قەدىمكى دەۋرنىڭ داڭلىق ماتروسى — كېزىكوسلۇق ئۆدوكسۇس

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، قەدىمكى دەۋرنىڭ داڭلىق ماتروسى — كېزىكوسلۇق ئۆدوكسۇس بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

1789282
قەدىمكى دەۋرنىڭ داڭلىق ماتروسى — كېزىكوسلۇق ئۆدوكسۇس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياشاۋاتقان دۇنيامىزنى بىلىش،  چۈشىنىش ئارزۇسى پەقەت دەۋرىمىز كىشلىرىگە خاس ئەھۋالمۇ؟ بايقىغۇچىلار، ئىزدەنگۈچىلەر پەقەت ھازىرقى زاماننىڭ باتۇر كىشىلىرىمۇ؟ بۇ قىزغىنلىق پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلدىمۇ ياكى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا بايقىغۇچىلار، ئىزدەنگۈچىلەر بارمىدى؟... چارلاش، بايقاش، ئىزدىنىش دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئەقلىگە 15-ئەسىر كېلىدۇ. چۈنكى 15- ئەسىر «بايقاش دەۋرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ماركو پولۇ، ماگېللان، بارتلېمېئۇ دىياس، ۋاسكو دا گاما ياكى كرىستوفىر كولۇمبۇسلار دېڭىزلاردا ئىز قالدۇرغان بايقىغۇچىلار، ئىزدەنگۈچىلەردۇر. قۇرۇقلۇقتىكى قۇتۇپ بايقاش پائالىيەتلىرى كېيىنكى يىللاردا، يەنى 19-ئەسىردە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ پېئاري شىمالىي، ئامۇندسېن جەنۇبىي قۇتۇبنى بايقايدۇ. ئۇنداقتا، سىز بىلەن ئىپتىدائىي دەۋەرلەردە ئەنگلىيە دېڭىز قىرغاقلىرىنى بايقىغان، كىتابىغا يېرىم كېچىدىكى قۇياش ۋە قۇتۇپ مۇز قاپقىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كىرگۈزگەن بىر بايقىغۇچىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشساق، ھەيران قالامسىز؟! مۇتەخەسسىسلەر، قەدىمكى گىرېك جۇغراپىيەشۇناسى ۋە چارلىغۇچىسى پىتېئاسنىڭ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن ئىسلاندىيەگە يېتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان، قەدىمكى دەۋرلەردە ئانادولۇ زېمىنلىرىدا ياشىغان يەنە بىر بايقىغۇچى، چارلىغۇچى بار؛ ئۇ بولسىمۇ كېزىكوسلۇق ئېدوكسۇستۇر.

* * * * *

كېزىكوسلۇق ئېدوكسۇس قەدىمكى دەۋرنىڭ مۇھىم ماتروسى ۋە چارلىغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى كېزىكوسلۇق ئېدوكسۇس ئافرىقا قىتئەسىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان تۇنجى ماتروستۇر. ئۇ بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى گويا كرىستوفىر كولۇمبۇسقا ئوخشاشلا ھىندىستانغا بېرىشنىڭ باشقا يوللىرىنى ئىزدەيدۇ؛ قىزىل دېڭىزدىن ھىندىستانغا قاراپ نەچچە قېتىم سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ تۇنجى قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەسىدىن قىممەتلىك بۇيۇملار ۋە ھەر خىل تېتىتقۇلارنى ئېلىپ قايتىدۇ. ئارقىدىن چارلاش، بايقاشلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مۇناسىپ ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن ئۈچ پاراخوت بىلەن يەنە بىر قېتىم يولغا راۋان بولىدۇ. بۇ قېتىم ئافرىقا قىتئەسىنى ئايلىنىپ ھىندىستانغا بېرىش نىيىتىدە يولغا چىققان كېزىكوسلۇق ئېدوكسۇس ئىزدېرەكسىز غايىب بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 15-ئەسىرگە قەدەر، ھېچكىم ئافرىقانى جەنۇبتىن ئايىلىنىپ ئۆتۈشنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ...

ھازىرقى بالىكەسىرنىڭ ئەردەك ناھىيەسىدىكى كېزىكوس، بېلقىس دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋرلەردە ئۈچ پورتى بار مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. كېزىكوس مارمارا (مەرمەر) دېڭىزىدىكى ئۈچ تەبىئىي پورتى، ھەم  چاناققەلئە بوغۇزى ھەمدە مارمارا دېڭىزىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان  جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك جاي بولۇپ، مارمارا دېڭىزىدىكى سودا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلاتتى. ئانادولۇنىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى ئورنىدىكى بۇ پورت شەھىرى، مۇنبەت تۇپراقلىرىدا يېتىشىدىغان ئۈزۈم ۋە زەيتۇنلىرىنىڭ سايىسىدا قەدىمكى دەۋرنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كۈچلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

 كېزىكوس مىسىيە (مىسيا) رايونىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەھىرى بولۇپ، بالىكەسىر، مانىسا، بۇرسا ۋە چاناققەلئەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ رايوندىكى ئەڭ بۇرۇن پۇل قۇيۇلغان شەھەرمۇ كېزىكوس ئىدى. يولىنىڭ خەتەرلىكلىكى سودىگەرلەرنى دېڭىز يولىنى ئىشلىتىشكە قىستايتتى. شۇنداق قىلىپ، كېزىكوس بېيىپ، ئۆزىنىڭ پۇللىرىنى قۇيغانىدى. قېزىش جەريانىدا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان پۇللار قېزىۋېلىندى. بۇلغارىيە، رومىنىيە ۋە رۇسىيەدىمۇ ئىشلىتىلگەن پۇللارنىڭ ھەممە جايدا   ئۆتۈشى، باشقىچە ئېيتقاندا، خەلقئارالىق ئىناۋەتكە ئىگە بولۇشى شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

* * * * *

داڭلىق جۇغراپىيەشۇناس سترابو، كېزىكوسنىڭ كىچىك ئاسىيانىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا ئانادولۇنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەھەرلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ شەھەرنىڭ كۆلىمى، گۈزەللىكى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ماختايدۇ. كېزىكوس نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەر قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن نېئوكارېئا، يەنى «ئىمپېرىيەنىڭ مۇقەددەس مەركىزى» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. كېيىن، ئوتتۇز ئۈچ شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆلكە مەركىزى، دەپ ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندىن كۈنگە كۈچىيىدۇ.

كېزىكوس ئانادولۇدىكى پېرگامون (بەرگاما) ۋە ئەفەستىن كېيىنكى ئىمپېراتور ئىبادەتخانىسى سېلىنغان ئۈچىنچى شەھەر. مۇتەخەسسىسلەر، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان خادىرىيان بۇتخانىسىنىڭ ئەفەس - ئارتېمىس ۋە دىدىم-ئاپوللون بۇتخانىلىرىغا ئوخشاشلا چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ بۇتخانا ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، قەدىمكى مەنبەلەردە دۇنيانىڭ سەككىزىنچى مۆجىزىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

كېزىكوستىكى قېزىش – تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا، رىم دەۋرىدە ياسالغان ئەڭ چوڭ تۈۋرۈك بېشى قېزىۋېلىندى. «شۇنداق چوڭ بىر ئىبادەتخانا سېلىپسىلەركى، تاغلارنىڭ ئورنىنى ئاپتۇ. ماتروسلار شەھەرلەرنى تاغ ئارقىلىق بىلىدۇ، ئەمما ئەمدى بۇتخاناڭلار تاغنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. شەھىرىڭلار ماياك ۋە بايراقلارسىزمۇ ماتروسلارغا يول كۆرسىتەلەيدىغان بىردىنبىر شەھەر» دەپ يازىدۇ، ئۆز دەۋرىدىكى پەيلاسوپ ئارىستىدېس. بۇ سۆزلەر ۋە قېزىپ چىقىرىلغان تۈۋرۈك بېشى بىزنى بۇتخانىنىڭ چوڭلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

* * * * *

قەدىمكى شەھەر كېزىكوستىكى خادرىيان بۇتخانىسىغا ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر بىنا بولسا، ئامفىتىياتىرى (پەلەمپەيسىمان تىياتىر). كېزىكوس ئامفىتىياتىرى ئانادولۇدىكى ئۈچ مۇھىم مىسالنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئېقىن يولىغا ياسالغانلىقى ئۈچۈن، رىم كولوسسىيىسى ۋە پېرگامون ئامفىتىياتىرىغا ئوخشاش سۇ بىلەن تولدۇرۇلغان كېزىكوس ئامفىتىياتىرى، دېڭىز ئۇرۇشلىرىغا، ئەلۋەتتە ياۋايى ھايۋانلار، قۇللار ۋە گلادىراتورلارنىڭ جەڭلىرىگە سەھنە بولىدۇ.

شەھەرنى قورشاپ تۇرىدىغان سېپىللار بىلەن سىياسىي يىغىلىش مەيدانى، يەنى شەھەر مەيدانىنىڭ قالدۇقلىرىمۇ كېزىكوسنىڭ قانچىلىك باي ۋە چوڭ شەھەر ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. گەرچە قەدىمكى يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ھەققىدە توختالغان، ھەيۋىتى ئەفەس ۋە پېرگامۇن بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما كېزىكوس ئۇلاردەك تونۇلمايدۇ. شۇنچە شانۇ – شەۋكەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ ئەستىن چىقىپ كېتىش — ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟!  شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەردە رىم دەۋرىدىن بۇرۇنقى چاغلارغا تەۋە بىنالار بىلەن بىرلىكتە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى ئۇنىڭ خاتالىقىمۇ؟! ئۇ ئىلگىرىكى شان – شەرىپىگە نائىل بولىدىغان كۈنلەرنى جىمجىتلىق ئىچىدە كۈتۈپ يېتىۋاتقان پەيتلەرنىڭ بىرىدە بىر مۆجىزە يۈز بېرىدۇ. 2016-يىلى، ئەردەكتىكى يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ  كۈچلۈك دېڭىز سۈيى تارتىلىشىدىن كېيىن، شەھەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغان پىرىستانى ئاشكارىلىنىدۇ. بىر تەبىئىي ھادىسەنىڭ مۆجىزە يارىتىشى بىلەن، پىرىستاننىڭ قەدىمكى خارابىلىرى ئۆزلۈكىدىن يورۇقلۇققا چىقىدۇ.

* * * * *

قەدىمكى دەۋرنىڭ مۇھىم ماتروسى، چارلىغۇچىسى ئانادولۇلۇق ئىدى. ئۇ قىزىقىشى، چارلاش ۋە بايقاش ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئىلگىرى ھېچكىم ئىشلىتىپ باقمىغان لىنىيەلەرگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ئافرىقانى ئايلىنىپ ئۆتۈشنى خالايتتى. كېزىكوسلۇق ئېدوكسۇس قەدىمكى دەۋردە بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغان تۇنجى كىشى ئىدى. ئەنە شۇ ھەيۋەتلىك كېزىكوستىكى خادرىئان بۇتخانىسى قەدىمكى دۇنيانىڭ سەككىزىنچى مۆجىزىسى دەپ تەسۋىرلەنگەنىدى.  پەلەمپەيسىمان تىياتىرى،  كەم ئۇچرايدىغان ئۈچ پورتى، پارلامېنت بىناسى، تىياتىرخانىسى ۋە كەڭ رايوندا ئۆتىدىغان تەڭگە پۇللىرى بىلەن قەدىمكى رىم دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پورت شەھىرى ۋە سودا مەركىزى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر