پامۇققەلئە ھىئېراپولىس قەدىمكى شەھىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ھىئېراپولىس (خېراپولىس) قەدىمكى شەھىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز...

1776492
پامۇققەلئە ھىئېراپولىس قەدىمكى شەھىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز كۈندۈزلىرى ئاسماننى تويۇقسىزلا قاراڭغۇلۇق قاپلىغىنىدا ۋەھىمىگە چۈشەتتى. بەزى مەدەنىيەتلەر ئەجدىھا قۇياشقا ھۇجۇم قىلدى، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى، ئۇنى شەيتاننىڭ ئىشى، دەپ قارايتتى. ئىلاھلارنى غەزەپلەندۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ، بىر ھايۋاننىڭ قۇياشنى يېيىشكە ئۇرۇنغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ۋارقىراش ياكى ھەر خىل نەرسىلەرگە ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىلسا ۋەياكى ئىلاھلارغا قۇربانلىقلار قىلىنسا، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا قارىتا چەكسىز ئىشەنچ ھۆكۈمران ئىدى. قەدىمكى دەۋرلەردە نامەلۇم ۋە قۇدرەتلىك ئىلاھىي كۈچ دەپ قارالغان نۇرغۇن سىرلار ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېشىلدى. ئانادولۇ زېمىنلىرىمۇ سىرى يېقىنقى چاغلاردا يېشىلگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرىگە شاھىت بولدى. شۇنداق، «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىرلىرى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قۇرۇلمىلىرى بىلەن بىر چاغلاردا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ھىئېراپولىس (خېراپولىسمۇ دېيىلىدۇ) ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

* * * * *

ھىئېراپولىس پېرگامون (بەرگاما) پادىشاھلىقى دەۋرىدە قۇرۇلىدۇ. شەكىللىنىشىگە نەچچە مىڭ يىل ۋاقىت كەتكەن رىۋايەتلەردىكىگە ئوخشاش گۈزەل ئاپئاق كۆلچەكلەرنىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا، ھاك چېچەكلىرىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق مەنزىرىلىرىدىن باشقا سۈيىمۇ شىپالىق ئىدى. بۈگۈنكى دەنىزلىغا جايلاشقان ھىئېراپولىس، يەنى پامۇققەلئە قەدىمىي شەھىرى يۇنان دەۋرىدىن تارتىپ مۇھىم ۋە ئاۋات شەھەر بولۇپ، ھەم سودا يوللىرىنىڭ مەركىزىدە ئىدى، ھەم سەنئەت ۋە ساياھەت ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يۇنان شەھىرى ئىدى. بۇ شەھەردە كىبەلە، ئاپوللو، دىئونىسوس ۋە باشقا نۇرغۇن ئىلاھلارغا ئاتاپ سېلىنغان كۆپلىگەن بۇتخانىلار بار. شۇڭلاشقا ئۇ «مۇقەددەس شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ھىئېراپولىس» دېگەن نام بىلەن ئاتالغانىدى. ئۇ رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە فرىگيا رايونىنىڭ پايتەختى ئىدى. ھىئېراپولىس ۋىزانتىيە دەۋرىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەركەزگە ئايلانغانىدى. گەرچە بۇ شەھەر ئاھالىسى دەسلىپىدە خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا دېگەندەك قىزىقمىغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ دىننىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ھەزرىتى ئىسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىسى (ھەۋارىسى)نىڭ بىرى بولغان ئەۋلىيا فىلىپۇس ئۆلتۈرۈلگەن شەھەر بولغاچقا، كېيىنچە دىنىي مەركەز دەپ ئېلان قىلىنغانىدى.

* * * * *

ھىئېراپولىس مۇھىم ساياھەت مەركىزى ئىدى. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭلا ئەمەس، رىم ئىمپېراتورلىرىنىڭمۇ بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىدۇ. چۈنكى ھىئېراپولىستا قەدىمكى دەۋرلەردە ئۆلۈكلەر ئۆلكىسىنىڭ دەرۋازىسى دەپ قارىلىدىغان بىر ئۆڭكۈر بار ئىدى. بۇ ئۆڭكۈرگە كىرگەن جانلىقلار ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن بۇ يەر، «دوزاخ دەرۋازىسى» ئەينى چاغدىكى نامى بويىچە ئېيتقاندا پلۇتونىيۇم مۇقەددەس جايى، ئىدى. ھىئېراپولىسنىڭ سىرى مانا بۇ نۇقتىدا يېشىلىدۇ. سېھىرگەرلەر ۋە بۇتپەرەس راھىپلار ئىنسانلارنىڭ ئىزاھلاش مۇمكىن بولمايدىغان نامەلۇم نەرسىلەرگە پەۋقۇلئاددە قىزىقىدىغانلىقىنى تېزلا تونۇپ يېتىپ، بۇ ئۆڭكۈرنى ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدىغان، چېقىلالماسلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ماكانلىرىغا ئايلاندۇرۇۋالغانىدى. چۈنكى راھىپلار قۇشلار ۋە بوغىلارنى ئېلىپ كىرىپ كەتكەن ئۆڭكۈردىن پەقەت ئۆزلىرى تىرىك ھالەتتە قايتىپ چىقاتتى، باشقا جانلىقلار ئۆلۈپ كېتەتتى. كۈن تۇتۇلۇشىنىڭ سىرىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن شۇ دەۋر كىشىلىرى ئۈچۈن بۇ ئاجايىپ بىر ئىش ئىدى! باشقىچە ئېيتقاندا، پوپلار ئۆلۈم ۋە ئۆلۈم ئىلاھلىرىغا رەسمىي جەڭ ئېلان قىلماقتا ئىدى. ھالبۇكى راھىپلار، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. بىر قانچە يىل ئىلگىرى، ئالىملار بۇ ئۆڭكۈردە تاڭ يورۇغاندا كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئۆرلەپ، بۇ گازنىڭ يەرگە يىغىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭلاشقا قۇشلارغا ئوخشاش كىچىك جانلىقلار ئۆڭكۈردە دەرھال ئۆلۈپ كېتەتتى، بۇقىلار بولسا دەسلەپ خۇدىنى يوقىتىپ، ئاستا – ئاستا گازدىن زەھەرلىنىپ ئۆلەتتى. راھىپلارنىڭ باشلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆڭكۈر ھاۋاسىدىن نەپەسلەنمەسلىك ئارقىلىق تىرىك قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئەمما ئىلىم-پەننىڭ ياردىمىدە، بىز بۈگۈن ئۆڭكۈردىكى ئىشلارنىڭ سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولدۇق.

بۇ نۇقتىدا ئۆڭكۈر ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بېرەيلى. تەتقىقاتچىلار، پامۇققەلئەنىڭ ئاجايىپ نەپىس ھاك چېچەكلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق سۇ مەنبەسىنىڭ بۇ ئۆڭكۈردە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

* * * * *

ھىئېراپولىس ئانادولۇدىكى بەشىنچى چوڭ قەدىمىي شەھەر. ئۇ تەخمىنەن 1 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاساسلىق كوچىسى، قەدىمكى تىياتىرخانىسى، بۇتخانىسى، ئابىدىۋى فونتىنى ۋە چېنىقىش ئۆيى بىلەن تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان قەدىمىي شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى ھەشەمەتلىك ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ھىئېراپولىس، نۆۋەتتە ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

قەدىمكى تىياتىرخانا ھىئېراپولىس شەھىرىدىكى مۇھىم ئىمارەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تاغ باغرىغا يۆلەنگەن ھالەتتىكى تىياتىر ئانادولۇدىكى رىم تىياتىرخانىلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل مىساللىرىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن 150 يىل ۋاقىت كەتكەن، ئاكۇستىكىسى ۋە ھەجىمى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تىياتىرخانا بارلىق تەرەپلىرىنى زامانىمىزغىچە ساقلاپ قالالىغان. قەدىمكى تىياتىرخانىنىڭ سەھنە بىلەن تاماشىبىنلار تۇرىدىغان يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر توسۇقنىڭ ئورنىتىلغان بولۇشى، بۇ يەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بىلەن گلادىراتورلارنىڭ ئېلىشىشىغا سەھنە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھىئېراپولىسنىڭ باشقا قەدىمكى شەھەرلەردىن پەرقلىنىدىغان بىر تەرىپى،  بۇ يەردە مۇنچا شەھەر سىرتىغا جايلاشقان. مۇنچا زىيارەتچىلەرنىڭ شەھەرنىڭ مۇقەددەسلىكىگە يارىشىدىغان ھالەتتە يويۇنۇپ، پاكىزلىنىپ كىرىشى ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا سېلىنغان. كېيىنچە چېركاۋغا ئايلاندۇرۇلغان بۇ مۇنچا، ھازىر قېزىش جەريانىدا تېپىلغان بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇزېي سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. ۋاقىتقا قارشى دوئېل ئېلان قىلغان بۇ قۇرۇلۇش، بىزنى زامان ساياھىتىگە باشلايدۇ!

* * * * *

ھەيۋەتلىك ھىئېراپولىس يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئېغىر يەر تەۋرەشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، شەھەر قايتا قۇرۇلىدۇ. بۇ يەر تەۋرەشلەر جەريانىدا شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئورەك شەكىللىنىدۇ، ھەيۋەتلىك تۈۋرۈكلەر ۋە ھەيكەللەر بۇ ئورەككە چۈشۈپ كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئورەك ئىسسىق سۇ بىلەن تولۇپ، شەھەرنىڭ رىۋايەتلىك «قەدىمكى كۆلچىكى»نى شەكىللەندۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ھاك چېچەكلىرىدىن قالسا پامۇققەلئەنىڭ ئەڭ جەلپكار يېرى بۇ قەدىمكى كۆلچەكتۇر. ئىسسىق سۇدىن ئوزۇقلىنىۋاتقان قەدىمكى كۆلچەكنىڭ بىر قىسىم تېرە ۋە قان ئايلىنىش كېسەللىرىگە پايدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق بولۇپ، ياز - قىش 36 سېلسىيە گرادۇستۇر. بۇ قەدىمىي كۆلچەكتە سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز! كىممۇ بۇنداق بۇنداق گۈزەل ئىشنى رەت قىلالىسۇن؟ بۇ كۆلچەك ھەققىدە يەنە، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر قوغلىشىپ ئۆتكەن مىسىرنىڭ داڭلىق خانىشى كلېئوپاترانىڭمۇ بۇ كۆلچەكتە سۇ ئۈزگەنلىكىگە دائىر رىۋايەتلەر بار.

* * * * *

پامۇققەلئەدىكى ھىئېراپولىس قەدىمكى شەھىرىنىڭ  فرونتىنۇس كوچىسى ۋە ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىسى، يىغىلىش مەيدانى، ئاپوللون مۇقەددەس جايى، ئەۋلىيا فىلىپپۇس قەبرىگاھى  ۋە نېكروپول مازارلىقى قاتارلىقلار بىز تارىخ ھىدىنى سۈمۈرەلەيدىغان ئۆزگىچە ماكان. دۇنيادا مىسلى تېپىلمايدىغان 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىپ ئۆتمۈشكە شاھىت بولۇشنى، ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن يېشىلگەن بىر سىرنىڭ پېيىغا چۈشۈشنى ۋە ئاجايىپ گۈزەل ھاك چېچەكلىكلەر بەخش ئەتكەن مۇھىتتا سېھىرلىك بىر دۇنياغا سەپەرگە ئاتلىنىشنى يەنىمۇ كېچىكتۈرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر