ئۇرۇش بوسۇغىسىدا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (21)

1766334
ئۇرۇش بوسۇغىسىدا

ئۇرۇش بوسۇغىسىدا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (21)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئۇرۇش بوسوغىسىدا» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى يېقىنقى ئايلاردا ھەربىي ئارىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ قاتناشقان بۇ جەرياندا ئېغىر داۋالغۇشلار بولماقتا. ھەربىي سەپەرۋەرلىك ۋە تەرەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى بايانلىرىغا قارايدىغان بولساق، چوڭ توقۇنۇشنىڭ باشلىنايلا دەپ قالغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

پۇتىن نۇرغۇنلىغان مۇھىم گېئوپوتىكىلىق مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەربلىك ئاكتىيورلارغا خىرىس قىلىپ،  ھەم ئاجىز رەھبەرلىكتىن، ھەم مەۋجۇت سىياسەتنىڭ كەمچىلىكىدىن پايدىلانماقتا ۋە ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېنمۇ تەكىتلىگەندەك قەدەممۇ-قەدەم گويا يېڭى سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلماقتا. ئۇكرائىنادىن گرۇزىيەگىچە، سۈرىيەدىن لىۋىيەگىچە بولغان مۇھىم توقۇنۇش رايونلىرىدا رۇسىيەگە قارشى بىر لاگىر شەكلىدە غەرب دۆلەتلىرى جىددىي سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا.  بولۇپمۇ بايدىن دەۋرىدە ئامېرىكانىڭ  ىبىرەر سىياسەت ئىشلەپچىقىرالمىغانلىقى، شۇڭا ئىنتايىن ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە  پەيدا بولغان بۇ بوشلۇقنى رۇسىيەنىڭ ئاخىرىغىچە تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلى مەلۇم.

ئەسلىدە، ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان بۇ جەريانمۇ دەل مۇشۇ چوڭ رەسىمنىڭ ئىزنالىرىدۇر. پۇتىن كىيېۋدا ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان ھۆكۈمەتنى ھەزىم قىلىشنى خالىماي، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇكرائىنانى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ئەمما ئۇكرائىنا تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە پولشا قاتارلىق بىر قانچە ئەھمىيەتلىك دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، غەرب لاگىرىدىن جىددىي قوللاشقا ئېرىشەلمىدى. ئامېرىكا بايدىن مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىيالمىدى، ئۇكرائىناغا رۇسىيەگە قارشى بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلمىدى. بۇنداق ئەھۋال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈستەلدە ئولتۇرغان رۇسىيەنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرگەندەك قىلىدۇ. گېرمانىيە بولسا، تارىخىي بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا يول سىياسىتى يۈرگۈزمەكچى بولماقتا. گەرچە ئېنېرگىيەدە رۇسىيەگە تايىنىپ قىلىشتەك چەكلىمە پايدا قىلىدىغان ئامىللار بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېلىپ چىقىدىغان گېئوپولىتىكىلىق تەھدىتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى گېرمانىيە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

ئەلۋەتتە، تولۇق بىر ئىشغالىيەت ھازىرچە مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن رۇسىيە كىيېۋدىكى ھۆكۈمەتنى ئىنتايىن ئاجىزلاشتۇرىدىغان شۇنداقلا دونېتسىك ۋە قىرىمنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان شەكىلدە ھەربىي ئارىلىشىشقا يۈزلەنسىمۇ، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. رۇسىيە يۈزمىڭلىغان ئەسكىرىنى چېگرادا توپلاپ، بېلورۇسىيەگە ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي ئامىللارنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا تېخىچە ھەرىكەتكە ئۆتەلمىدى ۋە پەقەتلا ئىقتىسادىي ئېمبارگولاردىن سۆز قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ چوقۇم خاتىرىلەپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئەھۋال. رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى غەرب لاگىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي ئېمبارگولارغا دۇچار قىلىدىغانلىقى ئېنىق. لېكىن پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدىغان گېئوپولىتىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلىكى بۇ بارلىق بەدەللەرگە نىسبەتەن يەنىلا تولىمۇ ئىشتىھا  ئاچىدىغان ھەلەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر