كەم دېگەندە چوقۇم 20 كۈن ئۆتۈشى كېرەك.

دائىم ئىشلىتىلىدىغان پېرسىيە نەشپۈتى چېيى، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

گۈلچىمەن شەربىتى:

قەيسەرى ۋە ئەتراپىدا دائىم ئۆسىدىغان ۋە ئۈزۈم مېۋىسىگە ئوخشايدىغان، 30-40 مېۋە توپى بىر ساپنى شەكىللەندۈرىدىغان گۈلچىمەن ، بۆرەك تېشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

گۈلچىمەن ئۆسۈملۈكى ئىشلىتىلىپ تەييارلانغان شەربەتلەر، بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ:

يېڭى ياكى قۇرۇق شەكىلدە ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ بۆرەك ئاغرىقلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر.

قىرىقبوغۇم ئوتى:

سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇ ئۆسۈملۈك، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشقىمۇ پايدىلىقتۇر.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالما، قېتىق ۋە كاۋا بۆرەككە تاش چۈشۈشنى داۋالاشتا ياردەمچى بولۇپ، بەدەندىكى تاشلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا قۇلايلىق يارىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر