ئەبرۇ سەنئىتى

بىلىۋېلىڭ - 23

1779745
ئەبرۇ سەنئىتى

ئەبرۇ سەنئىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تۈرك سەنئەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

 ئەبرۇ سەنئىتى، بىر خىل يېلىم بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان سۇنىڭ ئۈستىدە  رەڭلەر بىلەن نەقىشلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە بۇ نەقىشلەرنىڭ قەغەزگە چۈشۈرۈلۈشىدۇر. ئەبرۇ سەنئىتى ماھىيەتتە بېزەكچىلىك سەنئىتىدۇر. بۇ بېزەكچىلىك سەنئىتى بىلەن ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئېسىل بېزەك بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى ۋە قەغەز بېزەكچىلىك سەنئەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولغان ئەبرۇ سەنئىتىنىڭ قاچاندىن باشلاپ تونۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس. تۇنجى ھۆججەتكە ئېلىنغان ئەبرۇ سەنئىتى 16-ئەسىرگە ئائىتتۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مۇھىم  سەنئەتلەردىن بىرى بولغان ئەبرۇ سەنئىتى توغرىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى تۈركچە ئەسەر، 1615-يىلدىن كېيىن يېزىلغان. غەربتە ئەبرۇ سەنئىتى ئۈچۈن، «مەرمەر قەغەز» ياكى «تۈرك قەغىزى» دېگەندەك ئىسىملار قوللىنىلماقتا.

ئەبرۇ، ھەل بېرىش ۋە ھۆسنخەت بىلەن بىرلىكتە كىتابلارنىڭ بەتلىرىدە، قوليازمىلارنىڭ گىرۋەكلىرىدە، جىلتلاردا ۋە ھۆسنخەت بوشلۇقلىرىدا قوللىنىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  بۈگۈنكى كۈندە  مۇھىم سەنئەت ئەسىرى دەپ قارالماقتا ۋە كۆرگەزمە قىلىنماقتا. ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سەنئەتكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئەبرۇ سەنئىتى كىشىلەرنىڭ پەقەت قىزىقىشى بىلەنلا چەكلىنىدىغان بىر سەنئەتكە ئايلىنىپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر