پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆلۈۋىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (27)

1789932
پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆلۈۋىلىشى

 

پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆلۈۋىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (27)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆلۈۋىلىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

دەرۋەقە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان ھەربىي ئورۇنلىشىشتىن كېيىن، ئۇكرائىناغا قارىتا بىر قانچىلىغان لىنىيەدىن تەڭلا  ئىشغالىيەت ھەرىكىتىنى باشلىدى. پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىگە چاقماق ھەرىكىتى بۇيرۇقىنى بەرگەندە، كىيېۋنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا چۇشۇرۇپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى بىرلىشىشى ۋە زېلېنسكىينىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە رۇسىيەنى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ۋە خورىتىدىغان بىر باسقۇچقا ئېلىپ كىرگەنلىكى مەلۇم. غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ گۇرۇپپا شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان قەتئىي مەيدانى رۇسىيەنى چوڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋەيران بولۇشقا سۆرەپ كىرمەكتە.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق دۆلىتى نامىدىن غايەت زور بىر قىمار ئوينىدى ۋە  ھازىر ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىغاندەك قىلىدۇ. پۇتىن رۇسىيە ئارمىيىسىگە «چاقماق ھەرىكىتى» بۇيرۇقى بەرگەندە، كىيېۋنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالقىنىغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى، زېلېنسكىي رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئىرادىنىڭ يوقۇلىدىغانلىقىنى، قوماندانلىق ۋە كونترول قۇرۇلمىسى گۇمران بولۇپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى تۈگەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ كىيېۋدە رۇسىيە تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان يېڭى ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلدى.

لېكىن ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدىلا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ «چاقماق ھەرىكىتى» مەغلۇپ بولدى. كىيېۋنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن چوڭ ھەربىي ھەرىكەت شەكلىدە ئەمەس، بەلكى بىر ئالاھىدە قىسىم ھەرىكىتىگە ئوخشاش لايىھەلەنگەن بۇ ھۇجۇم، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى. شۇڭا ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي رەھبەرلىكى ۋە قوماندانلىق كونترول قۇرۇلمىسى ۋەيران بولماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە كاتتا ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

«يىلدىرىم» ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ <B> پىلانىغىمۇ يېتەرلىك خىزمەت قىلمىغانلىقى كۆرۈلدى. ئىشغالىيەت ئۇرۇشىغا ئايلانغان روسىيە ھەربىي ھەرىكىتى ئۇكرائىنانىڭ ھەم جەنۇب ھەم شەرق لىنىيەسىدە كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىدى. كىيېۋغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن شىمالدىكى كۈچلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىمۇ ناھايىتى ئاستا بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭغا بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرالماسلىقى، بروۋنىك قىسىملىرىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن يېقىندىن ياردەم بېرەلمەسلىكى، ناچار قوماندانلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئومۇمىي ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسى قاتارلىقلار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەم ئاستا ئىلگىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەم ئېغىر زىيانلارنى تارتىشىغا سەۋەب  بولدى. رۇسىيە پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ روھىي گۈچىنىڭمۇ تۆۋەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ يەردە ئەلۋەتتە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ خەلق بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىشى، سىممېترىك بولمىغان كۈچ ئېلېمېنتلىرى بىلەن بىرگە بولۇپمۇ تۈركىيەدىن ئالغان ت ب 2  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ۋە تانكىغا قارشى قوراللارنى ئاساس قىلغان ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەش لازىم. ئۇرۇشتا بىر قانچە كۈن ئىچىدە يۈزلىگەن رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نۇرغۇنلىرى ئەسىرگە چۈشكەن بىر رۇسىيە ئارمىيىسىنى شۇنداقلا برونېۋىك قىسىملىرى توزاققا چۈشكەن ۋە  ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان رۇسىيە قىسىملىرىنى كۆرمەكتىمىز.

بىر تەرەپتىن ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ گۇرۇپپا شەكلىدە ھەرىكەت قىلىشى، ئېغىر ئېمبارگولار بىلەن رۇسىيەنى گۇيا دۇنيادىن  يېتىم قالدۇرىشى ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشنىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولغاندەك قىلىدۇ.

ھەم ھەربىي، ھەم ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا قىمارى ئىنتايىن ئېغىر يوقۇتۇش بىلەن نەتىجىلىنىدىغاندەك  شۇنداقلا پۇتىن ۋە دۆلىتىگە نىسبەتەن بىر ئىستراتېگىيىلىك ئۆلۈۋىلىشقا ئايلىنىدىغاندەك قىلىدۇ. بارلىق ئالامەتلەر بۇ ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر