ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە ساقلاشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى - 29

1799583
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە ساقلاشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)  

كۈنبويى يەپ - ئىچىدىغانلىرىمىز مېڭىمىزنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇچۇر ئامبىرىمىز بولغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئوزۇقلۇق سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە ساقلاشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە:

• ئومېگا - 3

سالمون بېلىقى، پالامۇت بېلىقى، ساردىن بېلىقى قاتارلىق ئومېگا – 3 مېيى تەركىبى يۇقىرى بېلىقلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. چۈنكى ئومېگا -3 مېيى ئالزىمېر كېسەللىكى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە يۈرەك رىتىمىنى تەڭشەيدۇ. سېروتونىن ھورمۇنىنى قويۇپ بېرىدىغان ئومېگا – 3 مېيى روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

• يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار

كاللەكبەسەي، پالەك، بروككولى قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار مېڭىگە پايدىلىق ئۇزۇقلۇقلاردۇر.

• پەمىدۇر

تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى مول بولغان پەمىدۇر ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە پايدىلىق ئۇزۇقلۇقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

• ياڭاق، خاسىڭ ۋە يەر ياڭىقى

بۇلار ئاقسىل ۋە شىپالىق مايلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ، يۈرەك ۋە مېڭىگە پايدىلىقتۇر. لېكىن، يەر ياڭىقىنىڭ سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدىغان خۇسۇسىيىتى ۋە كالورىيە مىقدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. شۇڭا،  كۈنىگە 15 - 20 دانە ئىستېمال قىلسىڭىزلا كۇپايە.

• كاۋا ئۇرۇقى

كاۋا ئۇرۇقى سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق يەل - يېمىش بولۇپ، تەركىبىدە ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك ۋە مىس مولدۇر. سىنىك كەملىكنىڭ ئالزىمېر كېسەللىكى ۋە روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن، سىنىك مول، تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان مىنېرال ماددىلار بار بولغان كاۋا ئۇرۇقى، چوڭ مېڭىنىڭ دوستىدۇر.

• دارچىن

زېھنىڭىزنى تەڭشەيدىغان ۋە كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلايدىغان دارچىنمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.

• تۇخۇم

زېھىن كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر تۇخۇم چوقۇم ئۇزۇقلۇق تىزىملىكىڭىزدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك.

• مېۋە - چىۋىلەر

ھەر ھەپتە ئىككى تەخسە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بۆلجۈرگەن ۋە ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

• دانلىق زىرائەتلەر

B گۇرۇپپىدىسىكى ۋىتامىنلارنىڭ مەنبەسى بولغان دانلىق زىرائەتلەر چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈردۇر.

• يېشىل چاي

خولېستېرىن ۋە گوموسىتېيننى ئازايتىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

• كېپەك غىزالار

چوڭ مېڭە فۇنكىسىيەلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئىسكىلاتى بولغان كېپەك غىزالار، دىققەت چېچىلىشنى ئازايتىدۇ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە قان ئايلىنىشنى تەڭشەيدۇ.

• قېتىق

مول كالتسىي ئىسكىلاتى بولغان قېتىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. قېتىق ياكى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن كۈندە كەم دېگەندە 2 قاچا (سۈت ياكى قېتىق) ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

• ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ

قېنىق قىزىل ۋە بىنەپشە رەڭلىك مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلىغىلى، ھەمدە قىسقا مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ  ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

B ۋىتامىنلار

بولۇپمۇ ۋىتامىن B6 ۋە B12 نى ئىستېمال قىلغاندا، پالەچ، ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئالزىمېر كېسەللىكى خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. B ۋىتامىنلار مول بولغان توخۇ گۆشى، بېلىق، تۇخۇم ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستېمال قىلىش مۇھىمدۇر.

• قۇرۇق ئۈزۈم

قۇرۇم ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C كۆتۈرەڭگۈ روھ ئاتا قىلىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن بىرلىكتە تەمى ئاچچىق - چۈچۈك مېۋە - چىۋىلەر  ۋە بروككولى قاتارلىقلارمۇ شۇنداق.

قەھۋە

كوففېئىن چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ساقلاپ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭغا ياردەمچى سۈپىتىدە، كۈندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىستېمال قىلىش پايدىلىقتۇر. لېكىن، قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

• پەمىدۇر

بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ، بالدۇر ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قىسمەن ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، ئۇ داستىخاندىن دائىم ئورۇن ئېلىشى كېرەك.

• بروككولى

نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، رېفلىكىسڭىزنى كۈچەيتىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا زور تۆھپە قوشىدۇ.

• چۆل يالپۇزى

چۆل يالپۇزىنىڭ ئەستە ساقلاشقا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. بولۇپمۇ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلەر ئۈچۈن بىرىنچى نومۇرلۇق تەبىئىي دورا ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ كۈندىلىك بېسىمنىمۇ ئازايتىدۇ.

• تەنھەرىكەت ۋە چېنىقىش

تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، مېڭىش ياكى ئاستا يۈگۈرۈش چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا تۆھپە قوشىدىغان يەنە بىر ئامىلدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر