رىم مۇنچىلىرىدىن مۇزېيغىچە: ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 21

1764721
رىم مۇنچىلىرىدىن مۇزېيغىچە: ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيى

رىم مۇنچىلىرىدىن مۇزېيغىچە: ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 21

گامزە دەمەچ سىبىچ

***********

ھۆرمەتلىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ قەلب دوستلىرى! قىشنىڭ بۇ گۈزەل كۈنىدە پايتەخت ئەنقەرەدىن ھەممىڭلارغا سالام. ھايات گۈزەلدۇر، ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق… بۈگۈن بىز سىلەرگە «رىم مۇنچىلىرىدىن مۇزېيغىچە: ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيى» نى تونۇشتۇرىمىز.

«ئانادولۇ دەۋرلەر بويى ھەر خىل مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان قەدىمىي جۇغراپىيەدۇر» دېگەن بۇ سۆزنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرىدىغان جاي ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيىدۇر. بۈگۈن سىلەرگە ئەنقەرەنىڭ تۇنجى مۇزىيى بولغان ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيىنى تونۇشتىرىمىز.

ئانادولۇ تىلغا ئېلىنسىلا، سۆز بۇ بىرىنچى جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيىغا كەلگىنىڭىزدە، بۇ سۆزنىڭ ئاددى بىر جۈملە بولماستىن، بەلكى ئانادولۇنىڭ رېئاللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان  قىسقارتىلما  ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز.

ئەنقەرەنىڭ تۇنجى مۇزېيىنىڭ ھېكايىسى 1921-يىللارغا تۇتىشىدۇ. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مەركەزدە بىر ئېتى مۇزېيى قۇرۇش پىكرى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھىتىت ئاسارە-ئەتىقىلىرى توپلىنىشقا باشلىنىدۇ ۋە ھەشەمەتلىك ئانادولۇ تارىخىنىڭ ئابىدەلىرى توپلانماقچى بولغان يېڭى مۇزېيىدا بىر يەرگە جەم قىلىنىدۇ.

ئەينى چاغنىڭ مەدەنىيەت دېرىكتورى غالىپ بەي ئەنقەرە قەلئەسىنىڭ ئاققەلئە قورغىنىنى، ئاۋغۇستۇس بۇتخانىسىنى ۋە رىم مۇنچىسىنى مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ، تۇنجى قەدەمنى باسىدۇ. ئاققەلئەنىڭ چەكلىك رايونى يەتمىگەندە، ئەنقەرە قەلئەسىنىڭ يېنىدىكى بىكار تۇرغان مەھمۇتپاشا بەدەستانى ۋە قۇرشۇنلۇ بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ.

 

«ياۋروپا بويىچە يىلنىڭ ئەڭ ئىلغار مۇزېي»

1943-يىلى رېمونت قىلىش تاماملانغان بەدەستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئانادولۇ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيى 1997-يىلى 68 مۇزېي ئىچىدە «ياۋروپا بويىچە يىلنىڭ ئەڭ ئىلغار مۇزېي» بولۇپ تاللىنىدۇ ۋە ئۆزگىچە يىغىپ ساقلانغان ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئاز ساندىكى مۇزېيلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئانادولۇنىڭ تارىخىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان مەدەنىيەتلەر كارىدورى

مۇزېيدىكى ئاسارە-ئەتىقىلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئايرىلغان بۆلۈملەردە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

ئۈستۈنكى زالدا قەدىمكى دەۋرلەر، خولكولىت دەۋرى، قەدىمىي مىس قوراللار دەۋرى، ئاسسۇرىيە سودا مۇستەملىكىسى دەۋرى، قەدىمىي ھىتىت ۋە ھىتىت ئىمپېرىيەسى دەۋرى، فرىگيە خانلىقى، ئاخىرقى ھىتىت پادىشاھلىقى، ئۇرارتۇ پادىشاھلىقى ۋە تۆۋەنكى زالدا ئەسىرلەر بويى ئەنقەرە شۇنداقلا كلاسسىك دەۋرلەر بۆلۈملىرى ئورۇن ئالىدۇ.

قەدىمىي دەۋرلەردىن تارتىپ ئوسمانلى دەۋرىگىچە بولغان مول ئەسەرلەر توپلىمىغا ئىگە بولغان مۇزىيدا، ھىتىت ۋە ئۇرارتۇ دەۋرىگە تەۋە ئۆزگىچە ئەسەرلەر زىيارەتچىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.

ھىتىتلارنىڭ دىنىي مۇراسىملىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان «ئىناندىك لوڭقىسى»

ھىتىتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى «Inandik Vase»«ئىناندىك لوڭقىسى» دۇر. مىلادىدىن بۇرۇنقى 17-ئەسىرگە مەنسۇپ دەپ قارالغان ۋە ھىتىتلارنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ مەدەنىيەت بايلىقى، 1966-يىلى چانكىرىنىڭ ئاناندىك رايونىدىن تېپىلغان ئىدى.

ئۈستىدە پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ مۇقەددەس توي مۇراسىمى تەسۋىرلەنگەن بۇ لوڭقا ئىناندىكنى قىممەتكە ئىگە قىلغان بىر ئەسەر. لوڭقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، تۆكۈلگەن ئىچىملىكلەرنىڭ لوڭقىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان بۇقا بېشىدىن ئۆتكەندە ئايلانما شەكىل ھاسىل قىلىدىغانلىقىدۇر.

ئەنقەرەنىڭ سىمۋولى: «قۇياش دىسكىسى»

ھاتتى دەۋرىگە تەۋە دەپ ئاتالغان قۇياش دېسكىسى مىستىن ياسالغان بولۇپ، تەخمىنەن 4250 يىل ئىلگىرى دىنىي مۇراسىملاردا ئىشلىتىلگەن. قۇياش دىسكىسى ھىتىتلارنىڭ ئانادولۇغا كېلىشىدىن تەخمىنەن 300 يىل بۇرۇن ياسالغان بولۇپ، ھاتتى پادىشاھلىرى ۋاپات بولغاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سېمۋوللار بىلەن دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

«تۇمشۇق ئېغىزلىق ئالتۇن قاچا» ئەمدىلىكتە ئۆزى تەۋە بولغان يەردە

مۇزېيغا ھازىرغىچە ئېلىپ كېلىنگەن مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى «تۇمشۇق ئېغىزلىق ئالتۇن قاچا» دۇر. ئەنگلىيەدە بىر فوندى جەمئىيەتتە تېپىلغان ھاتتى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىق، مۇزېينىڭ 100 - يىللىقىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەۋە بولغان يەرگە ئېلىپ كېلىندى.

 

ئانادولۇدىكى تۇنجى شەھەر دۆلىتى: «ئارسلانتەپە»

44-نۆۋەتلىك دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىدا چىقىرىلغان قارار بىلەن UNESCO دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئارسلانتەپە ئاقسۆڭەكلەر تۇغۇلغان ۋە تۇنجى دۆلەت شەكلى بارلىققا كەلگەن جاي بولغانلىقى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم  ئەمىيەتكە ئىگە.

كىرىش دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى شىر ھەيكەللەر ۋە «مۇتەللا» دەپ ئاتالغان پادىشاھ ھەيكىلى دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئارسلانتەپە تېغىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تېپىلغان ئىدى.

ھەيكەللەر ئەسەرلەر تېپىلغان چاغدا مالاتيا مۇزېيدا بولغاچقا ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى. ئىككى شىر ۋە پادىشاھ مۇتەللانىڭ ھەيكىلى شۇ كۈندىن بۇيان تارىخىي ئورنىغا رىئايە قىلىنغان ئاساستا ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر