ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن

بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

1762617
ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەريەم سۈرىسى، 64 - 75 ئايەتلەر. بىز (دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ[64]. ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟[65]. ئىنسان (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كاپىر): «مەن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلەمدىم؟» دەيدۇ[66]. ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟[67]. پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز[68]. ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز[69]. ئاندىن بىز دوزاخ ئازابىغا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز[70]. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر[71]. ئاندىن تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز[72]. ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى[73]. ئۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، ئۇلاردىن ئارتۇق ئىدى[74]. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»[75].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر