ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ

باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر.

1766037
ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەريەم سۈرىسى، 76 - 98 -  ئايەتلەر. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر[76]. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟[77] ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ؟ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنمۇ؟[78] ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز[79]. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ[80]. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى بۇتلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇش ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا چوقۇندى[81]. ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى بۇتلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ[82]. بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى (يەنى مۇسەللەت قىلغانلىقىمىزنى) بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ[83]. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز[84]. شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز[85]. گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز[86]. مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ[87]. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى[88]. سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار[89]. بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى[90]. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى[91]. بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر[92]. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر[93]. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى[94]. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ[95]. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ[96]. (ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق[97]. ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)[98].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر