ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى مۇبارەك بولسۇن!

1769265
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى

بۈگۈن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكىنىڭ بىرىنچى كۈنى.

بۈگۈندىن باشلاپ ئالدىمىزدىكى ھەپتە بويىچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكىنى تەبرىكلەيمىز. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۈچ قىتئەگە سوزۇلىدىغان تېرروتېرىيەسى بىلەن يۈز يىللار بويىچە ئادالەت تۈزۈمىگە ئاساسەن دۇنيانى باشقۇردى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋر، ئانا يۇرتى ئاسىيادىن بېشىنى ياۋروپاغا سوزغان بىر بۆرىگە ئوخشاش يۈزلەرچە يىل داۋاملىشىدىغان ۋە تەسىر كۈچى ئەبەدىلئەبەد توختاپ قالمايدىغان مىسلىسىز بىر مەدەنىيەت، تەڭداشسىز بىر ئىنسانپەرۋەرلىك دەۋرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تارىخى ئۆزىدىن بولمىغان قەۋملەر ھەم مەدەنىيەتلەرنىمۇ باغرىغا باسىدىغان، مىسلىسىز ئادالىتى ھەممە ياققا پارلاق نۇر چاچىدىغان ئىنسانىيەت تارىخىدۇر.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ نە رۇسىيەنىڭ، نە گېرمانىيەنىڭ، نە بالقان، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ياۋروپا رايونلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئورنى ھېچقاچان تولدۇرۇلالمىغان بۇ ئادالەت ئېڭى ئەسلىدە كۈنىمىزدىمۇ بۇ تۇپراقلاردا دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقان قان ھەم كۆز ياشلىرىنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر شىپالىق دورىسى ئىدى.

ئىنسانىيەت تارىخىغا مىسلىسىز ئىزلارنى قالدۇرغان ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزمۇ ئۆزىمىزنى تولىمۇ شان – شەرەپلىك ھېس قىلىدىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى مۇبارەك بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر