لائودىكېيە قەدىمكى شەھىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا لائودىكېيە قەدىمكى شەھىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

1765847
لائودىكېيە قەدىمكى شەھىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسان يەر يۈزىگە ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان دۇنيا نامەلۇم شەيئىلەر، ئېنىقسىز، قورقۇنچلۇق ئىشلار بىلەن توشۇق ئىدى... ئەمما، بىر ياۋايى ھايۋاندىن ياكى چاقماق چېقىشتىن قورقۇش كۈن تۇتۇلۇشتىن قورقۇش بىلەن ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ئىنساننى ۋەھىمىگە سالغىنىنىڭ بىرىنى قول بىلەن تۇتقىلى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولاتتى، يەنە بىرى بولسا، سەۋەبىنى بىلمەيدىغان، ئىزاھلىيالمايدىغان بىر نەرسە ئىدى. ئىنسان ھەرقانچە قىلىپمۇ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن قورقۇنچلۇق نەرسىنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا باش ئېگىپ، غەزىپىنى قوزغىماسلىققا تىرىشتى، ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىرلەرنى قىلدى. قۇياش، ئاي، چاقماق، دەريا ۋە يانار تاغلارنى ئىلاھ قىلىپ تىكلىدى. دەرەخزارلىقلارنى، تاغلار ۋە سۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلىدى؛  سېھىرگەرلەر، شامانلار، پوپلار ئارقىلىق ئىلاھلار بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ئۆز قوللىرى بىلەن بۇتلارنى ياسىدى؛ بۇ بۇتلارنىڭ بەزىلىرى ئىلاھ، يەنە بەزىلىرى ئىلاھلارغا ھەدىيە قىلىنىدىغان نەزىرلەر ئىدى... ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەپسانىۋى ئىلاھلىرىغا غايەت زور بۇتخانىلارنى سالدى. ئۇلارنىڭ بىر ياراتقۇچىغا ئىشىنىدىغانلىرىمۇ، سانىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان كۆپ ئىلاھلارغا ئىشىنىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. بەزى شەھەرلەر ۋە جايلار مۇقەددەس دەپ قارالدى... ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن دىنلار ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە بارلىققا كېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى. ھىندىستان، ياپونىيە، ۋاتىكان، قۇددۇس، مەككە، مەدىنە قاتارلىقلار دىن تىلغا ئېلىنغان ھامان كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىدىغان تۇنجى دۆلەت ياكى شەھەرلەر ئىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، ئانادولۇ دىنلار تارىخى ھەققىدە توختالماقچى بولغانلار تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان بىر رايون بولۇپ، بۇ يەردە مەدەنىيەتلەر، كۈلتۈرلەر، تارىخ ۋە دىنلار كەينى – كەينىدىن بارلىققا كېلىپ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. شۇ ۋەجىدىنمۇ ئانادولۇ «دىنلار بۆشۈكى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ۋە ئۇلار مۇقەددەس، مۇبارەك ھېسابلايدىغان جايلارنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ ئۈچ ساماۋى دىننىڭ ئېتىقادچىلىرىنى كەم بولسا بولمايدىغان يۆنىلىشلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئانادولۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ قۇددۇستىن كېيىنكى ئىككىنچى مۇھىم مەركىزى. قىيامەت كۈنىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارالغان «يەتتە چېركاۋ» ياكى «ئاخىرەت چېركاۋى»مۇ بۇ دىننىڭ ئانادولۇدىكى ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى. سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنە شۇ چېركاۋلارنىڭ يەتتىنچىسى، يەنى ئەڭ ئاخىرقىسى جايلاشقان لائودىكېيە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىمىز.

* * * * *

پامۇققەلئە ياكى ئەينى چاغدىكى نامى بىلەن خېراپولىسنىڭ كۈلەڭگىسىدە قالغان لائودىكېيە قەدىمكى شەھىرى، ئانچە تونۇلۇپ كەتمىگەن بولۇشىغا قارىماي <ئىككىنچى ئەفەس> دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى لائودىكېيە ئانادولۇنىڭ ئەفەستىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ قەدىمكى شەھىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۆتمۈشى مىلادىدىن 5500 يىل بۇرۇنقى چاغلارغا تۇتىشىدىغان بۇ شەھەر، رىم دەۋرىدە گۈللىنىشى بىلەن داڭق چىقارغانىدى. مەندەرەس دەرياسىدىن ئۇزۇق ئالىدىغان مۇنبەت تۇپراقلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ غەربىي ئانادولۇ بىلەن ئوتتۇرا ئانادولۇنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۈگۈنگە جايلاشقان بولۇشى بۇ باياشاتچىلىقتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. رىم ئىمپېراتورى تەرىپىدىن «بۇتخانا قوغدىغۇچىسى» دېگەن نام بېرىلىپ، باجدىن كەچۈرۈم قىلىنغان بۇ شەھەر بايلىقىغا بايلىق قوشقانىدى.

قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر جۇغراپىيە دانىشمىنى سترابو، بۇ رايوندا يۇڭىنىڭ يۇمشاقلىقى بىلەن داڭ چىقارغان قارا قويلارنىڭ يېتىشىدىغانلىقى ۋە بۇ مال - چارۋىلارنىڭ لائودىكېيەلىكلەرنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇ شەھەر يەنە توقۇمىچىلىق جەھەتتىمۇ ناھايىتى گۈللەنگەنىدى. لائودىكېيەدىلا لايىھەلىنىپ ئىشلەپچىقىرىل غان تون ئۇسلۇبىدىكى كىيىم ناھايىتى بازار تاپقانىدى. لائودىكېيە رەختلىرى سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىناتتى. فىرانسىيەنىڭ لىئون شەھىرىدىكى بىر قەبرە تېشىغا: «بۇ يەردە لائودىكېيە رەختلىرىنى ساتىدىغان بىر سودىگەر ياتماقتا» دەپ يېزىلغانىدى. بۇنىڭدىن شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان رەختلەرنىڭ شۇ دەۋرنىڭ ماركىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

* * * * *

بۈگۈنكى دەنىزلىغا جايلاشقان لائودىكېيە، رىم دەۋرىدە ئىككى تىياتىرخانىسى بار كەم ئۇچرايدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ئەھۋال شەھەرنىڭ باياشاتلىق دەرىجىسى ۋە چوڭلۇقىنىڭ كۆرسەتكۈچى دەپ قارىلىدۇ. لائودىكېيە چوڭ شەھەر بولۇپ، نوپۇسى يېقىن ئەتراپتىكى قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلەتتى. بۇ شەھەر ئانادولۇدىكى سودا، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە مەركەزلىرىنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. ئۇنىڭ يىگىرمە مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان تۇنجى تىياتىرخانىسى ئانادولۇنىڭ ئەڭ چوڭ قەدىمكى تىياتىرخانىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى تىياتىرخانىنىڭ پەلەمپەيلىرىدىكى پۈتۈكلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. تەكشۈرۈلگەن بۇ پۈتۈكلەردىن ئايان بولۇشىچە، رايوننىڭ سودا، مەدەنىيەت ۋە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىنىڭ بۇ تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلەتتى. يەنە پۈتۈكلەر، شەھەردىكى مۇھىم كىشىلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە ئوخشىمىغان شەھەرلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۈچۈن ئايرىم ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقىنى، بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى تىياتىرخانىلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

لائودىكېيە تىياتىرخانىلىرىدىن باشقا، تەنتەربىيە مەيدانى، چېنىقىش ئۆيى ۋە مۇنچىلىرى بىلەنمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ باشقا قەدىمكى شەھەرلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكىمۇ بار؛ لائودىكېيە 17-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن پاسكال ئوتتۇرىغا قويغان <سۇنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى> نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان «تۇتاش قاچىلار پىرىنسىپى»نى داڭلىق ماتېىكاتىك ۋە فىزىكا ئالىمىدىن مىڭ ئالتە يۈز بۇرۇن تەتبىقلىغان بىر قانچە شەھەرنىڭ بىرىدۇر. شەھەرگە يېقىن سۇ مەنبەسى بولمىغاچقا، بۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ تەخمىنەن يىگىرمە كىلومېتىر يىراقلىقتىن لائودىكېيەگە سۇ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. لائودىكېيەلىكلەر ئۈچۈن سۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، «سۇ قانۇنى» چىقىرىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ قەدىمكى دۇنيا ھەققىدىكى ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ ئەتراپلىق قانۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا سۇنى بۇلغىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازالار، سۇنىڭ قايسى رايونلارغا قانداق ۋە قانچىلىك بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

* * * * *

قەدىمكى لائودىكېيە شەھىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مۇھىم مۇقەددەس قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان چېركاۋنىڭ بۇ شەھەرگە جايلاشقان بولۇشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، بۇ بىنا ھەج چېركاۋى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، لائودىكېيە خىرىستىيانلار ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان «يەتتە چېركاۋ» جامائىتىنىڭ بىرى ئۆتكەن شەھەر. ئەۋلىيا يۇھەننا (جون) ئانادولۇدىكى تۇنجى خىرىستىيانلارغا يازغان مەكتۇپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى لائودىكېيە جامائىتىگە ئەۋەتىدۇ. لائودىكېيە جامائىتى باي – باياشاتلىقى بىلەن نام چىقارغان، ئېتىقادىي جەھەتتىن ئاجىز بولغاچقا مەكتۇپ ئارقىلىق تەنقىد قىلىنغان بىردىنبىر جامائەت ھېسابلىنىدۇ. خىرىستىيان ئېتىقادى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈندە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا تەبىئىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

لائودىكېيە تۈركىيەدىكى 12 ئاي بويىچە ئۈزلۈكسىز قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى يولغا قويۇلغان تۇنجى ئارخولوگىيەلىك ئورۇن بولۇپ، قېزىش – تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا، چېركاۋ، تىياتىرخانا ھەمدە «سۈرىيە» ۋە «تەنتەربىيە مەيدانى» دەپ ئاتالغان كوچىلار تۈۋرۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئاخىرقى قېتىم تۇنجى تۈركۈم خىرىستىيانلار مەخپىي دۇئا- تىلاۋەت قىلغان يىگىرمە ھۇجرىلىق «چېركاۋ ئۆيى» تېپىلدى. بۇ ئۆيدە ئەر - ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم- ئايرىم ئىككى زال، تۈرك مۇنچىسى، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە سودا رايونى قىلىپ ئىشلىتىلگەن بۆلەكلەر بايقالدى.

ئانادولۇنىڭ ئەڭ چوڭ، قەدىمكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ تەنتەربىيە مەيدانى، ئىككى تىياتىرخانىسى، تۆت مۇنچىسى، بەش ئاگوراسى، بۇتخانا ۋە ئابىدىۋى كوچىلىرى بار لائودىكېيە، تېخىمۇ كۆپ تونۇلۇشقا لايىق جاي. ئۇ زىيارەتچىلىرىنى ئەسىرلەر ئىلگىرىكى چاغلارغا قايتۇرۇشنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر